تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سەپىرى . تۇرپانغا نەزەر | بېلىقلار پىلتىڭلاپ، ئوت-چۆپلەر بولۇق ئۆستى! بېلىق بىلەن ئوت-چۆپنى بىللە يېتىشتۈرۈش تۈرى يېزا-كەنتلەرنىڭ يېشىل بېيىش كارتىنىسىنى سىزىپ چىقتى

10-ئاينىڭ 29-كۈنى، زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونىنىڭ زامانىۋىلاشقان ئېكولوگىيە ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىدە بېلىق بىلەن ئوت-چۆپنى بىللە يېتىشتۈرۈش كەسىپى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىغا بېرىپ زىيارەت قىلماقتا.

     تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى رۇي فوتوسى، خەۋىرى) 10-ئاينىڭ 29-كۈنى، 2024-يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سەپىرى باش تېمىسىدىكى زىيارەت ئۆمىكى تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونىنىڭ زامانىۋىلاشقان ئېكولوگىيە ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىدە بېلىق بىلەن ئوت-چۆپنى بىللە يېتىشتۈرۈش كەسپى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىغا بېرىپ، بېلىق بىلەن ئوت-چۆپنى بىللە يېتىشتۈرۈش تۈرىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، يېشىل ئايلانما يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى ئۈستىدە ئىزدەندى.

10-ئاينىڭ 29-كۈنى، خىزمەتچى خادىم ئوكۇن بېلىقىغا يەم تاشلاپ بەرمەكتە.

10-ئاينىڭ 29-كۈنى، زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونىدىكى زامانىۋىلاشقان ئېكولوگىيە ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىدە بېلىق بىلەن ئوت-چۆپنى بىللە يېتىشتۈرۈش كەسپى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدا سۈرەتكە تارتماقتا.

   بۇ تۈردە 2023-يىلى 9-ئايدا ئىش باشلىنىپ، 2024-يىلى 6-ئايدا پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى تەخمىنەن 40 مو بولۇپ، 47 مىليون 330 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىندى. بېلىق بىلەن ئوت-چۆپنى بىللە يېتىشتۈرۈش تۈرى باقمىچىلىق رايونى ۋە ئۆستۈرۈش (يېتىشتۈرۈش) رايونىغا ئايرىلغان بولۇپ، باقمىچىلىق رايونىدا ئۆلچەملەشكەن بېلىق كۆلچىكىدىن 23ى بار، ھەربىر بېلىق كۆلچىكىدە 3 توننا ئەتراپىدا ئوكۇن بېلىقى باققىلى بولىدۇ، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى تەخمىنەن 3 مىليون 500 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ. ئۆستۈرۈش (يېتىشتۈرۈش) رايونى ماس قەدەمدە بېلىق كۆلچىكىدىكى سۇ ئايلىنىش سىستېمىسىغا تايىنىپ ئارپىنى سۇغا چىلاپ پەرۋىش قىلغاندىن كېيىن ئۈنۈپ چىققان يېڭى ئوت-چۆپلەر يەم-خەشەك قىلىپ سېتىلىدۇ، ھەر كىلوگىرام ئارپا تېرىلىپ يەتتە كۈندىن كېيىن يەتتە كىلوگىرام يېڭى ئوت-چۆپ ئۈنۈپ چىقىدۇ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە 35 توننا يېڭى ئوت-چۆپ ئىشلەپچىقىرىلىدۇ، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 9 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ. بۇ تۈر ئومۇميۈزلۈك پۈتكەندىن كېيىن يىللىق مەھسۇلات قىممىتىنىڭ 35 مىليون يۈەنگە يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

10-ئاينىڭ 29-كۈنى، زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونىنىڭ زامانىۋىلاشقان ئېكولوگىيە ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىدە بېلىق بىلەن ئوت-چۆپنى بىللە يېتىشتۈرۈش كەسىپى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدا بولۇق ئۆسكەن يېڭى ئوت-چۆپلەرنى سۈرەتكە تارتماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.