تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

كانادا تىرانسپورت مەھكىمىسى جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىگە قارىتىلغان چەكلەش تەدبىرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى

   

   كانادا تىرانسپورت مەھكىمىسى شۇ جاي ۋاقتى 10- ئاينىڭ 28- كۈنى ئۆزلىرىنىڭ تور بېكىتىدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنداق دېدى: 10- ئاينىڭ 24- كۈنى، كانادا قاتناش مىنىستىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرىنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن، 2022- يىلى 2- ئاينىڭ 3- كۈنى ئېلان قىلىنغان «جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ ھەر ھەپتىدە كاناداغا ئۇچىدىغان قەرەللىك يولۇچىلار نۆۋەتچى ئايروپىلانى ئالتىدىن ئېشىپ كەتمىسۇن» ھەم «بېيجىڭدىن كاناداغا بىۋاسىتە يولۇچىلار نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭ ئۇچۇشى چەكلىنىدۇ» دېگەندەك چەكلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى.

   2024- يىلى 10- ئاينىڭ 25- كۈنىدىن باشلاپ، جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيەسى، پايتەخت ئاۋىياتسىيەسى، شەرق ئاۋىياتسىيەسى، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى، خەينەن ئاۋىياتسىيەسى، سىچۇەن ئاۋىياتسىيەسى، شيامېن ئاۋىياتسىيەسى قاتارلىقلارغا قارىتىلغان چەكلەش شەرتلىرى چىقىرىۋېتىلدى.

(باش ئىستانسا مۇخبىرى جاۋ مياۋ)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.