تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

خۇنەن ئۆلكىسىدىكى كەسپىي ئورۇنلار ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن تۇرپانلىق ئوقۇغۇچىلاردىن 20نى قوبۇل قىلىدۇ

   2024- يىلى خۇنەن ئۆلكىسىدىكى بىر قىسىم شەھەرلەر (ئوبلاستلار)دىكى كەسپىي ئورۇنلار ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن شىنجاڭ تۇرپانلىق ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلاردىن مەخسۇس تۈر بويىچە خىزمەتچى تەكلىپ قىلىدۇ. بۇ قېتىمقى خىزمەتچى تەكلىپ قىلىدىغان ئىش ئورنى 20، تەكلىپ قىلىش پىلانى 20 نەپەر بولۇپ، شىنجاڭ تۇرپان نوپۇسىدا بولغان، ھەم تەكلىپ قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلار (2022- ، 2023-، 2024- يىلى ئوقۇش پۈتكۈزگەن ھەم تەكلىپ قىلىش جەريانىدا ئىشتات ئىچىدە خىزمەت قىلىشى ئەمەلىيلەشتۈرۈلمىگەن ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار) تىزىملاتسا بولىدۇ. خىزمەتچى تەكلىپ قىلىدىغان ئىش ئورنىغا ياش جەھەتتە 35 ياش ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولۇش شەرتى قويۇلدى، يەنى 1988- يىلى 11- ئاينىڭ 4- كۈنىدىن (شۇ كۈننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كېيىن تۇغۇلغانلاردىن تەكلىپ قىلىدۇ.

   تىزىملىتىش ۋاقتى 2024- يىلى 11- ئاينىڭ 4- كۈنى 9:30دىن 11- ئاينىڭ 8- كۈنى 18:30غىچە بولىدۇ. ئىمتىھانغا تىزىملاتماقچى بولغانلار «تۇرپان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت تورى» (http://www.tlfjy.net)غا چىقىپ، «تۇرپان شەھەرلىك كادىرلار ئىشلىرى ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىش سىستېمىسى»غا كىرىپ تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدۇ. يېزىقچە ئىمتىھان 2024- يىلى 11- ئاينىڭ 16- كۈنى (چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:00دىن 12:00گىچە) ئېلىنىدۇ. تولۇق تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئۇلانمىنى چېكىپ كۆرۈڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.