دۆلىتىمىزدە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى ئىشلىتىدىغانلارنىڭ سانى
1 مىليارد 380 مىليون كىشىگە يەتتى
1 مىلياردتىن ئارتۇق كىشى بىرلا ۋاقىتتا ئېلېكتىرونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى ئېلىپ ئىشلەتتى
ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەربىر ئادەمنىڭ جانىجان مەنپەئىتى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق
2025-يىلى
ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ساھەسى بىر قاتار يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى كۈتۈۋالىدۇ
بىرلىكتە چۈشىنىپ باقايلى
2025-يىلىدىن باشلاپ
ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى بويىچە ئاغرىقلارغا، مېيىپلەرگە بېرىلىدىغان قوشۇمچە پۇل كۆپەيتىلىدۇ
ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى «كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى بويىچە ئاغرىقلارغا، مېيىپلەرگە بېرىلىدىغان قوشۇمچە پۇل ۋاقىتلىق چارىسى»نى ئېلان قىلدى. چارىدە مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: 2025-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقۇچىلاردىن قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىغا يېتىشتىن بۇرۇن، كېسەللىك سەۋەبىدىن مىيىپ بولۇپ قېلىپ ياكى ئىش ئۈستىدە يارىلىنىپ مىيىپ بولۇشتىن باشقا سەۋەب بىلەن مېيىپ بولۇپ قېلىپ، ئەمگەك ئىقتىدارىنى پۈتۈنلەي يوقاتقان، دەپ باھالانغانلار ئايمۇ ئاي مېيىپلىك قوشۇمچە پۇلى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
ئاغرىقلارغا، مېيىپلەرگە بېرىلىدىغان قوشۇمچە پۇلنىڭ ئايلىق ئۆلچىمى ۋە تۆلەم مۇددىتى
سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىنىڭ ئاغرىقلارغا، مېيىپلەرگە بېرىلىدىغان قوشۇمچە پۇلنى ئىلتىماس قىلغان چاغدىكى
يېشى، جەمئىي ھەق تاپشۇرغان يىل چېكى قاتارلىقلارغا ئاساسەن بېكىتىلىدۇ
ئاغرىقلارغا، مېيىپلەرگە بېرىلىدىغان قوشۇمچە پۇلنىڭ ئايلىق ئۆلچىمى
دۆلەت ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى سەۋىيەسىنى بىرتۇتاش تەڭشىگەندە
ماس قەدەمدە تەڭشىلىدۇ
ئاغرىقلارغا، مېيىپلەرگە بېرىلىدىغان قوشۇمچە پۇلنى ئېلىش مەزگىلىدە، ئىجتىمائىي سۇغۇرتامنى قانداق قىلىمەن؟
ئاغرىقلارغا، مېيىپلەرگە بېرىلىدىغان قوشۇمچە پۇلنى ئېلىۋاتقان مەزگىلدە، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققى تاپشۇرۇلمايدۇ. داۋاملىق ئىشقا ئورۇنلاشقان ھەم دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ھەق تاپشۇرغانلارغا ھەق تاپشۇرۇش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ئاينىڭ كېيىنكى ئېيىدىن باشلاپ، ئاغرىقلارغا، مېيىپلەرگە بېرىلىدىغان قوشۇمچە پۇلنى بېرىش توختىتىلىدۇ.
قانداق ئالىمىز؟
ئاغرىقلارغا، مېيىپلەرگە بېرىلىدىغان قوشۇمچە پۇلنى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار تەمىنات ئالىدىغان جاي ياكى ئەڭ ئاخىرىدا سۇغۇرتىغا قاتناشقان جاينىڭ ۋىلايەت دەرىجىلىك(رايون، شەھەر تەسىس قىلىنغان)تىن يۇقىرى ئەمگەك ئىقتىدارىنى باھالاش ئاپپاراتى چىقارغان ئەمگەك ئىقتىدارىنى پۈتۈنلەي يوقاتقان، دېگەن باھالاش يەكۈنىگە ئىگە بولۇشى كېرەك.
ئۆلكە دەرىجىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقى ئاغرىقلارغا، مېيىپلەرگە بېرىلىدىغان قوشۇمچە پۇلنى ئالىدىغان خادىملارنىڭ ئەمگەك ئىقتىدارىنى قايتا تەكشۈرۈپ باھالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، قايتا تەكشۈرۈپ باھالاش ئارقىلىق ئەمگەك ئىقتىدارىنى پۈتۈنلەي يوقاتقان، دېگەن تەلەپكە ئۇيغۇن كەلمىسە، قايتا تەكشۈرۈپ باھالاش يەكۈنى چىقىرىلغان ئاينىڭ كېيىنكى ئېيىدىن باشلاپ ئاغرىقلارغا، مېيىپلارگە بېرىلىدىغان قوشۇمچە پۇلنى بېرىشنى توختىتىشى كېرەك.
ئاغرىقلارغا، مېيىپلەرگە بېرىلىدىغان قوشۇمچە پۇلغا كېرەكلىك مەبلەغ
ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىدىن تۆلىنىدۇ
دىققەت
ئىسپات ماتېرىياللىرىغا ئالدامچىلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش ياكى باشقا ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئاغرىقلارغا، مېيىپلەرگە بېرىلىدىغان قوشۇمچە پۇلنى ئالداپ ئېلىۋالغانلارنى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقى پۇلنى قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ ھەم ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە ئالاقىدار خادىملارنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
2025-يىلىدىن باشلاپ
قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيەگە چىقىش يېشىنى تەدرىجىي كېچىكتۈرۈش يولغا قويۇلىدۇ
14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11-يىغىنىدا قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيەگە چىقىش يېشىنى تەدرىجىي كېچىكتۈرۈشنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى. 2025-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيەگە چىقىش يېشىنى تەدرىجىي كېچىكتۈرۈش ئىسلاھاتىنى رەسمىي باشلاش قارار قىلىندى.
كىچىك قەدەم بىلەن تەڭشەش، ئېلاستىكىلىق يولغا قويۇش،
تۈرگە ئايرىپ ئالغا سىلجىتىش، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ
قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيەگە چىقىش يېشىنى تەدرىجىي كېچىكتۈرۈش يولغا قويۇلىدۇ
(1) ئەر ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە ئەسلىدىكى قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيەگە چىقىش يېشى 55 ياش بولغان ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيەگە چىقىش يېشى ھەر تۆت ئايغا بىر ئاي ئۇزارتىلىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا 63 ياش ۋە 58 ياشقا تەدرىجىي ئۇزارتىلىدۇ؛
(2) ئەسلىدە قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيەگە چىقىش يېشى 50 ياش بولغان ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيەگە چىقىش يېشى ھەر ئىككى ئايغا بىر ئاي ئۇزارتىلىپ، 55 ياشقا تەدرىجىي ئۇزارتىلىدۇ.
(3) دۆلەتنىڭ ئايرىم بەلگىلىمىسى بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
يېشىم توشتى، لېكىن ئەڭ تۆۋەن ھەق تاپشۇرۇش يىل چېكى توشمىدى، پېنسىيە پۇلى ئالسام بولامدۇ؟
قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىغا يەتكەن، لېكىن ئەڭ تۆۋەن ھەق تاپشۇرۇش يىل چېكىگە توشمىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر بەلگىلىمە بويىچە ھەق تاپشۇرۇش ياكى بىر قېتىمدىلا تاپشۇرۇش چارىسى ئارقىلىق ئەڭ تۆۋەن ھەق تۆلەش يىل چېكىگە يەتكۈزۈپ، ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى ئايمۇئاي ئالسا بولىدۇ.
قانچىلىك ۋاقىت كېچىكتۈرۈشكە بولىدۇ؟
ئىشچى-خىزمەتچىلەر قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىغا يېتىپ، تۇرۇشلۇق ئورۇن ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىلەن كېڭىشىپ بىرلىككە كەلگەن بولسا، پېنسىيەگە چىقىشنى ئېلاستىكىلىق كېچىكتۈرۈشكە بولىدۇ، كېچىكتۈرۈش ۋاقتى ئەڭ ئۇزاق بولغاندا ئۈچ يىلدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.
مۇددەتتىن بۇرۇن پېنسىيەگە چىقىشقا بولامدۇ؟
ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن ھەق تاپشۇرۇش يىل چېكى توشقان بولسا، ئېلاستىكىلىق مۇددەتتىن بۇرۇن پېنسىيەگە چىقىشنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تاللىسا بولىدۇ، ئالدىغا سۈرۈلگەن ۋاقىت ئەڭ ئۇزاق بولغاندا ئۈچ يىلدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ ھەمدە پېنسىيەگە چىقىش يېشى ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ 50 ياش، 55 ياش ۋە ئەر ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ 60 ياشتىن تۆۋەن بولۇشتىن ئىبارەت قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەسلىدىكى پېنسىيەگە چىقىش يېشىدىن تۆۋەن بولسا بولمايدۇ.
سەمىمىي ئەسكەرتىش
قۇدۇق ئاستى، يۇقىرى بوشلۇق، يۇقىرى تېمپېراتۇرا،
ئالاھىدە ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قاتارلىق دۆلەت بەلگىلىگەن ئالاھىدە ئىش تۈرلىرى ھەمدە
دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى يۇقىرى رايونلاردا ئىشلەۋاتقان ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن
شەرتكە توشىدىغانلىرى
مۇددەتتىن بۇرۇن پېنسىيەگە چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
«ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى