تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۈزۈم ئۆستۈرۈشتە يېڭىلىق يارىتىشقا كۈچ چىقىرىلدى

ئاقىل قول «سۇ تېجەش كىلاپانى»نى چىڭىتتى

ئۈزۈم ئۆستۈرۈشتە يېڭىلىق يارىتىشقا كۈچ چىقىرىلدى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى لۇ فېڭباۋ، خېي خۇڭۋېي

شىنجاڭدا، ئاقىللاشقان ۋاسىتىدىن پايدىلىنىپ سۇ تېجەشتە قانداق ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ؟ 10 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى، 2024 ـ يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سەپىرى باش تېما زىيارەت ئۆمىكى تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش قۇرۇلۇشى تۈرى نەق مەيدانىغا بېرىپ، 2000 مو يەردىكى ئۈزۈملۈكتە سۇ تېجەيدىغان ئاقىل سۇغىرىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدىن جاۋاب ئىزدىدى.

ئۈزۈم تۇرپاننىڭ بىر مۇھىم نام كارتىسى. ئۈزۈم ئۆستۈرۈش كۆپ مىقداردىكى سۇغا ئېھتىياجلىق. ئۇزاقتىن بۇيان، ئەنئەنىۋى سۇغىرىش ئۇسۇلى باستۇرۇپ سۇغىرىش بولۇپ، ھەر مو يەردىكى ئۈزۈمنىڭ تەك ئېچىش، ئۈزۈشتىن تارتىپ كۆمۈشكىچە بولغان پۈتۈن دەۋرىيلىك مەزگىلىگە 800 كۇب مېتىردىن 1000 كۇب مېتىرغىچە سۇ كېتەتتى. تۇرپان قۇرغاق، يامغۇر ئاز ياغىدۇ، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل ـ يېغىن مىقدارى تەخمىنەن 16 مىللىمېتىر، پارغا ئايلىنىش مىقدارى بولسا 3000 مىللىمېتىردىن كۆپرەككە يېتىدۇ. سۇ مايغا ئوخشاش قىممەت. ئىنچىكە ھېساب قىلىپ سۇ بايلىقىدىن ياخشى پايدىلىنىش تۇرپاننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، «سۇ تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، بوشلۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، سىستېمىلىق تۈزەش، ئىككى قولدا كۈچەش»نىت ئىبارەت سۇ ئىدارە قىلىش پىكىر يولىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سۇ تەرەققىياتى، سۇ بىخەتەرلىكىنى سىياسىي، ئىستراتېگىيە، ئومۇمىيەت جەھەتتىن تونۇپ، سۇ مەسىلىسىنى مىسلىسىز يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەت سۈپىتىدە پىلانلاپ، بايراق روشەن ھالدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: «سۇ شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ جان تومۇرى» «سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى قانچە يۇقىرى بولسا، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقى شۇنچە چوڭ بولىدۇ».

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۇرپان يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەيدىغان يېزا ئىگىلىكىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يۇقىرى ئۈنۈمدە سۇغىرىپ سۇ تېجەيدىغان يېزا ئىگىلىكى يولىدا ماڭدى.

ئىدىقۇت رايونىنىڭ ئۈزۈم ئۆستۈرۈش كۆلىمى 290 مىڭ موغا يېتىدۇ. ئىدىقۇت رايونلۇق سۇچىلىق ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى فاڭ چېن مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇلتۇردىن باشلاپ، ئىدىقۇت رايونى سۇ تېجەپ سۇغىرىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى، نۆۋەتتە 109 مىڭ 400 مو ئۈزۈملۈكنى سۇغىرىشنى تۇرۇبا ئارقىلىق مىكرو پۈركۈپ سۇغىرىش ئەندىزىسىگە ئۆزگەرتىپ، ئېرىق ـ ئۆستەڭ سۈيى بىلەن سۇغىرىش، باستۇرۇپ سۇغىرىش بىلەن خوشلاشتى، «ئوخشاش تۇپراق شارائىتىدا، %30 ئەتراپىدا سۇ تېجىگىلى بولىدىغان بولدى».

تۇرۇبا ئارقىلىق مىكرو پۈركۈپ سۇغىرىش ئەندىزىسى سۇ تېجەشتىكى مۇھىم ۋاسىتە، ئەمما بۇ ئەڭ ياخشى ۋاسىتە ئەمەس. بۇ يىل، ئىدىقۇت رايونى 2000 مو ئۈزۈملۈكنى ئاجرىتىپ، سۇ تېجەپ، ئاقىل سۇغىرىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قىلىپ، ئاقىللاشقان ۋاسىتە ئارقىلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى سىناق تەرىقىسىدە يۈرۈشتۈرۈشنى باشلىدى.

ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى ئىدىقۇت رايونىنىڭ كونا شەھەر دۇڭمىن مەھەللىسىگە جايلاشقان بولۇپ، قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى تاماملاندى. ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدىكى بىر كونترۇل ئۆيىگە كىردۇق، بۇ يەردە بىر «چوڭ مېڭە» − ئىدىقۇت رايونى ئۈزۈم ئۆستۈرۈشتە يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى باشقۇرۇش سۇپىسى بار بولۇپ، ئۇ ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدا ئاقىللاشقان سۇ تېجەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچ ئىكەن.

ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدىكى ئۈزۈملۈكتىكى تۈرلۈك سانلىق مەلۇماتلار بۇ سۇپىغا يوللىنىدۇ، سۇپا ئاپتوماتىك تەھلىل قىلىدۇ ھەمدە تەدبىر چىقىرىدۇ. «ئۈزۈمنى قاچان سۇغىرىمىز، قانچىلىك سۇغىرىمىز، بۇنىڭدا ئۇنىڭ دېگىنى ھېساب» دېدى فاڭ چېن.

نەزەرنى كومپيۇتېر ئېكرانىغا يۆتكىگەندە، ئۈستىدە تېمپېراتۇرا، سۇ تەركىبى، شامال كۈچى، نەملىك، يامغۇر مىقدارى، ھاۋارايىنى ئالدىن كۆزىتىش قاتارلىقلار ئېمىر ـ چېمىر كۆرۈنەتتى.

فاڭ چېن مۇنداق تونۇشتۇردى: ئاقىل سۇپا ئۈزۈملۈكنىڭ نەملىك ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىدۇ، تۇپراقتىكى سۇ تەركىبى، ئوزۇقلۇق تەركىبى يېتەرلىك بولمىسا، ئاپتوماتىك سۇغىرىش ئەندىزىسىنى قوزغىتىدۇ، سۇ بىلەن ئوغۇت ئەقلىي ئىقتىدارلىق سۇ بىلەن ئوغۇتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ماشىنىسىدا ئارىلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، تېمىتىپ سۇغىرىش بەلبېغىغا ئېقىپ كىرىپ، ئاندىن سۇغىرىش رايونىغا تېمىتىلىپ، سۇ، ئوغۇتتىن ئەڭ يۇقىرى ئۈنۈمدە پايدىلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

خىزمەتچى خادىملار سىناق قىلىپ سېلىشتۇردى، «ئاقىللاشقان ۋاسىتە مىكرو پۈركۈش ئەندىزىسىگە قارىغاندا تېخىمۇ سۇ تېجەيدۇ» دېدى فاڭ چېن.

سۇ تېجەشتىن باشقا، بۇ ئاقىل سۇپا يەنە زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى، كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنى، تۇپراق مۇھىتى قاتارلىقلارنى ھەر ۋاقىت كۆزىتىپ ئۆلچەپ، ئۆزۈم ئۆستۈرگۈچىلەرنى ئىلمىي لايىھە بىلەن تەمىنلەپ، ئىلمىيلاشقان ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. كېلەر يىلىدىن باشلاپ، ئاقىللاشقان سۇ تېجەش ۋە ئۆستۈرۈش ئەندىزىسى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدىن ھالقىپ چىقىپ، تېخىمۇ كۆپ ئۈزۈم ئۆستۈرۈش رايونلىرىغا يۈزلىنىدۇ.

«كېلەر يىلى مەنمۇ مۇشۇ خىل ئۇسۇلنى قوللانسام، تېخىمۇ كۆپ سۇنى تېجەپ قالالايمەن» دېدى كونا شەھەر دۇڭمىن مەھەللىسىدىكى ئۈزۈم ئۆستۈرۈش ئاھالىسى تۇردى رېشىت.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.