تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سەپىرى . خوتەنگە نەزەر | گۇما ناھىيەسى سانجۇ دەرياسى چاسكام سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشى جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا

تىيانشان تورى − شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر تاڭ يۇڭ فوتوسى ۋە خەۋىرى) 10-ئاينىڭ 28-كۈنى، گۇما ناھىيەسىنىڭ سانجۇ دەرياسى چاسكام سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا ماشىنىلار گۈرۈلدەپ، توشۇش ئاپتوموبىللىرى موكىدەك ئۆتۈشۈپ، قۇرۇلۇش تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى.

 10-ئاينىڭ 28-كۈنى، قۇرۇلۇۋاتقان گۇما ناھىيەسىنىڭ سانجۇ دەرياسى چاسكام سۇ ئامبىرى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

سانجۇ دەرياسى چاسكام سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشى ئاپتونوم رايوننىڭ «14-بەش يىل» مەزگىلىدىكى سۇچىلىق نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرى بولۇپ، ئاساسلىقى سۇغىرىشنى تەڭشەش ۋە قۇمنى تىندۇرۇشنى ئاساسىي ۋەزىپە قىلغان بولۇپ، سانجۇ سۇ ئامبىرىنىڭ بېسىمىنى يېنىكلىتىش، ئېقىن رايونىنىڭ سۇ بايلىقىنى تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق قۇرۇلۇش ھېسابلىنىدۇ.

 10-ئاينىڭ 28-كۈنى، قېزىش ماشىنىسى قۇم-توپىلارنى قېزىپ توشۇماقتا.

 10-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئىشچىلار ئېرىق ياسىماقتا.

تۈر ئاساسلىق قۇرۇلۇشى سۇ باشلاش قۇرۇلۇشى، سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشى، سۇ قويۇپ بېرىش ئۆستىڭى قۇرۇلۇشى، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئومۇمىي سېلىنمىسى 427 مىليون يۈەن. بۇ قۇرۇلۇشنى 2025-يىلى 12-ئايدا تاماملاش پىلانلانغان بولۇپ، تۈر پۈتكەندىن كېيىن شۇ جايدىكى 280 مىڭ مو يەرنى سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇ بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنىدىغان ئامما 65 مىڭغا يېتىدۇ. نۆۋەتتە سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشىنىڭ %50ى تاماملاندى.

 10-ئاينىڭ 28-كۈنى، خىزمەتچى خادىملار سېمونت قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى ئىشلەپچىقارماقتا.

«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.