ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر دۇڭ لياڭ) 10- ئاينىڭ 27- كۈنى، 2024- يىللىق مەملىكەتلىك ئەرلەر بوكس چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسى خەينەن ئۆلكىسى بەيشا لىزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى دۆلەتلىك جەنۇب مەشىق بازىسىدا ئاياغلاشتى. شىنجاڭ بوكس كوماندىسى بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە بىر ئالتۇن مېدال، بىر كۈمۈش مېدال، بىر مىس مېدال ئالدى ۋە بەشىنچىلىكتىن بەشنى قولغا كەلتۈردى.
ئابدۇرېشىت 92 كىلوگىرامدىن يۇقىرى دەرىجىلىكلەر بويىچە چېمپىيون بولدى (ئوتتۇرىدا). شىنجاڭ بوكس كوماندىسى تەمىنلىگەن سۈرەت
مەملىكەتلىك چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسى دۆلەت ئىچى بوكس ساھەسىدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك مۇسابىقە بولۇپ، بۇ قېتىمقى مۇسابىقە ئەرلەر بوكس تۈرىنىڭ بۇ يىللىق ئاخىرقى مۇسابىقىسى ھېسابلىنىدۇ. 2025- يىلى 15- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بوكس تۈرى تەييارلىق مۇسابىقىسى باشلىنىش ئالدىدا تۇرغان ئەھۋالدا، بۇ قېتىمقى چېمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە دۆلەت ئىچىدىكى ھەرقايسى ئۆلكىلەر بىردەك ئاساسىي كۈچ ئەۋەتتى، جەمئىي 37 كوماندا، 600دىن ئارتۇق تەنھەرىكەتچى مۇسابىقىگە قاتناشتى.
شىنجاڭ بوكس كوماندىسى بۇ قېتىم 16 تەنھەرىكەتچى ئەۋەتتى، توختاربېك تاڭلاتقان قاتارلىق ئۈچ كىشى مۇسابىقىدىن كېيىن ئەسلىگە كېلىش، بەدىنىنى تەڭشەش ۋە يارىلىنىش سەۋەبىدىن مۇسابىقىگە قاتنىشالمىغاندىن باشقا، بىرىنچى سەپتىكى ئاساسىي كۈچ مۇسابىقىگە تولۇق قاتناشتى.
ئابدۇرېشىت 92 كىلوگىراملىقلار ئايرىمىسى بويىچە ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ شەندۇڭ ماھىرى ۋاڭ شىشىن، خېنەن ماھىرى گې شىچاڭ قاتارلىق كۈچلۈك رەقىبلىرىنى يېڭىپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە ئوڭۇشلۇق كىردى. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، كونا رەقىبى، خېيلۇڭجياڭدىن كەلگەن ماھىر ۋاڭ جىباۋ ئالدىدا، ئابدۇرېشىت مەيداندا ئاكتىپ، تەشەببۇسكار بولۇپ، 2- مەيدان ئېلىشىشتا رەقىبىنى يىقىتىپ، ئەڭ ئاخىرىدا مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن شۇ دەرىجىلىكلەر بويىچە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.
شىنجاڭ بوكس كوماندىسى كوللېكتىپى مۇسابىقىدىن كېيىن خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە. شىنجاڭ بوكس كوماندىسى تەمىنلىگەن سۈرەت
بۇلاردىن باشقا، ئۇنىڭ سەپدىشى ئەلقۇت قاھار 75 كىلوگىراملىقلار ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە خېنەن ماھىرى جاۋ مېڭياڭغا تەڭ كېلەلمەي، بىر كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى. ئېردوۋلېت مېيرامبېك 71 كىلوگىراملىقلار مۇسابىقىسىدە بىر مىس مېدالغا ئېرىشتى.