□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ
ئۇ، دۇنيادىكى قۇملۇقنى كېسىپ ئۆتىدىغان مۇساپىسى ئەڭ ئۇزۇن تۆمۈريول، ئۇ ئەسلىدە تەبىئىي توسۇقلار بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدىغان نىسپىي يەككە ـ يېگانە رايونلارنى بىر ـ بىرىگە زىچ تۇتاشتۇردى، ئۇ دەل خوتەن ـ چاقىلىق تۆمۈريولى.
2022 ـ يىلى 6 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 825 كىلومېتىر كېلىدىغان خوتەن ـ چاقىلىق تۆمۈريولىدا قاتناش باشلىنىپ، قاتناش باشلانغان گولمۇد ـ كورلا لىنىيەسى، جەنۇبىي شىنجاڭ لىنىيەسى بىلەن تۇتاشتۇرۇلۇپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنى ئايلىنىدىغان تۆمۈريول لىنىيەسى رەسمىي شەكىللەندى، بۇ يەنە دۇنيادىكى قۇملۇقنى ئايلىنىدىغان تۇنجى تۆمۈريول لىنىيەسى بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ قوش ئايلانما لىنىيەسى شەكىللەندى.
خوتەن ـ چاقىلىق تۆمۈريولىدا قاتناشنىڭ باشلىنىشى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ماددىي ئەشيالارنىڭ توشۇلۇشى ۋە كىشىلەرنىڭ بېرىش ـ كېلىشىنى يېڭى يول بىلەن تەمىنلىدى. قاتناش باشلانغاندىن ھازىرغىچە، خوتەن ـ چاقىلىق تۆمۈريولىنىڭ يۈك توشۇش مىقدارى 1 مىليون 500 مىڭ توننىدىن ئېشىپ، يولۇچى توشۇش مىقدارى 2 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.
ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش تېخىمۇ قولايلاشتى
«پويىزدا بىر ئۇخلاپ قوپساقلا كورلىغا يېتىپ بارىمىز، ھەقىقەتەن بەك قولايلىق بولدى» دېدى 10 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى چەرچەن ناھىيەسىنىڭ ئاچچان بازىرى تۇرا كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى تۇنساخان تۇرسۇن.
بىرنەچچە يىل ئىلگىرى چەرچەن ناھىيەسىنى قاتناشنىڭ «ئاخىرقى ئۇچى» دېيىشكە بولاتتى، يۇقىرى سۈرئەتلىك يول بولمىغاچقا، تۆمۈريول بولمىغاچقا، سىرتقا چىقىش قولايسىز ئىدى. 25 ياشلىق تۇنساخاننىڭ ھېلىمۇ ئېسىدە، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇنىڭ كورلىغا بېرىپ ئۇرۇق ـ تۇغقان، دوستلىرىنى يوقلىشى ناھايىتى «جاپالىق» ئىدى، «پەقەت ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇشقا توغرا كېلەتتى، يولغا بىر كۈن ۋاقىت كېتەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپتوبۇسقا ئولتۇرسام بېشىم بەك قايىدىغان بولغاچقا، يىراق سەپەرگە چىقىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتىم» دېدى ئۇ.
ھازىر ئەھۋال ئوخشىمايدۇ، خوتەن ـ چاقىلىق تۆمۈريولىدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، لىنىيە بويىدىكى ئاھالىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىش شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلىنىپ، سەپەرگە چىقىش ۋاقتى قىسقاردى، سەپەرگە چىقىش تەننەرخى تۆۋەنلىدى، تېخىمۇ مۇھىمى، مائارىپ، داۋالاش قاتارلىق ئاممىۋى بايلىقلارنىڭ تەكشى تەقسىملىنىشىگە تۈرتكە بولۇندى. ئاممىنىڭ بىلىم ئېلىشى، ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ساياھەت قىلىشى تېخىمۇ قولايلاشتى، «سىرتقا چىقىش قىيىن بولۇش» تارىخ بولۇپ قالدى.
2022 ـ يىلى 6 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى ۋوگزالى بىلەن خوتەن ـ چاقىلىق تۆمۈريولىنىڭ خوتەن ۋوگزالى ئارىسىدا ئۆزئارا يۆنىلىشتە يولۇچىلار پويىزى قاتناپ، ئۈرۈمچىدىن خوتەنگە چاقىلىق، چەرچەن قاتارلىق جايلار ئارقىلىق 23 سائەتتە بارغىلى بولىدىغان بولدى، خوتەندىن چاقىلىققا 10 سائەت 40 مىنۇتتا بارغىلى بولىدىغان بولدى. 2022 ـ يىلى 7 ـ ئايدىن ھازىرغىچە، خوتەن ـ چاقىلىق تۆمۈريولىدا پويىز يۈرۈش خەرىتىسى كۆپ قېتىم تەڭشەلدى، بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئۈرۈمچىدىن خوتەنگە چاقىلىق، چەرچەن قاتارلىق جايلار ئارقىلىق ئۆتىدىغان يولۇچىلار پويىزىنىڭ يۈرۈش لىنىيەسى قەشقەرگىچە ئۇزارتىلدى، يەنە كېلىپ بىرقانچە توختاش بېكىتى كۆپەيتىلىپ، مۇلازىمەت دائىرىسى يەنىمۇ كېڭەيتىلىپ، پويىزنىڭ يۈرۈش ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلۈپ، لىنىيە بويىدىكى ئاھالىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇلدى.
مەمەتتوختى توختىباقى چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ يېتىمبۇلاق بازىرىدا ئىشلەيدۇ، ئاتا ـ ئانىسى گۇما ناھىيەسىدە تۇرىدۇ، ئىلگىرى يول يىراق، قاتناش قولايسىز بولغاچقا، ئۇ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ناھايىتى ئاز جەم بولاتتى.
مەمەتتوختى مۇنداق دېدى: يېتىمبۇلاق بازىرىدىن گۇما ناھىيەسىگىچە بولغان ئارىلىق 1400 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان بولۇپ، ئۆيگە قايتىش ئۈچۈن كۆپ قېتىم ئاپتوموبىل ئالمىشىشقا توغرا كېلەتتى، يولغىلا ئىككى كۈن كېتەتتى. «ھازىر پويىزغا ئولتۇرۇپ 12 سائەتتىلا يېتىپ بارالايمىز، ئۆيگە قايتىش كۆپ قولايلاشتى» دېدى ئۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى خوتەن ـ چاقىلىق تۆمۈريولىدا تەكلىماكان قۇملۇقىنى ئايلىنىش ساياھەت مەخسۇس پويىزىنى كۆپ قېتىم يولغا سېلىپ، نۇرغۇن ساياھەت ئۆمىكىنى جەنۇبىي شىنجاڭنى ساياھەت قىلىشقا تەشكىللەپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى شىنجاڭغا كېلىش، شىنجاڭنى چۈشىنىش، شىنجاڭنى ياقتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
ئەشيا ئوبوروتى يېڭى يولى بەرپا قىلىندى
«ئىلگىرى كۆمۈرنى ئالدى بىلەن خوتەندىن قەشقەرگە توشۇپ، ئاندىن پويىز ئارقىلىق توشۇپ شىنجاڭدىن چىقىراتتۇق» دېدى شىنجاڭ داۋېي كۆمۈرچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى خۇاڭ ۋېي. خوتەن ـ چاقىلىق تۆمۈريولىدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، كۆمۈرنى شىزاڭ، سىچۇەن، شەنشى، گەنسۇ قاتارلىق جايلارغا توشۇش تېخىمۇ قولايلاشتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆمۈرنى شىنجاڭ سىرتىغا توشۇش ۋاقتى ئىلگىرىكىدىن يېرىمغا يېقىن تېجەلدى، تەننەرخمۇ ئۈچتىن بىر قىسىمغا يېقىن تېجەلدى.
خوتەن ـ چاقىلىق تۆمۈريولىدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، ئەشيا ئوبوروتى يېڭى يولى شەكىللىنىپ، لىنىيە بويىدىكى ماددىي ئەشيالار سىرتقا تېخىمۇ كۆپ توشۇلىدىغان بولدى.
يۈك تىرانسپورتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، خوتەن ـ چاقىلىق تۆمۈريولى لىنىيەسىدە يېڭىدىن تۆت يۈك تىرانسپورت بېكەت نۇقتىسى كۆپەيتىلدى، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى مەھسۇلاتلىرى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى قاتارلىق ماللار تۆمۈريول ئارقىلىق شىنجاڭ، چىڭخەي ئىككى جاي ئارىسىدا توشۇلدى، بىر قىسىم ماللار يەنە تۆمۈريول ئارقىلىق غەربىي جەنۇب، خۇانەن قاتارلىق رايونلارغا توشۇلدى.
شىنجاڭنىڭ «شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىش، غەربتىن كىرگۈزۈپ شەرققە توشۇش»تىكى قولايلىق يول بولۇش سۈپىتى بىلەن، خوتەن ـ چاقىلىق تۆمۈريولى بىلەن گولمۇد ـ كورلا تۆمۈريولى شەرق ـ غەرب يۆنىلىشىدىكى قاتناش چوڭ غول لىنىيەسى ۋە خەلقئارا چوڭ يولنى ھاسىل قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولى بىلەن تارىم ئويمانلىقىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان تۆمۈريول تورىنى شەكىللەندۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى شىنجاڭدىن چىقىرىش مۇساپىسىنى زور دەرىجىدە قىسقارتىپ، قېزىلما بايلىق ۋە لىنىيە بويىدىكى پاختا، ياڭاق، چىلان قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ تۆمۈريول ئارقىلىق چىڭخەيدىن ئۆتۈپ دۆلەت ئىچىدىكى شەھەرلەرگە بىۋاسىتە توشۇلۇشىغا يەنىمۇ قولايلىق ياراتتى.
شىنجاڭ شالياڭ كانچىلىق چەكلىك شىركىتى 2023 ـ يىلى 8 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى چاقىلىق ناھىيەسىدە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، شىركەت يىلدا تۆمۈر ئۇۋىقىدىن 500 مىڭ توننا ئىشلەپچىقىرىدۇ. بىر خىل مۇھىم قېزىلما بايلىق بولۇش سۈپىتى بىلەن، تۆمۈر ئۇۋىقىنى توشۇش ئېھتىياجى زور، ئۇنىڭ ئۈستىگە توشۇش ئۈنۈمىگە بولغان تەلەپ بىرقەدەر يۇقىرى. بۇ شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ياڭ خۇڭفېي مۇنداق دېدى: ھازىر خوتەن ـ چاقىلىق تۆمۈريولى ئارقىلىق تۆمۈر ئۇۋىقى توشۇغاندا، توشۇشتىكى خوراش ۋە كېچىكىشنى ئازايتىپلا قالماي، يەنە توشۇش تەننەرخىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. ھەر توننا توشۇش ھەققىنى 20 يۈەن ئەتراپىدا تېجەپ قالغىلى بولىدۇ، بۇ، كارخانىنىڭ داۋاملىق تۈردە ئىقتىدارىنى كېڭەيتىپ، مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى.
خوتەن ـ چاقىلىق تۆمۈريولىدا قاتناش باشلىنىپ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، يۈك پويىزى كۆلەملىشىش، دائىملىق قاتناشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن شەھەرگە بىۋاسىتە قاتنىدى، توشۇلىدىغان يۈك تۈرىمۇ قاتناش باشلانغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئون نەچچە خىلدىن كۆپىيىپ 100 نەچچە خىلغا يەتتى.
«يېشىل» يول ياخشى قوغدالدى
خوتەن ـ چاقىلىق تۆمۈريولى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىگە جايلاشقان، بۇنىڭ ئىچىدىكى 534 كىلومېتىرلىق مۇساپە قۇم ـ بورانلىق رايوندا بولۇپ، لىنىيە ئومۇمىي مۇساپىسىنىڭ %65ىنى ئىگىلەيدۇ.
قۇملۇقتا تۆمۈريول ياسىغاندا ئاۋۋال قۇمنى تىزگىنلەش كېرەك.
كۆچمە قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن، قۇرۇلۇشچىلار تۆمۈريول لىنىيەسى بويىدا 50 مىليون كىۋادرات مېتىرغا يېقىن ئوت ـ چۆپ كاتەكچىسى ياسىدى، سۆكسۆك، يۇلغۇن، چۈجگۈن، جىگدە، توغراق قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەردىن 13 مىليون تۈپكە يېقىن ئۆستۈردى، بىنا قىلىنغان ئورمان كۆلىمى 114 مىڭ موغا يەتتى. بۇنىڭ ھەممىسى دۇنيا تۆمۈريول قۇرۇلۇشىدا ئاز ئۇچرايدۇ.
«تۆمۈريول قۇرۇلۇشى بىلەن قۇم ـ بوراندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشى ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىلدى، مۇشۇنداق قىلغاندىلا تۆمۈريول قۇرۇلۇشى جەريانىدا قۇمنىڭ يولنى كۆمۈۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ» دېدى شىنجاڭ خوتەن ـ چاقىلىق تۆمۈريولى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى چېن جيەن.
تۆمۈريول خىزمەتچىلىرى پۈتۈن لىنىيەدە 131 قۇدۇق قازدى، مىڭبىر جاپا ـ مۇشەققەتتە ئۆستۈرگەن يېشىل ئۆسۈملۈكلەرنى كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلدى ھەم ئەقلىي ئىقتىدارلىق سۇغىرىش سىستېمىسىغا تايىنىپ، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ سۇغا بولغان ئېھتىياجىغا ھەر ۋاقىت كاپالەتلىك قىلىپ، كۆچەتلەرنىڭ ياخشى ئۆسۈش ھالىتىنى ئۈنۈملۈك ساقلىدى.
خوتەن ـ چاقىلىق تۆمۈريولىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، قۇرۇپ چىقىش پەقەت باشلىنىش، كۈندىلىك قوغداش تۆمۈريولنىڭ نورمال يۈرۈشۈپ تىجارەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى ئاچقۇچ.
10 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى، جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى چاقىلىق ئۇل ئەسلىھە بۆلىكى چەرچەن ئۇنىۋېرسال رېمونت سېخى رېمونت ئەترىتىنىڭ باشلىقى خەن زۇڭيۈ خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە لىنىيە بويىدىكى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ئورمىنىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى، ئوت ـ چۆپ كاتەكچىلىرىنىڭ بۇزۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈردى، «چەرچەن بۆلىكىدە قۇم ـ بوران بىرقەدەر كۈچلۈك، ھەر ۋاقىت قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ئورمىنىنى پەرۋىش قىلىپ ئاسراش ھەم كۆچەت زىيانغا ئۇچرىغان بۆلەكلەرگە تولۇقلاپ كۆچەت تىكىشكە توغرا كېلىدۇ» دېدى خەن زۇڭيۈ.
خوتەن ـ چاقىلىق تۆمۈريولى لىنىيەسىنىڭ تەبىئىي مۇھىتى ناچار، ھەر يىلى ئاساسلىق شامال پەسلى يەتتە ئايغا يېتىدۇ، قۇم ئاپىتىنىڭ زىيىنى ئېغىر بولىدۇ. قۇم ـ بوران بىرقەدەر كۈچلۈك بولغان بۆلەكلەردە ئۆسۈملۈكلەر بەلگىلىك دەرىجىدە قۇرۇپ كېتىدۇ.
ھەر يىلى ئەتىياز ۋە كۈزدىن ئىبارەت ئىككى پەسىلدە، تۆمۈريول خىزمەتچىلىرى بۇزۇلغان بۆلەكلەرگە مەركەزلىك تولۇقلاپ تىكىپ، تۆمۈريول قاتنىشىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. قۇرۇلۇش باشلانغان دەسلەپكى مەزگىلدىن ھازىرغىچە، خوتەن ـ چاقىلىق تۆمۈريولىنىڭ پۈتۈن لىنىيەسىگە 4 مىليون تۈپكە يېقىن چاتقال، 360 مىڭ تۈپ غوللۇق دەرەخ تولۇقلاپ تىكىلدى، تولۇقلاپ تىكىلگەن كۆلەم تەخمىنەن 6400مو بولۇپ، تىكىلگەن تۈپلەرنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتى %85 ئەتراپىدا بولدى.
رېلىس ئۇزارتىلىپ، خوتەن ـ چاقىلىق تۆمۈريولى شەھەرلەرنى كېسىپ ئۆتۈپ، دەريا ـ ئېقىنلاردىن ھالقىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش يېڭى يولىغا ئايلىنىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشتى.