قادېن كەبىن شىنجاڭ 2 ـ تېببىي شۆيۈەنىدە ئىدىيەۋى ـ سىياسىي دەرس سۆزلىدى
ئەقىل ـ پاراسەت ۋە ياشلىق باھارى ئارقىلىق گۈزەل، مول كىشىلىك ھاياتنى پۈتۈپ چىقىش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر لوۋ لىنيى خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئىدىيەۋى ـ سىياسىي دەرس سۆزلەش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسى ـ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، 10 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپ قادېن كەبىن شىنجاڭ 2 ـ تېببىي شۆيۈەنىگە كېلىپ، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى قەتئىي مۇستەھكەملەپ، ئەقىل ـ پاراسىتىمىز ۋە ياشلىق باھارىمىز ئارقىلىق گۈزەل، مول كىشىلىك ھاياتنى پۈتۈپ چىقايلى»نى باش تېما قىلىپ، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلارغا ئىدىيەۋى ـ سىياسىي دەرس سۆزلىدى.
قادېن كەبىن كۆپچىلىكنى سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت قاتارلىق نۇقتىلاردىن ھازىرقى دەۋرنى ئومۇميۈزلۈك تونۇشقا يېتەكلەپ، پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئۇلۇغ ۋەتەننىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئەسلەپ ئۆتتى، كۆپچىلىكنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات دولقۇنىدا ئۆسۈپ يېتىلىش، ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش يۆنىلىشى ۋە ئۇسۇلى ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈشكە يېتەكلىدى.
قادېن كەبىن مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ بىپايان، گۈزەل، مۇنبەت زېمىندا ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھەممىسىنىڭ ئورتاق بىر ماكانى بار، ئۇ دەل جۇڭگو؛ ھەممىسىنىڭ ئورتاق بىر سالاھىيىتى بار، ئۇ دەل جۇڭخۇا مىللىتى؛ ھەممىسىنىڭ ئورتاق بىر ئىسمى بار، ئۇ دەل جۇڭگولۇق؛ ھەممىسىنىڭ ئورتاق بىر ئارزۇسى بار، ئۇ دەل جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش. ئۇ كەڭ ياش ئوقۇغۇچىلارنى شەخسنىڭ تەرەققىياتىنى دەۋرنىڭ ئېھتىياجى، دۆلەتنىڭ ئېھتىياجىغا سىڭدۈرۈپ، بۇرچنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، ئىجتىھات بىلەن پىكىر يۈرگۈزۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىش داۋامىدا ئورنىنى دەل جايىدا تېپىپ، كىشىلىك ھايات قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا؛ كۈندىلىك ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشتا كەڭ دائىرىدە ئالاقىلىشىپ، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇپ، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، ئىتتىپاق ـ ئىناق، ئاۋات ـ باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال ـ خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ياشلىق كۈچىنى تەقدىم قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.
دەرس سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن، قادېن كەبىن «ئۈچكە كىرىش، ئىككى بىلەن ئالاقىلىشىش، بىر بىلەن دوستلىشىش» بويىچە قوشماقلاشقان ئوقۇغۇچىلارنى يوقلىدى ھەم ساۋاقداشلارغا ھال سوراش بۇيۇملىرىنى سوۋغا قىلدى.