□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى
ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭ ئىشقا ئاشۇرغان دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 357 مىليارد 150 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.3 ئاشتى.
يېزا ئىگىلىكى خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئۇلى، يېزا ئىگىلىكى مۇقىم بولسا ئومۇمىيەت مۇقىم بولىدۇ. بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسى بەرپا قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چۆرىدەپ، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك رايونى قۇرۇش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى تۆھپە قوشۇش دەرىجىسىنى سىجىل ئۆستۈردى، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتى مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا سۈپىتى ئۆسۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.
ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئاساسى مۇستەھكەملەندى، پۇختىلاندى
بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇش، كۆلەمنى كېڭەيتىش، بىرلىك ھوسۇلدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاشلىق - ياغ كەسىپ توپى قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سەۋىيەدە ئالغا سىلجىتىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش نىشان - ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشقا شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشتى.
سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ يازلىق ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇلى 6 مىليون 934 مىڭ 800 توننىغا يېتىپ، تارىختىكى 3 - يۇقىرى سەۋىيەنى ساقلىغان. يازلىق ئاشلىقنىڭ مو بېشى بىرلىك ھوسۇلى 394.59 كىلوگىرام بولۇپ، ئۇدا بەش يىل ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان. ئاپتونوم رايون بويىچە ئاشلىق، ياغلىق دان تېرىقچىلىقىدا يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپىسى بىردەك ئاشۇرۇپ ئورۇندالغان.
ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش جەريانىدا، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپىسىنى ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا، كەنتلەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆلەمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى مۇقىملاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار تۈرلۈك مالىيە مەبلىغى ئارقىلىق بىرتۇتاش قوللاش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، بۇغداي ۋە دادۇر تېرىش ياردەم پۇلىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا ئىشلىتىلىدىغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش ياردەم پۇلىنى ئالدىن نەقلەشتۈرۈپ، ئاشلىق كۆپ چىقىدىغان ناھىيەلەرگە مەدەت بېرىشنى سىجىل كۈچەيتىپ، سىياسەت، مەبلەغ ئارقىلىق يار - يۆلەك بولۇش سالمىقىنى زورايتىپ، دېھقانلارنى ئاشلىق تېرىسا پۇل تاپالايدىغان، ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان ناھىيەلەرنى ئاشلىقنى تۇتسا زىيان تارتمايدىغان بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئاشلىق، ياغلىق دان ئىشلەپچىقىرىشىنى پۇختا كاپالەتكە ئىگە قىلدى.
ھازىر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا «كۈزنىڭ ئۈچ ئىشى» خىزمىتى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىۋاتىدۇ، ھەرقايسى جايلار ھاۋارايى ئۆزگىرىشى ۋە كۈزلۈك يىغىمنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى يېقىندىن ئىز قوغلاپ ئىگىلەپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ رايون ھالقىپ مەشغۇلات قىلىشى بويىچە تارماقلار كېڭىشىش، يۇقىرى - تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇپ ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلاندى، يېزا ئىگىلىكى - يېزا، قاتناش - تىرانسپورت قاتارلىق تارماقلار ئالاقىلىشىش، جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى ھەقىقىي ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، كۈزلۈك ئاشلىقنىڭ ئامبارغا تولۇق كىرگۈزۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەر دەرىجىلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات، ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش، يېزا ئىگىلىكى - يېزا قاتارلىق تارماقلار ۋە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ماس ھەمكارلىشىپ، «ئاشلىق سېتىۋالىدىغان ئادەم بولۇش، ئاشلىق سېتىۋالىدىغان پۇل بولۇش، ئاشلىق ساقلايدىغان ئامبار بولۇش، ئاشلىق توشۇيدىغان ئاپتوموبىل بولۇش، ئاشلىقنى گۈللەندۈرىدىغان كەسىپ بولۇش، ئاشلىقنى قوغدايدىغان قانۇن بولۇش»نى چۆرىدەپ، سۇبيېكتى كۆپ خىل، سېتىۋېلىش - سېتىش جانلانغان، ئوبوروتى راۋان بولغان ئاشلىق بازىرى ياخشى ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، كۈزلۈك ئاشلىق سېتىۋېلىش بازىرىنىڭ مۇقىم، تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.
سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايون بويىچە كۈزلۈك ئاشلىقنىڭ %90تىن كۆپرەكى يىغىۋېلىنغان، كۈزلۈك ئاشلىقنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى يېقىنقى بەش يىل ئىچىدە ئەڭ ياخشى بولغان، پۈتۈن يىللىق ئاشلىق، ياغلىق دان ئىشلەپچىقىرىشىدا يىللىق ئىشلەپچىقىرىش نىشان - ۋەزىپىسىنى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇنداشتىن ئۈمىد بار ئىكەن.
كەڭ كۆلەمدىكى بىرلىك ھوسۇلنى ئاشۇرۇشتا نەتىجە كۆرۈنەرلىك بولدى
3 - پەسىلدە، زىرائەتلەرنىڭ ھوسۇل بېرىش مەزگىلىگە تەدرىجىي كىرىشىگە ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى غەلىبە خەۋەرلىرى ئۈزۈلمەي تارقالدى.
شىنجاڭدا يازغى بۇغداينىڭ يۈز مو ئۆلچەمدىكى مو بېشى ھوسۇلى 796.1 كىلوگىرام بولۇپ، مەملىكەت بويىچە يۇقىرى ھوسۇل رېكورتى يارىتىلدى؛ يۈز مولۇق، مىڭ مولۇق، ئونمىڭ مولۇق مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن يەرگە تېرىلغان كۈزگى بۇغداينىڭ مو بېشى ھوسۇلى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 795.8 كىلوگىرام، 756.2 كىلوگىرام، 720.4 كىلوگىرام بولدى، يۈز مولۇق، مىڭ مولۇق، ئونمىڭ مولۇق، يۈزمىڭ مولۇق مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن يەرگە تېرىلغان كۆممىقوناقنىڭ مو بېشى ھوسۇلى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 1576.8 كىلوگىرام، 1550.1 كىلوگىرام، 1392.7 كىلوگىرام، 1358 كىلوگىراملىق بىرلىك ھوسۇل سەۋىيەسى بىلەن مەملىكەت بويىچە كەڭ كۆلەمدىكى بىرلىك ھوسۇل رېكورتى ئۇدا يارىتىلدى؛ كۆممىقوناقتا مىليون مو ئۆلچەمدە تۇنجى قېتىم كەڭ كۆلەمدىكى بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يارىتىلىپ، مو بېشى ھوسۇلى 1164.7 كىلوگىرام بولۇشتەك نەتىجە ئارقىلىق مەملىكەت بويىچە مىليون مو دەرىجىلىك «توننىلىق ئاشلىق ئېتىزى» باشلامچىلىق بىلەن بەرپا قىلىندى. كېۋەزنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىمۇ ئادەتتىكى يىللاردىكىدىن ياخشى بولدى، چىگىتلىك پاختا بىرلىك ھوسۇلىنىڭ مو بېشىغا 30 كىلوگىرامدىن 50 كىلوگىرامغىچە ئېشىشىدىن ئۈمىد بار.
بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ دۆلەتنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك يۈز مىليارد جىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى چۆرىدەپ، سىياسەت، سۇ ئىشلىتىش، يەر قۇۋۋىتى، ئۇرۇق ئىشلىتىش، ماشىنا - ئۈسكۈنە، پەن - تېخنىكا قاتارلىقلارغا كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلارنى توپلاشتۇرۇپ كېڭەيتىپ، ئېتىز پەرۋىشى تەدبىرلىرىنى پۇختا تۇتۇپ، ئاشلىق كۆپ چىقىدىغان 35 ناھىيەنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، «يۈز مو يەردە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، مىڭ مو يەردە بەرپا قىلىش، ئونمىڭ مو يەردە ئۈلگە كۆرسىتىش»نى يولغا قويۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاشلىق ھوسۇلىنىڭ كەڭ كۆلەمدە تەكشى ئېشىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ تۈرتكە بولدى.
كۈچلۈك كاپالەتنىڭ تۈرتكىسىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسى مۇلازىمەت ئىقتىدارى سىجىل ئېشىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ تېخنىكا سىستېمىسىدىن 18ى بەرپا قىلىنىپ، 83 يېتەكچى سورت ۋە ئون تۈرلۈك ئاساسلىق كېڭەيتىلىدىغان تېخنىكا توپلاشتۇرۇپ كېڭەيتىلدى. ئۆزى يېتىشتۈرگەن بۇغداي، كېۋەز سورتلىرى تېرىلغان كۆلەم بىردەك %94تىن ئاشتى. پاختا يىغىش ماشىنىسىدىكى ھەممە زاپچاسلارنىڭ دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلىش نىسبىتى %95تىن ئاشتى، بۇ يىل ئاپتونوم رايون بويىچە بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز قاتارلىق ئاساسلىق زىرائەتلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال ماشىنىلىشىش سەۋىيەسىنىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا %99.5، %95.5، %97تىن كۆپرەككە يېتىشى مۆلچەرلەندى.
ھازىر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا كۈزگى بۇغداي تېرىش خىزمىتى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلماقتا، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار تېرىقچىلىق مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ئېڭىز زىرائەتلىرىنى يىغىش بىلەن كۈزگى بۇغداي تېرىشنى جىپسىلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كۈزگى بۇغداينىڭ مۇۋاپىق مەزگىلدە تېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقايسى جايلاردىكى يېزا ئىگىلىكى - يېزا تارماقلىرى مايسا ئەھۋالىنى كۆزىتىپ ئۆلچەشنى كۈچەيتىپ، يەر ۋە مايسا ئەھۋالىغا قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، قىش كىرىشتىن بۇرۇن تىمەن مايسىلارنى يېتىشتۈرۈپ، بۇغداي مايسىلىرىنىڭ قىشتىن بىخەتەر ئۆتۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، مېۋىلەرنى يىغىۋېلىشنى ياخشى ئىشلەپ، باغلاردا سۇ ۋە ئوغۇت پەرۋىشىدىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەم - خەشەكلەرنى زاپاس ساقلاشنى كۈچەيتىپ، چارۋىلارنى يايلاق كۆچۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كېلەر يىللىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا يەنە مول ھوسۇل ئېلىشقا پۇختا ئاساس سالدى.
«كۆكتات سېۋىتى» «مېۋە تەخسىسى» تېخىمۇ موللاشتى
بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى نىشان قىلىپ، مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسى بەرپا قىلىشنى تېزلەتتى، يېزا ئىگىلىك خاس كەسىپلىرىدە بىرقەدەر ياخشى تەرەققىياتنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىنىڭ پايدىسىدا، شىنجاڭدىكى ئاھالىلەرنىڭ «كۆكتات سېۋىتى» «مېۋە تەخسىسى» تېخىمۇ موللاشتى.
سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، ئاپتونوم رايون بويىچە كۆكتات، مېۋە ھوسۇلى كۆرۈنەرلىك ئاشقان، كۆكتات ھوسۇلى 16 مىليون 256 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.6 ئاشقان؛ باغ مېۋىلىرى ھوسۇلى 8 مىليون 22 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.2 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە نەشپۈت ھوسۇلى 1 مىليون 389 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.4 ئاشقان؛ ئالما ھوسۇلى 879 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.0 ئاشقان؛ ئۈزۈم ھوسۇلى 3 مىليون 47 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.1 ئاشقان.
بۇ يىل، شىنجاڭ كۆكتات بىلەن ئۆزىنى تەمىنلەش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى، پۈتۈن يىلدا كۆكتات ئۆستۈرۈش كۆلىمىنىڭ 5 مىليون 500 مىڭ مو ئەتراپىغا يېتىپ، ھوسۇلىنىڭ 20 مىليون توننىدىن ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى. باغۋەنچىلىك كەسپىدە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش خىزمىتى سىجىل ئالغا سىلجىتىلدى، ھەرقايسى جايلار يېڭى سورت ۋە زامانىۋى ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، باغۋەنچىلىك كەسپىدىن ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى قۇرۇپ، زىچلىقىنى ئۆزگەرتىش، تۆۋەن ھوسۇللۇق، تۆۋەن ئۈنۈملۈك باغلارنى ئۆزگەرتىشنى قانات يايدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، باغۋەنچىلىك كەسپى تەرەققىياتىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ(بىڭتۇەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) مېۋە ئومۇمىي ھوسۇلىنىڭ 14 مىليون توننىغا يېتىشى، تاۋار مېۋە نىسبىتىنىڭ %86تىن ئېشىشى مۆلچەرلەندى.
ئاپتونوم رايون بويىچە بېلىقچىلىق كەسپىدە يەنىلا بىرقەدەر ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتى ساقلىنىپ، كۆلىمى سىجىل كېڭەيدى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، سۇ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش مىقدارى 118 مىڭ 800 توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.2 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، چوڭ سۇ يۈزى ئېكولوگىيەلىك باقمىچىلىقى، ئەسلىھەلىك بېلىقچىلىق كەسپىنىڭ كۆلىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %23 ئاشتى.
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ يىل، شىنجاڭ «گۆش كالىسى، گۆش قويى ھەم سۈتچىلىك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر توققۇز تۈرلۈك سىياسەت - تەدبىر»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەخسۇس 2 مىليارد 500 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاساسىي گەۋدىنى مۇقىملاشتۇرۇش، چىشى چارۋا نىسبىتىگە كاپالەتلىك قىلىش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش، قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇشقا كۈچەپ، چارۋىچىلىق تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي ھالىتىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، باقمىچىلىق كۆزلىمىسىگە بولغان ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، بازارنى ئۈنۈملۈك جانلاندۇردى. ئالاقىدار سىياسەتلەرنىڭ مەدىتىدە، ئاپتونوم رايون بويىچە كالىنىڭ سېتىپ چىقىرىلىش مىقدارى ۋە داۋاملىق بېقىلىش مىقدارىدا بىردەك بىرقەدەر تېز ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، داۋاملىق بېقىلىۋاتقان كالا 8 مىليون 518 مىڭ بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.5 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە داۋاملىق بېقىلىۋاتقان گۆش كالىسى 7 مىليون 222 مىڭ بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.8 ئاشتى. سېتىپ چىقىرىلغان كالا 2 مىليون 535 مىڭغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.7 ئاشتى. چوشقا، كالا، قوي گۆشى مەھسۇلات مىقدارى 1 مىليون 372 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 54 مىڭ توننا كۆپىيىپ، %4.1 ئاشتى؛ قۇش تۇخۇمى مەھسۇلات مىقدارى 292 مىڭ توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 7000 توننا كۆپىيىپ، %2.3 ئاشتى.
ھازىر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى چارۋىلارنى قىشتىن ئۆتكۈزۈشكە كېرەكلىك يەم - خەشەكلەرنى يىغىپ ساقلاش، كۈز پەسلىدىكى ئېغىر ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە چارۋىلارنى يايلاق كۆچۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە قەدەم قويدى، ھەرقايسى جايلار دىققەتنى ئاساسىي گەۋدىنى مۇقىملاشتۇرۇش، چىشى چارۋا نىسبىتىگە كاپالەتلىك قىلىش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش، قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئاچقۇچلۇق تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، چارۋىچىلىقنىڭ ئۇنىۋېرسال تەرەققىيات سەۋىيەسى ۋە چارۋا مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈرىدۇ.