تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

شىنجاڭدىكى مىليون مو چەت - ياقا يەرنى مۇنبەت ئېتىزغا ئايلاندۇرۇشتىن ئۈمىد بار بولدى

شىنجاڭ گېزىتى، يەكەن، 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما بويۈ خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، دۆلەت ئوت - چۆپ كەسپى تېخنىكا سىستېمىسىنىڭ مۇتەخەسسىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەلا سۈپەتلىك يەم - خەشەك كەسپى تېخنىكا سىستېمىسىنىڭ باش مۇتەخەسسىسى جاڭ بو يەكەن ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن چەت - ياقا يەردە ئەلا سۈپەتلىك يەم - خەشەكنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىشلەپچىقىرىش بويىچە تېخنىكا ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا مۇنداق بىلدۈردى: مۆلچەرلىنىشىچە كەلگۈسى بەش يىلدا، بىر قاتار يۇقىرى ئۈنۈملۈك تېخنىكىلارنى كېڭەيتىپ قوللىنىش ئارقىلىق، شىنجاڭ مىليون مودىن ئارتۇق چەت - ياقا يەرنى مۇنبەت ئېتىزغا ئايلاندۇرىدىكەن.

چەت - ياقا يەر دېگىنىمىز، تۇپراقنىڭ توسالغۇ چەكلىمىسى گەۋدىلىك، سۇ، ئىسسىقلىق بايلىق چەكلىمىسى كۈچلۈك، يەر شەكلى شارائىت چەكلىمىسى چوڭ بولۇش سەۋەبىدىن يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمى تۆۋەن، ئېكولوگىيەسى ئاجىز يەرلەرنى كۆرسىتىدۇ.

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، دەسلەپكى مۆلچەرى ھېسابلىغاندا، دۆلىتىمىزنىڭ كالا، قوي گۆشى ۋە سۈت مەنبەسى بىلەن ئۆزىنى تەمىنلەش تەرەققىيات نىشانىغا ئاساسلانغاندا، ئەلا سۈپەتلىك يەم - خەشەككە بولغان ئېھتىياجنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 120 مىليون توننىدىن ئاشىدىكەن. نۆۋەتتە، مەملىكەت بويىچە 50 مىليون توننىغا يېقىن يەم - خەشەك كەمچىل بولۇپ، ھەر يىلى بېدە، سۇلۇ قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك يەم - خەشەكتىن 2 مىليون توننىدىن ئارتۇقنى ئىمپورت قىلىشقا توغرا كېلىدىكەن. شىنجاڭ چارۋىچىلىق چوڭ رايونى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئوت - چۆپ مەھسۇلات مىقدارىدىن قارىغاندا، نۆۋەتتە ئېھتىياجدىن سەل يۇقىرى بولسىمۇ، بىراق رايونلارنىڭ پەسىللىك تەمىنلىشى بىلەن ئېھتىياجى ئوتتۇرىسىدا تەڭپۇڭسىزلىق ئەھۋالى كۆرۈلگەن. جەنۇبىي شىنجاڭدا يەم - خەشەكنىڭ باھاسى شىمالىي شىنجاڭنىڭكىدىن ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى ئىكەن، بېدە ۋە سىلوس قونىقى ئوت - چۆپ ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %30ىگىمۇ يەتمەيدىغان بولۇپ، ئەلا سۈپەتلىك ئوت - چۆپنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى تۆۋەن ئىكەن.

«ئەلا سۈپەتلىك يەم - خەشەككە بولغان ئېھتىياجنىڭ كۈنسېرى ئېشىشىغا ئەگىشىپ، چەت - ياقا يەرلەر بىر خىل يوشۇرۇن بايلىق بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئۈنۈمدە پايدىلىنىش يەم - خەشەك كەسپىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە» دېدى جاڭ بو.

تېخنىكا ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا، مۇتەخەسسىسلەر، ئالىملار ۋە ئالاقىدار كارخانىلار بىر قاتار دەسلەپكى ئۈنۈم كۆرۈلگەن يولغا قويۇشقا بولىدىغان لايىھەنى ھەمبەھرىلىدى. ئاپتونوم رايوننىڭ ئەلا سۈپەتلىك يەم - خەشەك كەسپى تېخنىكا سىستېمىسى ئىش ئورنى مۇتەخەسسىسى جاڭ شۇجېن بۇغداي بىلەن بېدىنى كىرىشتۈرۈپ تېرىش، مىكرو پۈركۈپ سۇغىرىش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ قۇم - بوراننىڭ ئالدىنى ئېلىپ، يەر تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى، شاخ ئايرىش مەزگىلىدە يەر ئاستىدىن تېمىتىپ سۇغىرىش تېخنىكىسى ئارقىلىق ئۆسۈشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مايسا تىكىش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، قۇم - بوراننىڭ ئۇپرىتىشىغا تاقابىل تۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. نۆۋەتتە بۇ تېخنىكا قۇملۇق گىرۋىكىدە ئەتىياز، ياز، كۈزدىن ئىبارەت ئۈچ پەسىلدە بېدە تېرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بېدە مايسىلىرىنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتىنى %40كىمۇ يەتمەسلىكتىن %90تىن كۆپرەككە يېتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، سۇدىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى %25 ئۆستۈرۈپ، قۇملىشىپ كەتكەن يەرلەردە بېدە تېرىش ئىشلەپچىقىرىشىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى.

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ياڭ جىنيۈ شورلۇق يەردە تۇپراق − سۇ − زىرائەت سىستېمىسىدا يېڭىلىق يارىتىپ پەرۋىش قىلىش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ھەم بۇغداينى ئورۇۋالغاندىن كېيىن قىچا قاتارلىق يەرلىك زىرائەتلەرنى تەكرار تېرىشنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش ۋە تۇپراقنى ياخشىلاشقا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شىخەنزە داشۆ ھايۋانات پەن - تېخنىكىسى شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى جاڭ فەنفەن تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىي گىرۋىكىگە جايلاشقان بىڭتۇەن 3 - شى 54 - تۇەندە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا يۇبەسەينى سىناق قىلىپ تېرىغانلىق قاتارلىق تەجرىبىلىرىنى ھەمبەھرىلىدى.

لۈجىخاڭ (شاڭخەي) يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بىلەن شىنجاڭ مەيتېۋېي ئوت - چۆپ كەسپى چەكلىك شىركىتى چۆللۈكتە قۇمنى تىزگىنلەپ، ئىلمىي ئۇسۇلدا كۆكتات، مېۋە - چېۋە ئۆستۈرۈشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك مىساللارنى ھەمبەھرىلىدى. يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئوت - چۆپ تېرىش تېخنىكىسىنى قوللىنىش ئارقىلىق، يەكەن ناھىيەسى «ئون كۈندە مىڭ مو قاقاسلىقنى بوستانلىققا ئايلاندۇرۇش»تەك تىزگىنلەش ئۈنۈمىنى ئىشقا ئاشۇردى.

«قانداق قىلغاندا ئوت - چۆپنىڭ تۇپراقنى ياخشىلاش، ئېتىزلارنى ئوغۇتلاش، شورلىشىشقا چىداملىق بولۇش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، چەت - ياقا يەرلەردىن يۇقىرى ئۈنۈمدە مۇۋاپىق پايدىلىنىپ، شۇ ئارقىلىق يەر بايلىقى ۋە مۇھىتنىڭ بەرداشلىق بېرىش كۈچىگە ماس كېلىدىغان ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكى يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش ئوت - چۆپ كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ ئالدىغا قويۇلغان يېڭى تېما» دېدى جاڭ بو.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.