ئونسۇدىكى تۇز دۆڭلۈك دۆلەت گېئولوگىيە باغچىسىدا
جۇڭگو ھەتتا دۇنيا بويىچە بىردىنبىر
ئوچىكې قاپاق شەكىلدىكى تۇز دۆڭلۈك كەسمە قۇرۇلمىسى بار بولۇپ
دۆلىتىمىزدە ئاز ئۇچرايدىغان ئاجايىپ تەبىئەت مەنزىرىسىدۇر
...
ئوچىكې تۇز دۆڭلۈكى
تىپىك تۇز دۆڭلۈك قۇرۇلمىسى بولۇپ
ئېگىزلىكى تەخمىنەن 500 مېتىر، كۆلىمى تەخمىنەن 16 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ
تېيىز مەنبەلىك كەسمە قۇرۇلمىدىكى ئۇل قاتلىمى ئۈزۈلمە قەۋەتنى كونترول قىلىش تىپىغا تەۋە
تۇز جىنس قاتلىمى
موگۇسىمان شەكىلدە سىرتقا كېڭەيگەن بولۇپ
يەر قاتلىمى كۆپ ھاللاردا يانتۇ شەكىلدە بولۇپ
سىرتقى كۆرۈنۈشى قاپاققا ئوخشايدۇ
شەرق تەرىپىدە
تۇز دۆڭلۈكى بىلەن ئوچىكې دەرياسى ئۆزئارا تۇتاشقان بولۇپ
تۇز دۆڭلۈكىنىڭ چوققىسىدىن ئېرىپ چۈشكەن تۇز سۈيى مۇشۇ يەردىن ئېقىپ چىقىپ
ئۆزگىچە ئاق رەڭلىك تۇزلۇق جىلغا مەنزىرىسىنى ھاسىل قىلىدۇ
ئىچكى قىسمىدا
ئۆڭكۈر قاتارلىق تۇزلۇق كارست يەر شەكلى شەكىللەنگەن
بۇ يەردىكى
ئوچىكې تۇز دۆڭلۈكى
دۆلىتىمىزدە ھازىرغىچە مەلۇم بولغان
ئېچىلىپ قالغان قىسمىنىڭ كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان تۇز دۆڭلۈك قۇرۇلمىسى بولۇپ
مۇھىم تاماشا قىلىش قىممىتىگە ۋە ئىنتايىن زور پەن-تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە
گېئولوگىيە ئىنژېنېرى لى يىزۇ
كامېراسى ئارقىلىق بۇ غەلىتە مەنزىرىنى خاتىرىلىدى
«كۆرۈش سەزگۈسىدىكى شىنجاڭ» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى