ئامېرىكا ئىللىنوئىس داشۆسى ئېبانا-شياڭبىن شۆبە مەكتىپىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار تەركىبىدە يىخۇاڭتۇڭ بولغان دادۇر يېمەكلىكلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن، تەپەككۇر ئىقتىدارى ۋە دىققىتىنى يىغىش ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىكەن. تەتقىقات كوللېكتىپى 6-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلگەن 2024-يىللىق ئامېرىكا ئوزۇقلۇق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ يىللىق يىغىنىدا بۇ نەتىجىنى كۆرسەتكەن.
يىخۇاڭتۇڭ ھەر خىل ئۆسۈملۈكلەردە تەبىئىي مەۋجۇت بولغان بىرىكمە ماددا، بولۇپمۇ دادۇر ۋە پۇرچاق ياسالمىلىرىدا مىقدارى كۆپ. دادۇر يىخۇاڭتۇڭنىڭ يوشۇرۇن پايدىسىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن، كوللېكتىپ ئىلگىرىكى بىر تۈرلۈك تەتقىقات سانلىق مەلۇماتىنى ئەسلەپ ئۆتتى، بۇ تەتقىقات يەتتە ياشتىن 13 ياشقىچە بولغان 128 بالىغا چېتىلىدىكەن. بۇ بالىلارنىڭ يەتتە كۈنلۈك يېمەك-ئىچمەك خاتىرىسى ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، تەتقىقات كوللېكتىپى ھەر بىر بالىنىڭ يىخۇاڭتۇڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرىچە يېمەك-ئىچمەك قوبۇل قىلىش مىقدارىنى ھېسابلاپ چىققان. بالىلارنىڭ ئادەتتىكى ئەقلىي سەۋىيەسىنى باھالاش ئۈچۈن، كوللېكتىپ بىر يۈرۈش مەخسۇس قەغەز يۈزىدە سىناق ئېلىپ بارغان، يەنە بىر تۈرلۈك «يان قانات ۋەزىپىسى» ناملىق كومپىيۇتېر سىنىقىدىن پايدىلىنىپ دىققىتىنى يىغىش ئىقتىدارىنى باھالىغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە بالىلارنىڭ مېڭە ئېلېكتىر دولقۇنى پائالىيىتىنى خاتىرىلەپ، ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش سۈرئىتى ۋە دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈش دەرىجىسىنى ئۆلچىگەن.
تەھلىلدە كۆرسىتىلىشىچە، پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى تېخىمۇ كۆپ قوبۇل قىلغان بالىلاردا، دىققىتىنى يىغىشنى باھالاشتا تېخىمۇ تېز ئىنكاس قايتۇرۇش سۈرئىتى ۋە بىر تەرەپ قىلىش سۈرئىتى ئىپادىلەنگەن، لېكىن تەتقىقاتتا دادۇردىكى يىخۇاڭتۇڭنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارى بىلەن ئادەتتىكى ئەقلىي قابىلىيەت سەۋىيەسى ئوتتۇرىسىدا روشەن باغلىنىش بارلىقى بايقالمىغان.
تەتقىقاتچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەخمىنەن 230 گىرام كېلىدىغان بىر قاچا پۇرچاق سۈتى تەركىبىدە 28 مىللىگىرام يىخۇاڭتۇڭ بار ئىكەن. يىخۇاڭتۇڭنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى ئاشۇرۇشتا، دادۇر ياكى پۇرچاق سۈتى ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدىكەن، پۇرچاق، پۇرچاق ئۇيۇتمىسىمۇ تەۋسىيە قىلىنىدىغان يېمەكلىك ئىكەن.
«خەلق تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى