تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئالەم بوشلۇقى ئارزۇسىنى قوغلىشىپ يەنە سەپەرگە ئاتلىنىش

− شېنجوۋ 19 ـ نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنى قويۇپ بېرىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان پەيتتە

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى لى گولى، گو مىڭجى، سۇن لۇمىڭ

سەھەر سائەت 4تىكى غەربىي شىمال قۇملۇقى، جاھان تۈن پەردىسى بىلەن قاپلانغان، ئەتراپ جىمجىت ھەم سوغۇق ئىدى.

قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىدىكى جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىنىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قويۇپ بېرىش مەيدانىدا چىراغلار چاقناپ، يەنە بىر قېتىم دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ئۇچۇش جىمجىت كۈتۈۋېلىنماقتا ئىدى −

10 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى سائەت 4تىن 27 مىنۇت ئۆتكەندە، شېنجوۋ 19 ـ نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنى ئېلىپ ماڭغان چاڭجېڭ 2 ـ نومۇرلۇق F تىپلىق يىراقتىن تىزگىنلىنىدىغان 19 بەلگىلىك توشۇغۇچى راكېتا ئوت يېقىلىپ قويۇپ بېرىلدى، ئۈچ ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالەم بوشلۇقىغا يەتكۈزۈلىدۇ.

25 يىل ئىلگىرى، دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى شېنجوۋ ئالەم كېمىسى بۇ يەردىن بوشلۇققا كۆتۈرۈلۈپ، ئالەم بوشلۇقىنى بىر كۈن كېزىپ ئوڭۇشلۇق قايتىپ كېلىپ، ئاسمان ـ زېمىن ئارىسىدا بېرىپ ـ كېلىشتىن ئىبارەت زور بۆسۈشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇرغانىدى؛

25 يىلدىن كېيىن، شېنجوۋ 19 ـ نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى يەنە بۇ يەردىن جۇڭگو ئالەم بوشلۇقى پونكىتىغا ئاتلاندى، «70 ـ يىللاردا تۇغۇلغان» «80 ـ يىللاردا تۇغۇلغان» «90 ـ يىللاردا تۇغۇلغان» ئالەم ئۇچقۇچىلىرى «تيەنگۇڭ»دا جەم بولۇپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا 5 ـ قېتىم «ئۇچرىشىشى»نى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

ئالەم بوشلۇقى ئارزۇسىنى قوغلىشىپ، قەھرىمانلار سەپەرگە ئاتلاندى. توغراقلار ئالتۇن رەڭگە كىرگەن بۇ كەچ كۈزدە، دۇڭفېڭ ئالەم قاتنىشى شەھەرچىسىدىكى بۇ ئۇيقۇسىز كېچە ئېنىقكى ئادەملىك ئالەم قاتنىشى تارىخى سەھىپىسىدە مەڭگۈلۈك شانلىق ئىز قالدۇرىدۇ.

يېرىم كېچىدە ۋېنتيەندىن سەپەرگە ئاتلىنىش

10 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى تاڭ سەھەر، دۇڭفېڭ ئالەم قاتنىشى شەھەرچىسىدىكى ۋېنتيەنگې.

«شەرقىي يۈخاڭ يولى» بىلەن «خاڭتيەن يولى» كېسىشكەن جايدىكى يۈەنمېڭيۈەن مەيدانىدا قىزىل بايراقلار لەپىلدەپ تۇراتتى، بۇ يەرگە بالدۇرلا كەلگەن ئۇزاتقۇچىلار توپى يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئۇزۇن ئىككى رەت بولۇپ تىزىلغانىدى.

سائەت 1دىن 37 مىنۇت ئۆتكەندە، شېنجوۋ 19 ـ نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئالەم ئۇچقۇچىلىرى گۇرۇپپىسىنىڭ سەپەرگە ئاتلىنىش مۇراسىمى بۇ يەردە ئۆتكۈزۈلدى، سەي شۈجې، سۇڭ لىڭدۇڭ، ۋاڭ خاۋزېدىن ئىبارەت ئۈچ ئالەم ئۇچقۇچىسى ئۇچىسىغا بۆلۈمچە ئىچىدە كىيىدىغان سۈت رەڭلىك ئالەم قاتنىشى كىيىمىنى كىيىپ ۋېنتيەنگېنىڭ جەنۇبىي يان ئىشىكىدىن ئاستا مېڭىپ چىقتى.

ئۇلار ماڭغاچ ئۇزاتقۇچىلار توپىغا قول ئىشارىسى قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى، ئۇزاتقۇچىلار توپىمۇ «ئالەم ئۇچقۇچىلىرىدىن ئۆگىنىمىز، ئالەم ئۇچقۇچىلىرىغا ئېھتىرام بىلدۈرىمىز» «سىلەرگە مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمىز، زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كېلىشىڭلارنى كۈتىمىز» دەپ شوئار توۋلىدى.

بۇ، جۇڭگولۇقلارنىڭ 14 ـ قېتىم ئالەم بوشلۇقىغا سەپەر قىلىشى.

كوماندىر سەي شۈجې ئوتتۇرىدا ماڭدى. 2022 ـ يىلى، ئۇ تۇنجى قېتىم ئۆزىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا ئۇچۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ يەرشارىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن «كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئالەم بوشلۇقى ماكانىغا قايتا بېرىشنى ئۈمىد قىلىمەن» دەپ بىلدۈرگەنىدى.

ئارىدىن 22 ئاي ئۆتۈپلا، ئۇنىڭ ئارزۇسى يەنە رېئاللىققا ئايلاندى. ئۇ چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن مۇنداق دېدى: «ۋەتەن ۋە خەلق تىرەك بولغاچقىلا، مەن قايتا ـ قايتا ئالەم بوشلۇقىغا ئاتلىنالىدىم».

سەي شۈجېنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئۇنىڭ «90 ـ يىللاردا تۇغۇلغان» ئىككى سەپدىشى ماڭدى.

سۇڭ لىڭدۇڭ تاللىنىشتىن ئىلگىرى ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ كۈرەشچى ئايروپىلان ئۇچقۇچىسى ئىدى، ئۇ دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى ئالەم بوشلۇقىغا ئۇچقان «90 ـ يىللاردا تۇغۇلغان» ئەر ئالەم ئۇچقۇچىسى. كۆكتە پەرۋاز قىلىشتىن ئالەم بوشلۇقىنى كېزىشكىچە، ئۇ بۇرچنى يەردە قويماي، «ۋەتەننىڭ شان ـ شەرىپىنى ئالەم بوشلۇقىغا پۈتۈش»نى ئۈمىد قىلدى.

ۋاڭ خاۋزې تاللىنىشتىن ئىلگىرى ئالەم قاتنىشى پەن ـ تېخنىكا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئالەم قاتنىشىنى ئالغا سىلجىتىش تېخنىكىسى تەتقىقات ئورنىنىڭ ئالىي ئىنژېنېرى ئىدى، ئۇ ھازىر دۆلىتىمىزدىكى بىردىنبىر ئايال ئالەم قاتنىشى ئۇچۇش ئىنژېنېرى، شۇنداقلا ليۇ ياڭ، ۋاڭ ياپىڭدىن كېيىنكى، دۆلىتىمىزدىكى ئادەملىك ئالەم قاتنىشى ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغان 3 ـ ئايال.

پەن تەتقىقات خادىمىدىن ئالەم ئۇچقۇچىسى بولۇشقىچە، ئالەم بوشلۇقىدا ئۇچۇشقا تىرەك بولۇشتىن ئۆزى ئالەم بوشلۇقىغا ئۇچۇشقىچە، ۋاڭ خاۋزې مۇنداق دېدى: «گەرچە سالاھىيىتىم ئۆزگەرگەن بولسىمۇ، ئالەم قاتنىشىدا ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسىتىم ۋە بۇرچۇم ئۆزگەرمىدى».

«جەۋلان قىلار بەش يۇلتۇزلۇق قىپقىزىل بايراق، غەلىبە ناخشىمىز شۇقەدەر ياڭراق...» «ۋەتەنگە مەدھىيە» ناملىق ناخشىنىڭ مېلودىيەسى ياڭرىغاندا، دۇنخۇاڭ تەتقىقات ئورنىنىڭ پەخرىي باشلىقى 86 ياشلىق فەن جىنشى قولىدىكى دۆلەت بايرىقىنى پۇلاڭلاتقىنىچە ئەگىشىپ خور ئېيتتى.

شېنجوۋ 19 ـ نومۇرنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى ئۇزىتىپ قويۇش ئۈچۈن، «دۇنخۇاڭ قىزى» دەپ تەرىپلەنگەن بۇ موماي ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا، ئالايىتەن دۇنخۇاڭدىن ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ سەپەرگە ئاتلىنىش مۇراسىمى نەق مەيدانىغا كەلگەنىدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، موماي مۇنداق دېدى: «مېنىڭ تەتقىق قىلىدىغىنىم غار ئىچىگە سىزىلغان ئاسماندا ئۇچۇش، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بولسا ھەقىقىي ئالەم بوشلۇقىدا ئۇچىدۇ، مەن ئۇلارغا ئىنتايىن قايىل».

دۇنخۇاڭدىن جيۇچۈەنگىچە، پەقەت نەچچە يۈز كىلومېتىرلا كېلىدۇ.

ئاسمانغا ئۇچۇشتىن ئالەم بوشلۇقىغا ئۇچۇشقىچە بولسا، مىڭ يىل ئۆتۈپ كەتتى.

«يولغا چىقىڭلار!»

سائەت 1دىن 38 مىنۇت ئۆتكەندە، جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشىنىڭ باش قوماندانى، ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنى ئەمەلىي قوللىنىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش باسقۇچىدىكى ئۇچۇش ۋەزىپىسى باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى شۈ شۆچياڭ بۇيرۇق بەردى، ئۈچ ئالەم ئۇچقۇچىسى بۇيرۇققا بىنائەن سەپەرگە ئاتلاندى.

2003 ـ يىلى ياڭ لىۋىي تۇنجى قېتىم ئالەم بوشلۇقىغا ئۇچقاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، «60 ـ يىللاردا تۇغۇلغان»لاردىن «90 ـ يىللاردا تۇغۇلغان»لارغىچە، 24 نەپەر ئالەم بوشلۇقىغا ئۇچۇش قەھرىمانى بۇ يەردىن قايتا ـ قايتا ئالەم بوشلۇقىغا ئۇچۇش سەپىرىگە ئاتلاندى.

ھەر قېتىملىق قول پۇلاڭلىتىپ خوشلىشىش جۇڭگونىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىدىكى يېپيېڭى بۆسۈش؛ ئالەم بوشلۇقى ھەققىدىكى ھەربىر قېتىملىق سوئال سوراش ئالەم قاتنىشى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنىڭ پۇختا ئىزىنى سىزىپ چىقتى.

ئەزىمەتلەرنى ئارزۇ قوغلىشىپ ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە ئۇزىتىپ قويۇش

ئۈچ ئالەم ئۇچقۇچىسى ئاپتوموبىلغا چىقىپ ۋېنتيەنگېدىن ئايرىلغاندا، ئالتە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىنىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قويۇپ بېرىش مەيدانىدا، قويۇپ بېرىش تەرتىپى تەتۈر ساناق خىزمەت ھالىتىگە كىرگەنىدى.

قويۇپ بېرىش مەيدانىدا، كۆزىتىش چىرىغىنىڭ يورۇتۇشىدا، چاڭجېڭ 2 ـ نومۇرلۇق F تىپلىق يىراقتىن تىزگىنلىنىدىغان 19 بەلگىلىك توشۇغۇچى راكېتا ۋە شېنجوۋ 19 ـ نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ بىرىكمە گەۋدىسى كېچە ئاسمىنىدا بارغانسېرى ئېنىق كۆرۈندى.

«،5 ،4 ،3 ،2 ،1 ئوت يېقىلسۇن!»

سائەت 4تىن 27 مىنۇت ئۆتكەندە، 0 ـ نومۇرلۇق قوماندان جاۋ لېينىڭ بۇيرۇقى قويۇپ بېرىش مەيدانى رايونىدا ياڭرىدى. چاڭجېڭ ناملىق راكېتا قۇيرۇق تەرىپىدىن ئۇزۇن يالقۇن چىقىرىپ كۆتۈرۈلۈپ، پايانسىز ئاسمانغا تىك ئۆرلىدى.

كۆز ئالدىدىكى قوماندانلىق قىلىش ـ تىزگىنلەش مەركىزى ئېكرانىدىكى ئەمەلىي ۋاقىتتىكى كۆرۈنۈشكە سېلىشتۇرغاندا، ئۇ گۈلدۈرلىگەن ئاۋازنى بىرنەچچە سېكۇنت كېيىن ئاڭلىدى.

بۇ، جاۋ لېينىڭ بۇ يىل 2 ـ قېتىم ئادەملىك ئۇچۇش ۋەزىپىسىنىڭ 0 ـ نومۇرلۇق قوماندانلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى. قويۇپ بېرىش تەرتىپىگە كىرگەندىن تارتىپ ئوت يېقىشقىچە، ئۇنىڭ 100دىن ئارتۇق بۇيرۇق بېرىشىگە توغرا كېلەتتى.

قويۇپ بېرىشتىن ئىلگىرىكى 30 مىنۇتتىن باشلاپ، ئۇ قويۇپ بېرىش مەيدانىدىكى پۈتكۈل ۋەزىپە ئىجرا قىلىش كوللېكتىپىنىڭ قوماندانى بولۇپ، ھەم ھەرقايسى سىستېمىلارنىڭ تېخنىكىلىق ھالىتى، سىناش مېخانىزمىنى ئېنىق بىلىشى، ھەم كۈچنى تەڭشەپ تەقسىملەشكە ماھىر بولۇشى، پىلاننى ماسلاشتۇرۇشقا پىششىق بولۇشى، يەنە تاسادىپىي ئەھۋاللارنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، پۇختا، ئىلمىي بىر تەرەپ قىلىپ، ھەرقانداق خاتالىقنىڭ كۆرۈلۈشىگە يول قويماسلىقى كېرەك ئىدى.

«<0 ـ نومۇر> بىرلا ئادەم ئەمەس، بەلكى بىر كوللېكتىپ.» جاۋ لېي مۇنداق دېدى: كۆپچىلىكنىڭ ئىش تەقسىماتى ئېنىق، ماسلىشىشى زىچ بولۇپ، خۇددى بىر نازۇك ماشىنىغا ئوخشاش تەرتىپلىك ھالدا ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قىلىدۇ.

راكېتا گۈلدۈرلەپ، جاھاننى تىترەتتى. قويۇپ بېرىش مۇنارىدىن ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى دۇڭفېڭ قويۇپ بېرىش مەيدانى رەقەملەشتۈرۈش ـ ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش مەركىزىدە، كۆرسىتىش ئېكرانىدا قويۇپ بېرىش مۇنارى، خادىملارنىڭ ھالىتى ۋە ئۈسكۈنىلەرنىڭ يۈرۈشۈش پارامېتىرى قاتارلىقلار ئەمەلىي ۋاقىتتا كۆرسىتىلىپ تۇراتتى.

«بۇ يەردە بىز بارلىق بايلىقنىڭ ھالىتى ۋە ۋەزىپە تەرتىپىنى ئەمەلىي ۋاقىتتا ئىگىلەپ، مەركەزلىك كۆزىتىپ، تىزگىنلەپ، ئالەم قاتنىشى قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسىنى ئاپتوماتىك پىلانلاش ۋە كۈندىلىك خىزمەتلەرنى مەلۇم قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئەسلىھەلەرنىڭ ئىشەنچلىكلىكى، بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتەلەيمىز» دېدى ئىنژېنېر خۇ يۇڭگاڭ.

مەيلى مەھسۇلاتنىڭ ھالىتىنى تەكشۈرۈش ۋە سۈپىتىنى قايتا تەكشۈرۈش بولسۇن ياكى يۆتكەپ ئېسىپ قۇراشتۇرۇش، ھىملىقىنى تەكشۈرۈش ۋە ئاشۇرۇش بولسۇن، رەقەملەشتۈرۈش ـ ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش مەركىزىدە ئەمەلىي ۋاقىتتا كۆزىتىش ـ تىزگىنلەش ئۈسكۈنىسى ۋە تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ ئارقىلىق چارلاش قويۇپ بېرىش مەيدانىنىڭ «ئۆتكۈر كۆزى» بولۇپ، قويۇپ بېرىش مەيدانىنى ئومۇميۈزلۈك كۆزىتىپ ئۆلچەپ، تېخنىكا رايونىدىكى سىناش خادىملىرىغا ئەمەلىي ۋاقىتتىكى يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى كۆرۈنۈشنى ئۇلاپ بېرىپ، قويۇپ بېرىش مەيدانىدىكى خىزمەتلەرنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، پۇختا قانات يايدۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ.

«چىڭشەن USB رادارىنىڭ ئىز قوغلىشى نورمال.»

راكېتاغا ئوت يېقىلىپ ئۇچقاندىن كېيىن، ئىنژېنېر ۋاڭ لۇ ئەڭ ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ. ئۇ تۇرۇشلۇق ئۆلچەش ـ تىزگىنلەش پونكىتى قويۇپ بېرىش مەيدانىغا يەتتە كىلومېتىرلا كېلىدىغان بولۇپ، شېنجوۋ 19 ـ نومۇر ئۆلچەش ـ تىزگىنلەش ۋەزىپىسى زەنجىرىدىكى بىرىنچى بېكەت ھېسابلىنىدۇ.

1994 ـ يىلى داشۆنى پۈتكۈزۈپلا، ۋاڭ لۇ بۇ يەرگە كەلگەن، مۇشۇ يىللاردا شېنجوۋ 1 ـ نومۇر ۋەزىپىسىگە قاتناشقاندىن بۇيانقى بارلىق ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسىدە ئۇ شۇ ئورۇندىكى نوپۇزلۇق تېخنىك بولۇپ، ھەر قېتىملىق ۋەزىپىدە ئاپپارات ئۆيىدە توختىماي ئالدىراش ئىشلىدى.

30 يىل بۇ يەردە يىلتىز تارتقان ۋاڭ لۇ ھەربىر ئۆلچەش ـ تىزگىنلەش ئۈسكۈنىسىنى بەش قولدەك پىششىق بىلسىمۇ، ئەمما قويۇپ بېرىشنى ئەزەلدىن نەق مەيداندا كۆرۈپ باقمىدى. «ئىش ئورنۇمدا بولسام ئاندىن كۆڭلۈم خاتىرجەم بولىدۇ».

بۇمۇ ھەم سانسىزلىغان ئالەم قاتنىشى خادىملىرىنىڭ دائىملىق ھالىتى. ئالدىغا ۋەزىپە كەلگەندە، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىگە نەق مەيداندا قويۇپ بېرىلگەن چاغدىكى زىلزىلىنى ھېس قىلىش پۇرسىتى بولمايدۇ. ئۇلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، قويۇپ بېرىش پەقەت ئېكراندىكى بىر نۇر بەلگىسى ياكى كۆكتىكى گۈلدۈرلىگەن ئاۋاز ھېسابلىنىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، 3000 كىلومېتىردىن ئارتۇق يىراقلىقتىكى ۋېنچاڭ ئالەم قاتنىشى قويۇپ بېرىش مەيدانىدا، ئادەتتىن تاشقىرى كۈچلۈك تەيفېڭ بورىنى «موجيې»نىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، تيەنجوۋ 8 ـ نومۇر ۋەزىپىسى يېڭى پىلان بويىچە پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلىۋاتقان بولۇپ، 11 ـ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا مۇۋاپىق پەيتتە قويۇپ بېرىلىدۇ. ئايغا چىقىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان قويۇپ بېرىش مەيدانى، ئۆلچەش ـ تىزگىنلەش بويىچە خەۋەرلىشىش، قونۇش مەيدانى قاتارلىق يەر يۈزى سىستېمىلىرىمۇ تەتقىق قىلىپ ياسىلىۋاتىدۇ، قۇرۇلۇۋاتىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ 4 ـ تۈركۈمدىكى زاپاس ئالەم ئۇچقۇچىلىرى كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ ئادەملىك ئايغا چىقىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىپ، ئۇچقۇنى تىزگىنلەشتىن ئاي شارى ئاپتوموبىلىنى ھەيدەشكىچە، ئاسمان جىسىملىرىنى پەرقلەندۈرۈشتىن گېئولوگىيەلىك ئىلمىي تەكشۈرۈشكىچە، ئالەم بوشلۇقىدا ئېغىرلىقىنى يوقىتىپ لەيلەشتىن ئاي شارى يۈزىدە ئېغىر يۈكنى كۆتۈرۈپ مېڭىشقىچە بولغان ئىقتىدارنى يەنىمۇ مەشىق قىلماقتا.

ئارزۇ − ئارىلىق بىلەن مۇناسىۋەتسىز ماس قەدەمدە بولۇشتۇر.

قۇملۇقتىكى جيۇچۈەندىن دېڭىز ساھىلىدىكى ۋېنچاڭغىچە، چاڭئېنىڭ ئايغا چىقىشىدىن موگاۋ غارىدىكى ئاسماندا ئۇچۇش تەسۋىرلەنگەن تام رەسىملىرىگىچە، شېنجوۋ 1 ـ نومۇرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلىشىدىن شېنجوۋ 5 ـ نومۇرنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا ئۇچۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغىچە، جۇڭگو ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنىڭ قەرەلىدە پۈتۈشىدىن ئادەملىك ئايغا چىقىشنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىلگىرىلىشىگىچە... ئۇزاق يىللاردىن بۇيان، جۇڭگولۇقلارنىڭ ئالەم بوشلۇقىغا بولغان ئىنتىلىشى ۋە ئىزدىنىشى ئەزەلدىن توختاپ قالمىدى.

يۇلتۇزلار ئارا سەپەرگە ئاتلىنىپ مەڭگۈ ئالغا ئىلگىرلەش

راكېتا تۈن پەردىسى يېيىلغان كېچە ئاسمىنىغا شۇڭغۇپ، يۇلتۇز نۇرىدەك چېكىتكە ئايلىنىپ، ئاستا ـ ئاستا كىشىلەرنىڭ نەزەر دائىرىسىدىن غايىب بولدى. قويۇپ بېرىش مۇنارىغا 1.5 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى باش قۇراشتۇرۇش سىناق زاۋۇتى ئۆيى ئالدىدا، قويۇپ بېرىشنى كۆرۈۋاتقان كىشىلەر توپىنىڭ ئۇزاققىچە ئايرىلغۇسى كەلمىدى.

مۇشۇ پەيتتە، چاڭجېڭ 2 ـ نومۇرلۇق F تىپلىق يىراقتىن تىزگىنلىنىدىغان 20 بەلگىلىك توشۇغۇچى راكېتا بىلەن شېنجوۋ 20 ـ نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى بۇيرۇق كۈتۈش ھالىتىگە كىرگەنىدى.

«ئىنسانلارنىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى پائالىيىتى باشتىن ـ ئاخىر خەۋپ ـ خەتەر ۋە خىرىسقا تولغان.» جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى، جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لىن شىچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى پۈتۈن سېپى باشتىن ـ ئاخىر سۈپەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، بىخەتەرلىكنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇردى، باشتىن ـ ئاخىر ئالەم قاتنىشى خادىملىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى باش ئورۇنغا قويدى.

شېنجوۋ 12 ـ نومۇر ۋەزىپىسىدىن باشلاپ، دۆلىتىمىز ئادەملىك ئالەم كېمىسى قويۇپ بېرىشتە «بىرنى قويۇپ بېرىش، بىرنى زاپاس تەييارلاش»تەك ئايلانما زاپاس تەييارلاش ئەندىزىسىنى قوللاندى. تاسادىپىي ئەھۋال كۆرۈلگەن ھامان، زاپاس تەييارلانغان توشۇغۇچى راكېتا بىلەن ئادەملىك ئالەم كېمىسى بۇيرۇق كۈتۈش ھالىتىدىن تېز سۈرئەتتە قويۇپ بېرىش ھالىتىگە ئۆتۈپ، ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدۇ.

بۇ قېتىمقى قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىغان چاڭجېڭ 2 ـ نومۇرلۇق F تىپلىق توشۇغۇچى راكېتا دۆلىتىمىزدە ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىردىنبىر ئادەملىك ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىغان توشۇغۇچى راكېتا، شۇنداقلا نۆۋەتتە دۆلىتىمىزنىڭ بارلىق توشۇغۇچى راكېتالىرى ئىچىدە سىستېمىسى ئەڭ مۇرەككەپ بولۇپ، «خاسىيەتلىك راكېتا» دېگەن گۈزەل نامى بار.

ئادەملىك ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلمايدىغان راكېتاغا سېلىشتۇرغاندا، چاڭجېڭ 2 ـ نومۇرلۇق F تىپلىق توشۇغۇچى راكېتادىلا بار بولغان كاشىلىلارنى تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىش، قېچىپ قۇتۇلۇش سىستېمىسى جىددىي ئەھۋالدا ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ بىخەتەر قايتىپ كېلىشىگە ياردەم بېرىشنى مەقسەت قىلغان.

تاشقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا، چاڭجېڭ 2 ـ نومۇرلۇق F تىپلىق ئالەم كېمىسىنىڭ چوققىسىدا چاقماق قايتۇرغۇچقا ئوخشىشىپ كېتىدىغان بىر ئۇچلۇق مۇنارسىمان قۇرۇلما كۆپەيگەن بولۇپ، ئۇ ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ قېچىپ ئۇچۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان قېچىش مۇنارى ئىدى − ئادەملىك ئالەم قاتنىشىنى دەلىللەشنىڭ دەسلىپىدىلا، قېچىش سىستېمىسى كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، «پەقەت ئادەملىك كېمە بولسىلا جەزمەن بۇ سىستېما بولۇشى كېرەك» ئىدى.

«يىراقتىن تىزگىنلىنىدىغان 19 بەلگىلىك توشۇغۇچى راكېتانىڭ قېچىش سىستېمىسىنى تېخنىكا جەھەتتىن سىجىل ياخشىلىدۇق، بىزنىڭ قېچىش سىستېمىسىنىڭ ئىشەنچلىكلىكى ھەققىدىكى ئىزدىنىشىمىز مەڭگۈ توختاپ قالمايدۇ» دېدى جۇڭگو توشۇغۇچى راكېتا تېخنىكا تەتقىقات ئورنىدىكى ۋېي ۋېي.

دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى ئالەم ئۇچقۇچىسى ياڭ لىۋېي ئىلگىرى شېنجوۋ 5 ـ نومۇر ۋەزىپىسىدە رىزونانس ھادىسىسىنى باشتىن كەچۈرگەن. ئۇ «ئالەم بوشلۇقىدىكى بىر كۈن» دېگەن ماقالىسىدە: «رىزونانس ھادىسىسى ئەگرى سىزىق شەكلىدە ئۆزگەرمەكتە، ئازابلىق تۇيغۇ بارغانسېرى كۈچىيىپ، ئىچكى ئەزالىرىمنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئېزىلىپ كېتىدىغاندەك قىلاتتى، مەن بەرداشلىق بېرەلمەي قالدىم، ئۆزۈمنى بولالماي قالغاندەك ھېس قىلدىم» دەپ يازغان.

بۇنداق ئەھۋال شېنجوۋ 6 ـ نومۇر ئۇچقاندا زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، كېيىنكى ئالەم قاتنىشى ئۇچۇشىدا قايتا كۆرۈلۈپ باقمىدى. شېنجوۋ 6 ـ نومۇرنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىسى نيې خەيشېڭ مۇنداق دېدى: «بىز ئولتۇرغان راكېتا، ئالەم كېمىسى ئىنتايىن راھەت بولۇپ، تەۋرىنىشنى ئاساسەن ھېس قىلغىلى بولمايتتى».

ئۇزاقتىن بۇيان، راكېتانى ئەلالاشتۇرۇش، ياخشىلاش قەدىمى ئەزەلدىن توختاپ قالمىدى.

«ئاجىز ھالقىلارنى سىجىل، ئۈزلۈكسىز تۈگىتىش، تېخنىكا ھالىتىنى ئەلالاشتۇرۇش ئارقىلىق، چاڭجېڭ 2 ـ نومۇرلۇق F تىپلىق يىراقتىن تىزگىنلىنىدىغان 19 بەلگىلىك توشۇغۇچى راكېتانىڭ ئىشەنچلىكلىكىنى باھالاش قىممىتى 0.9904كە ئۆستى» دېدى جۇڭگو توشۇغۇچى راكېتا تېخنىكا تەتقىقات ئورنىدىكى چېن مۇيې.

قويۇپ بېرىشنىڭ ئىشەنچلىك، بىخەتەر بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، چاڭجېڭ 2 ـ نومۇرلۇق F تىپلىق راكېتا كوللېكتىپى قويۇپ بېرىش مەيدانى تەرتىپىنى ئۈزلۈكسىز رەتلەپ ئەلالاشتۇرۇپ، ئۆلچەش ـ قويۇپ بېرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى. چېن مۇيې مۇنداق بىلدۈردى: شېنجوۋ 19 ـ نومۇر ۋەزىپىسىنى ئۆلچەش ـ قويۇپ بېرىش تەرتىپى 30 كۈنگە ئەلالاشتۇرۇلدى.

دۆلىتىمىزنىڭ توشۇغۇچى راكېتاسى «چاڭجېڭ» نامى بىلەن ئاتالدى.

«بۇ ئىسىمغا نىسبەتەن، كۆپچىلىكنىڭ پىكرى يۈكسەك بىردەك بولدى.» جۇڭگو توشۇغۇچى راكېتا تېخنىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى دۇڭ چۇن ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60 ـ يىللىرىدا توشۇغۇچى راكېتاغا نام بېرىش جەريانىنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «ئاسماننىڭ ئېگىزلىكى، يولنىڭ ئۇزۇنلۇقى، ئالەم بوشلۇقى ۋەزىپىسىنىڭ مۈشكۈللۈكىنى پەقەت قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپىرى بىلەنلا سېلىشتۇرغىلى بولىدۇ».

قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلانغان مەزگىلدە «17 ئەزىمەت»نى باشلاپ دادۇخې دەرياسىدىن بۆسۈپ ئۆتكەن يىڭجاڭ سۈن جىشيەن جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىنىڭ ئاساسى بولغان جۇڭگودىكى تۇنجى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئۇنىۋېرسال سىناق قارىغا ئېتىش مەيدانىنىڭ تۇنجى سىلىڭيۈەنى ئىدى.

غەربىي شىمالدىكى بۇ چۆللۈكتە، سۈن جىشيەن تاشلىق چوققا ۋە قاقاسلىققا قاراپ تۇرۇپ، «چۆل باياۋاندا ئىشلەش، يېشىل تاغ چوققىسىدا كۆز يۇمۇش» قەسىمىنى قالدۇردى. پەقەت ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ، بىپايان چۆللۈكتە دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئۇنىۋېرسال سىناق قارىغا ئېتىش مەيدانىنى قۇرۇپ چىقتى.

ئايلار يىللارنى قوغلىشىپ ئۆتتى.

بۇ يىل مەركىزىي قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلانغانلىقىنىڭ 90 يىللىقى، شېنجوۋ 18 ـ نومۇرلۇق، 19 ـ نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى ئارقا ـ ئارقىدىن بۇ يەردىن بوشلۇققا كۆتۈرۈلۈپ، يەنە ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈردى.

2025 ـ يىلى جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى شېنجوۋ 20 ـ نومۇر، 21 ـ نومۇر، تيەنجوۋ 9 ـ نومۇردىن ئىبارەت ئۈچ قېتىملىق ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى يولغا قويۇشنى پىلانلىدى.

چاڭجېڭ 10 ـ نومۇر بەلگىلىك توشۇغۇچى راكېتا، مېڭجوۋ ئادەملىك ئالەم كېمىسى، لەنيۆ ئاي يۈزىدە قونۇش ئۈسكۈنىسى، ئايغا چىقىش ئالەم قاتنىشى كىيىمى، ئادەملىك ئاي شارى ئاپتوموبىلى... 2030 ـ يىلىدىن بۇرۇن جۇڭگولۇقلارنىڭ ئاي شارىغا چىقىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى چىڭ كۆزلەپ، تۈرلۈك تەتقىق قىلىپ ياساش، قۇرۇش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلماقتا.

بىزنىڭ نىشانىمىز يۇلتۇزلار دېڭىزى، قەدىمىمىز ئەزەلدىن توختاپ قالمىدى.

جۇڭگونىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى مەڭگۈ ئۈمىد كۈتۈشىمىزگە ئەرزىيدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جيۇچۈەن، 10 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.