شۇ جاي ۋاقتى 10- ئاينىڭ 29- كۈنى، گېرمانىيە ئاپتوموبىل سانائىتى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى خىلدگاد مۇللېر بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگودىن ئىمپورت قىلىنغان توكلۇق ئاپتوموبىللاردىن تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىشى يەر شارى ئەركىن سودىسىنىڭ چېكىنگەنلىكى بىلدۈرىدۇ، ياۋروپانىڭ گۈللىنىشىگە، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ۋە ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ، دېدى. مۇللېر ئاگاھلاندۇرۇپ، بۇ سودا توقۇنۇشى خەتىرىنى كۈچەيتىۋېتىشى ھەمدە ئاخىرىدا پۈتكۈل ساھەگە زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن، دېدى.
مۇللېر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سودا تالاش- تارتىشىنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىش كېرەك. ئۇ ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىر قوللىنىپ، گېرمانىيەنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئېكسپورت دۆلىتى بولۇشتەك خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈپ، بازارنىڭ كۆپ مەنبەلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىپ، گېرمانىيەنىڭ يەر شارى سەھنىسىدە داۋاملىق ئىجابىي رول ئوينىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، مۇللېر سەمىمىيلىك بىلەن تاموژنا بېجى ئېلىشنىڭ ئىستېمالچىلارنىڭ ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش تەننەرخىنىڭ ئۆرلىشىنى بىۋاسىتە كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى ھەم توكلۇق ئاپتوموبىلنىڭ ئومۇملىشىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ سۆھبەتنىڭ ئېچىۋېتىشچانلىقىنى داۋاملىق ساقلاپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتى رامكىسىدا سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق، ئارتۇقچە تاموژنا بېجىنى تۈگىتىدىغان ھەل قىلىش لايىھەسى ئۈستىدە تىرىشىپ ئىزدىنىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.