− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە ـ مىنىستىرلىق دەرىجىلىكلەر مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا
□ خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى
توغرىلىرىنى ساقلاش بىلەن يېڭىلىق يارىتىش دىيالېكتىك بىرلىككە ئىگە، توغرىلىرىنى ساقلىغاندىلا، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ باشتىن ـ ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، سىجىل يېڭىلىق ياراتقاندىلا، توغرىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ساقلىغىلى بولىدۇ. ئۆلكە ـ مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ: «توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىش يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا جەزمەن مەھكەم ئىگىلەشكە تېگىشلىك، باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇرۇشقا تېگىشلىك مۇھىم پىرىنسىپ» دەپ تەكىتلىدى، «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت ئىسلاھات باش نىشانىدا چىڭ تۇرۇپ، باشتىن ـ ئاخىر باش نىشان كۆرسەتكەن يۆنىلىشكە قاراپ ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك» دەپ كۆرسەتتى.
بىزنىڭ ئىسلاھاتىمىزنىڭ يۆنىلىشى بار، پىرىنسىپى بار. نېمىنى ئىسلاھ قىلىش، نېمىنى ئىسلاھ قىلماسلىق، قەيەرنى ئىسلاھ قىلىش، قانداق ئىسلاھ قىلىشتا باشتىن ـ ئاخىر كاللىنى سەگەك تۇتۇپ، سىياسىي جەھەتتە سەگەك ئادەم بولۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزمدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇپ، خەلق دېموكراتىيەسى دېكتاتۇرىسىدا چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت ئادىللىقى ۋە ھەققانىيلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ بەخت ـ سائادىتىنى ئاشۇرۇشنى مەۋقە ۋە مەقسەت قىلىش كېرەك، بۇلارنىڭ ھەممىسى نېگىزگە مۇناسىۋەتلىك، يۆنىلىشكە مۇناسىۋەتلىك، ئۇزاق مەزگىلگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، پارتىيەنىڭ خاراكتېرى ۋە ئاساسىي مەقسىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن، خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەرقانداق ئەھۋالدا قىلچە تەۋرىنىشكە بولمايدۇ.» شۇنى جەزمەن چوڭقۇر تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، بىز مۇقەررەر ھالدا ئىسلاھات بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈشىمىز كېرەك، لېكىن بىزنىڭ ئىسلاھاتىمىز جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ئىسلاھات. ھەم بېكىنمە، قاتمال كونا يولدا ماڭمايمىز، ھەم بايراق ئالماشتۇرىدىغان خاتا يولدا ماڭمايمىز، ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىكلىرىنى قەتئىي ئۆزگەرتىش، ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك بولمىغانلىرىنى ئۆزگەرتمەسلىك كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا ئىسلاھاتنىڭ توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى چۆرىدەپ ئىسلاھاتنى پىلانلاش ۋە ئالغا سىلجىتىش ئىسلاھاتتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىكى مۇھىم تەجرىبە. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى جەزمەن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت بۇ باش تېمىنى زىچ چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇش كېرەك. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش بىر تۈرلۈك يېپيېڭى ئىش بولۇپ، مۈشكۈللۈكى ۋە مۇرەككەپلىكى مىسلىسىز، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا مۇقەررەر ھالدا تۈرلۈك زىددىيەت ۋە خەۋپ ـ خەتەر، خىرىسلارغا دۇچ كېلىمىز. ئۇلۇغۋار پىلاننى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشتا، نېگىزىدىن ئېيتقاندا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ئىدىيەۋى قاراش ۋە تۈزۈلمە ـ مېخانىزم ئىللەتلىرىنى قەتئىي تۈگىتىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىمىز، ھەرگىزمۇ كېمىگە بەلگە سېلىپ خەنجەر ئىزدەيدىغان، دەرەخ تۈۋىدە توشقان كۈتىدىغان ئىشنى قىلماسلىقىمىز كېرەك. بىز توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان شىجائەت ۋە جاسارەت بىلەن دەۋرنىڭ تەرەققىيات يېڭى يۈزلىنىشىگە، ئەمەلىيەت تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تەلىپىگە، خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلىشىپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك، ماس ئالغا سىلجىتىپ، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش، مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، شۇنداقلا باشقا جەھەتلەردە يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك.
ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، شۇنداقلا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېتەكچىسى. پارتىيە 18 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا «بازارنى بايلىق تەقسىملەشتە ھەل قىلغۇچ رول ئويناش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش» ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويۇلۇشتىن پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىشنىڭ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇلۇپ، «ئىككىدە قەتئىي تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار بەرپا قىلىش قاتارلىق زور ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىغىچە، ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، يېڭى دەۋردە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ ئىسلاھات يۆنىلىشىدە باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇرۇش كېرەك. يېڭى مۇساپىدە مۇھىم نۇقتىنى داۋاملىق گەۋدىلەندۈرۈپ، ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت بۇ يادرولۇق مەسىلىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى تېز بەرپا قىلغاندىلا، جەزمەن ئۈزلۈكسىز تۈردە ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتقىلى ۋە ئاشۇرغىلى، ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ، ئۈستقۇرۇلما بىلەن ئىقتىسادىي بازىسنىڭ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش بىلەن جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ماسلىشىشىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ.
جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنى ئىنتايىن مول، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشمۇ مۇقەررەر ھالدا ھەر تەرەپلىمە بولىدۇ. يېڭى دەۋردىن بۇيان، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى تۈزۈم سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ كەڭ دائىرىلىك، كۆپ قاتلاملىق تۈزۈملەشكەن تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىن قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسى ئۇنىۋېرسال يۈرۈشلۈك ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇن يۈرگۈزۈش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكىچە، ئاندىن ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى تۈزۈملىشىش، قانۇنچىللىشىش ئىزىغا سېلىشقىچە... ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئىسلاھات پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى. ئومۇمىي يىغىن «قارار»ىدا «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىش رامكىسىدا ئىسلاھات تەدبىرلىرى پىلانلاندى ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ، ئىقتىساد، دېموكراتىيە، قانۇنچىللىق، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى تۈزۈلمە ـ مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىش ھەم پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. بىز ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ماس ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ ئومۇمىي ئۈنۈم شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك.
بىز ئىلگىرىكىلەر قىلىپ باقمىغان ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلىۋاتىمىز، توغرا يولدا مېڭىۋاتىمىز، داغدام يولدا يۈرۈۋاتىمىز. يولنى ئۆزگەرتمەيدىغان، ئىرادىنى ئۆزگەرتمەيدىغان كۈچلۈك ئىرادىنى ساقلاپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىش، باتۇرلۇق بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش غەيرىتىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىسلاھاتتا ئۈزلۈكسىز يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولساقلا، چوقۇم دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات، ئىلگىرىلەش تەقدىرىنى ئۆز قولىمىزدا مەھكەم تۇتالايمىز، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيمىز.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)