تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

«جۇڭگو ئانار يۇرتى»دىكى %80 ئانار ئۆستۈرگۈچى «يەرلىك مۇتەخەسسىس»

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل

«بۇ يىل، مەن ئۆستۈرگەن ئانار <ئانار شاھى> دېگەن نامغا ئېرىشتى، 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن 2 - نۆۋەتلىك <پىيالما تاتلىق ئانىرى پىشتى> مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيىتى نەق مەيدانىدا، مەن 48 مىڭ يۈەنلىك ئانار ۋە ئانار شەربىتى ساتتىم. مۇلچەرىمچە بۇ يىل ئائىلىمىزنىڭ 22 مو يېرىدىكى ئاناردىن 160 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلالايمەن، يەنە 120 توننا ئانار سېتىۋالدىم، ئۈرۈمچى شەھىرى، كورلا شەھىرى، غۇلجا شەھىرى قاتارلىق جايلارغا ئاپىرىپ سېتىشنى پىلانلاۋاتىمەن...» 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، مۇخبىر بىلەن بۇ يىلقى ئانار توغرىسىدا پاراڭلاشقاندا، گۇما ناھىيەسى پىيالما يېزىسى ئۆتەڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى يۈسۈپ جېلىل خۇشاللىقتىن ئۆزىنى باسالماي قالدى.

شىمالىي كەڭلىك 37 گىرادۇس، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكى، ئىللىق مۆتىدىل بەلباغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى قۇرغاق كىلىمات، قۇم ئارىلاش سېغىز توپا ئاساس قىلىنغان تۇپراق... بۇلار بىرىكىپ پىيالما يېزىسىنى تۆت پەسىل ئېنىق ئايرىلغان، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشى كۈچلۈك، قۇرغاق، يامغۇر ئاز ياغىدىغان، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ بولغان يەرگە ئايلاندۇردى، بۇ، ئانارنىڭ ئۆسۈشىگە ئىنتايىن ماس كەلگەچكە، ئۇنى «جۇڭگو ئانار يۇرتى» دېگەن چىرايلىق نامىغا ئېرىشتۈردى.

پىيالما يېزىسىنىڭ ئانار ئۆستۈرۈش تارىخى ئۇزاق بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن ئانار ئۆستۈرۈلىدىغان مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرىنىڭ بىرى. «20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرى يېزىدا ئانار كۆلەملەشتۈرۈلۈپ ئۆستۈرۈلگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە، پۈتۈن يېزىدىكى %92 ئانارنى ئىزچىل دېھقانلار ئۆزلىرى ئۆستۈرۈپ كەلدى. ئانار ئۆستۈرگۈچىلەر كۆپ يىل جاپالىق ئىشلەپ، مېۋىلىك دەرەخ ئۆستۈرۈش، پەرۋىش قىلىش تېخنىكىسىنى ئىگىلەپ، <تەجرىبىسىز ئادەم>دىن <يەرلىك مۇتەخەسسىس>كە ئايلاندى» دېدى پىيالما يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لۇ جىدۇڭ.

لۇ جىدۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ھەر يىلى، ئانار ئۆستۈرگۈچىلەر يېزا ئىگىلىكىدە ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان تېخنىكىلار بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىغا ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق قاتنىشىپ، ئانار ئۆستۈرۈش بويىچە ئىلمىي پەرۋىش قىلىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىدۇ، ئىگىلەيدۇ، مەسىلەن، قىش ۋە ئەتىيازدىن ئىبارەت ئىككى پەسىلدە ئانار شاخلىرىنى كۆمۈش - ئېچىش، ئەتىياز پەسلىدە «چېچەك ئاسراش»، ياز ۋە كۈزدە «مېۋە ئاسراش»، چاتاپ شەكىلگە كەلتۈرۈش قاتارلىقلار، گۇما ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسى ئېھتىياجغا ئاساسەن ئېتىز بېشىدا يېتەكچىلىك قىلىشقا مەخسۇس ئادەم ئەۋەتتى. ئانار ئۆستۈرگۈچى ئائىلىلەر كۈنجۈرە، قوي قىغى، توخۇ مايىقى قاتارلىق چارۋا، ئۆي قۇشلىرىنىڭ قىغلىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئېچىتقاندىن كېيىن مەھەللىۋى ئوغۇت سۈپىتىدە ئىشلىتىپ، مەھسۇلاتنىڭ يېشىل، سۈپەتلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

«بۈگۈنكى كۈندە، پۈتۈن يېزىدىكى %80 ئانار ئۆستۈرگۈچى <يەرلىك مۇتەخەسسىس> بولۇپ قالدى» دېدى لۇ جىدۇڭ.

پىيالما يېزىسى جايتاش كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى نۇرئەخمەت ئابدۇرېھىم شۇ جايدىكى خېلى نامى بار «يەرلىك مۇتەخەسسىس»لەرنىڭ بىرى.

مۇخبىر نۇرئەخمەتنىڭ ئۆيىگە كەلگەندە، ھويلىدىكى بوش يەردە توق، يۇمىلاق ئانارلارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ رەتلىك تىزىلغانلىقىنى، چوڭ - كىچىكلىكى، رەڭگى ھەم يېرىلغان - يېرىلمىغانلىقىغا قاراپ ئىنچىكىلىك بىلەن ئوخشىمىغان دەرىجىگە ئايرىلىپ، رەت - رەت تىزىپ قويۇلغانلىقىنى كۆردى. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بەزىلىرى ئانارنى ئوراپ قاچىلاش يەشىكىگە قاچىلاۋاتقان، بەزىلىرى ئارقا ھويلىدىكى ئانارنى ئۈزۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، ھويلىدا ئالدىراش مەنزىرە نامايان بولغانىدى.

«ئەتىيازدا ئانار شېخىنى ئېچىشتىن تارتىپ، تۇپراقنى سۇغىرىش - ئوغۇتلاش - پەرۋىش قىلىشقىچە، يەنە چېچەك ۋە مېۋىلەرنى شالاڭلىتىشقىچە، يېزا ئېتىز پەرۋىشىنى بىرتۇتاش قانات يايدۇردى.» ئانار تىلغا ئېلىنسا، نۇرئەخمەتنىڭ سۆزلىرىدىن ناھايىتى پەخىرلىنىدىغانلىقى چىقىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئائىلىسى 15 مو يەردە ئانار ئۆستۈرگەن بولۇپ، ئانارنى ئۈزىدىغان - يىغىدىغان بۇ بىرنەچچە كۈندە، ھەر كۈنى 20 نەچچە ئادەمنى ياردەملىشىشكە تەكلىپ قىلدى، ھازىر 20 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى، 15 مو ئانارلىقتىن 120 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلىشنى مۆلچەرلىمەكتە.

نۇرئەخمەت مۇنداق دېدى: بۇلتۇر ئانار ساتقان پۇلغا قىزىمنى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئېلىش بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىغا تىزىملاتقانىدىم، بۇ يىل ئانار سېتىپ، قىزىمغا بىر ئاپتوموبىل ئېلىپ بېرىشنى ئويلاۋاتىمەن.

ئانار كەسپى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى. نۆۋەتتە، پىيالما يېزىسىنىڭ ئانار ئۆستۈرۈش كۆلىمى 24 مىڭ موغا يېتىپ، ھەربىر ئائىلىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 12 مودىن توغرا كەلدى، مو بېشى ھوسۇلى 700 - 800 كىلوگىرام بولدى. 2023 - يىلى، پىيالما تاتلىق ئانىرىنىڭ ھوسۇلى 14 مىڭ 700 توننىغا يېتىپ، ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 147 مىليون يۈەن بولدى، ئانار ئۆستۈرۈشتىن قىلىنغان كىرىم دېھقانلارنىڭ كىشى بېشى ئومۇمىي كىرىمىنىڭ %82.3ىنى ئىگىلىدى.

قىپقىزىل ئانار باياشات تۇرمۇش ئېلىپ كەلدى. ئانار ئۆستۈرۈشنى ياخشى ئىشلەشتىن باشقا، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىشمۇ ئوخشاشلا مۇھىم.

شۇڭلاشقا، پىيالما يېزىسى شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ ئانار كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئانار شەربىتى، ئانار ھارىقى، ئانار چېچىكى گۈلقەنتى ئىشلەپچىقىرىشتىن تارتىپ ئانار مەدەنىيەت ساياھىتىگىچە، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «پىيالما تاتلىق ئانىرى» دېگەن نام كارتىسىنى بارغانسېرى جۇلالاندۇردى.

«پىيالما تاتلىق ئانىرى»نى كېيىنكى قەدەمدە قانداق زورايتىش، كۈچەيتىش كېرەك؟ لۇ جىدۇڭ مۇنداق دېدى: پۈتۈن يېزىدا بەرپا قىلىنغان تۆت سەرخىل ئانار پەن - تېخنىكىسى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىغا تايىنىپ، ئانارنى كەسىپلىشىشكە قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئانارنى ئىنچىكە پىششىقلاش، سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىش، يېزا ئىگىلىكى - مەدەنىيەت - ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن كۈچ سەرپ قىلىپ، ئانارنى ھەقىقىي تۈردە «ئالتۇن مېۋە»گە ئايلاندۇرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.