□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گې يوۋجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىر جۈ جياخۇي
10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، جىمىسار ناھىيەسىنىڭ دايوۋجېن بازىرىغا جايلاشقان سانجى جيۇلۇڭشەن بىيوپەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ قېرىنسىمان موگۇ ئۆستۈرۈش پارنىكىدا، نەچچە كۈن ئىلگىرىكى ياپيېشىل چىڭسەي، يوۋمەيسەي قاتارلىق كۆكتاتلار يىغىۋېلىندى، موگۇ تېرىغۇچى دېھقانلار يەر تۈزلەش، قېرىنسىمان موگۇ تۈرىنى تېرىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. ئىلگىرى قېرىنسىمان موگۇلا تېرىلىدىغان پارنىكتا موگۇ بىلەن كۆكتاتنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، بۇ، موگۇ تېرىغان دېھقانلارغا تېخىمۇ كۆپ پايدا ئېلىپ كەلدى.
«بۇ ئىككى يىلدا، بىز جىمىسار ناھىيەسىدىكى ھازىر بار بولغان ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى پارنىكلىرىدىن پايدىلىنىپ، قېرىنسىمان موگۇدىن ئىبارەت بۇ ئەتىۋارلىق يېمەكلىك موگۇ تۈرىنى كىرگۈزۈپ تېرىپ، ناھايىتى ياخشى پايدىغا ئېرىشتۇق، لېكىن يەنە بەزى يېڭى مەسىلىلەرمۇ كۆرۈلدى. دەل مەسىلىنى ھەل قىلىشنى سىناق قىلىش جەريانىدا، بىز موگۇ بىلەن كۆكتاتنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىشتىن ئىبارەت بۇ ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسىنى ئىزدىنىپ تېپىپ چىقتۇق» دېدى سانجى جيۇلۇڭشەن بىيوپەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى سۇڭ شياڭگو.
سۇڭ شياڭگو مۇنداق تونۇشتۇردى: ئىلگىرىكى پارنىكتا بىرلا خىل قېرىنىسىمان موگۇ تېرىش ئەندىزىسىگە ئاساسەن، ھەر يىلى 10 - ئايدىن كېيىنكى يىلى 4 - ئايغىچە ئىككى قېتىم قېرىنسىمان موگۇ تېرىلاتتى، باشقا ۋاقىتلاردا پارنىك بىكار تۇرۇپ قالغاچقا، يەردىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى بىرقەدەر تۆۋەن ئىدى، يەنە ئاسانلا تۇپراقتا كېسەللىك، ھاشارات زىيىنىنىڭ يىغىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىراتتى. شۇ سەۋەبتىن، شىركەت موگۇ بىلەن كۆكتاتنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىشتىن ئىبارەت بۇ يېڭى تېرىقچىلىق ئەندىزىسىنى سىناق قىلىشنى قارار قىلدى. بۇ ئەندىزە بويىچە، ھەر يىلى 4 - ئايدىن 10 - ئايغىچە، پارنىكقا چىڭسەي، يۇۋمەيسەي، تۇڭخاۋ قاتارلىق كۆكتاتلار تېرىلىدۇ، 9 - ئاينىڭ ئاخىرىدا كۆكتاتلارنى يىغىپ بولغاندىن كېيىن، قېرىنسىمان موگۇ تېرىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بىر پارنىكتىن كۆپ خىل پايدىلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.
«موگۇ بىلەن كۆكتاتنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش ئەندىزىسى قوللىنىلغاندىن كېيىن، كۆكتات تېرىش قېرىنسىمان موگۇغا زىيانلىق بولغان كېسەللىك باكتېرىيەسىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىدى، قېرىنسىمان موگۇ تېرىش يەنە تۇپراقنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى تەڭشەپ، بىراقلا قوش پايدا ئېلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.» سۇڭ شياڭگو مۇنداق دېدى: 2023 - يىلى، شىركىتىمىز موگۇ بىلەن كۆكتاتنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسى ئارقىلىق، تەخمىنەن 1 مىليون يۈەن كىرىم قىلدى.
جىمىسار ناھىيەسىنىڭ دايوۋجېن بازىرىدا موگۇ بىلەن كۆكتاتنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىشنى سىناق قىلغان تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى يەنە ناھايىتى كۆپ، دايوۋجېن بازىرىنىڭ دايۇ كەنتىدىكى موگۇ ئۆستۈرگۈچى دېھقان چېن يەن دەل شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى.
بۇلتۇر 10 - ئايدا، چېن يەن ئىككى پارنىكقا قېرىنسىمان موگۇ تېرىدى. بۇ يىل 4 - ئايدا، قېرىنسىمان موگۇدىن ھوسۇل ئالغاندىن كېيىن، ئۇ يەنە پارنىكقا چىڭسەي ۋە شياۋبەسەي قاتارلىق كۆكتاتلارنى تېرىدى، ھەربىر پارنىكتىن قىلىدىغان كىرىمى 8000 يۈەندىن 12 مىڭ يۈەنگىچە كۆپەيدى.
موگۇ بىلەن كۆكتاتنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش ئەندىزىسىنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، جىمىسار ناھىيەسى يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرىنى بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە تېخنىكا مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، دېھقانلارنىڭ تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسى ۋە تېرىلىدىغان سورتلارنى ئەلالاشتۇرۇشىغا، تېرىش جەريانىدا يولۇققان تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى.
ئىگىلىنىشىچە، 2023 - يىلىدىن بۇيان، فۇجيەننىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش شيامېن شۆبە قوماندانلىق ئىشتابى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن 22 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، قېرىنسىمان موگۇ كەسپىنىڭ شۇ جايدا تەرەققىي قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلغان ۋە تۈرتكە بولغان. نۆۋەتتە، جىمىسار ناھىيەسى 1000غا يېقىن ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى پارنىكىدىن پايدىلانغان. بۇنىڭ ئىچىدە قېرىنسىمان موگۇ قاتارلىق ئالىي دەرىجىلىك يېمەكلىك زەمبۇرۇغى تېرىلىدىغان پارنىك تەرەققىي قىلىپ 500دىن ئاشقان. شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ قوللىشىدا، جىمىسار ناھىيەسىنىڭ دايوۋجېن بازىرى قېرىنسىمان موگۇ ئۆستۈرۈش بازىسىدىن تۆتنى بەرپا قىلغان، تېرىقچىلىق پارنىكىدىن 653نى ياسىغان ياكى ياساۋېتىپتۇ، ھەم يېمەكلىك زەمبۇرۇغى ئوزۇقلۇق بوغچىسى پىششىقلاش، زەمبۇرۇغ يىپچىسىنى يېتىشتۈرۈپ پاكىزلاپ ئوراپ قاچىلاش، پارنىكنى تېمىتىپ سۇغىرىش قاتارلىق تۈرلەرنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ قۇرۇپ، قېرىنسىمان موگۇ كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرگەن، شۇنداقلا موگۇ بىلەن كۆكتاتنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسىنى يولغا قويۇشنى مۇھىم ئاساسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىگەن.
«موگۇ بىلەن كۆكتاتنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قوللىنىلىشى پارنىك ئەسلىھە بايلىقىنى ئۈنۈملۈك جانلاندۇرۇپ، يەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى. بۇنىڭدىن كېيىن، بىز يەنە تېرىقچىلىق كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقان ئائىلىسىنى بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشتۈرىمىز» دېدى سۇڭ شياڭگو.