تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ كامبودژا پادىشاھى سىخامونىنىڭ تەختكە ئولتۇرغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلىدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى 10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كامبودژا پادىشاھى سىخامونىغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ تەختكە ئولتۇرغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پادىشاھ سىخامونى تەختكە ئولتۇرغاندىن بۇيان، كامبودژانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتى، گۈللىنىشى، خەلقئارا ئالاقىسى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشۇپ، جۇڭگو بىلەن كامبودژانىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ئۈچۈن ئۇزاق مەزگىل كۈچ چىقاردى. بىزنىڭ ئورتاق يېتەكچىلىكىمىزدە، جۇڭگو - كامبودژا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى سەۋىيەلىك، يۇقىرى ئۆلچەملىك بولۇش يېڭى دەۋرىگە قەدەم قويدى، «ئالماس ئالتە تەرەپ» ھەمكارلىق رامكىسى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، «سانائەت تەرەققىيات كارىدورى» ۋە «بېلىق - گۈرۈچ كارىدورى» قۇرۇلۇشىدا پائال ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، «جۇڭگو - كامبودژا ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش يىلى» جانلىق ۋە ياخشى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئەمەلىي مەنپەئەت ئېلىپ كەلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن كامبودژا جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولىدىغان، ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان جانجىگەر دوستلار. مەن جۇڭگو - كامبودژا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، كامبودژا خان جەمەتى بىلەن بولغان ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئىنتايىن قەدىرلەيمەن، پادىشاھ سىخامونى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە بولغان ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - كامبودژا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىدا تېخىمۇ كۆپ مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.