تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

بالىنىڭ بېشى چوڭ بولسا چوقۇم ئەقىللىق بولىدۇ؟ جاۋاب شۇكى ...

«بالىنىڭ بېشى چوڭ بولسا چوقۇم ئەقىللىق بولىدۇ»

نۇرغۇن ياشانغانلار كىچىك بالىلارنى ماختىغاندا مۇنداق دەيدۇ: «بۇ بالىنىڭ بېشى چوڭ، كېيىن چوقۇم ئەقىللىق بولىدۇ.» كىشىلەر ھەمىشە بەدەننىڭ مەلۇم قىسمى قانچە چوڭ بولسا، ئۇنىڭ ئىقتىدارى شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ، چوڭ مېڭىگە نىسبەتەن، باش چوڭ بولسا، بىۋاسىتە ھالدا چوڭ مېڭىنىڭ ھەجىمى چوڭ، مېڭە ھۈجەيرىلىرى كۆپ بولىدۇ، شۇڭا تېخىمۇ ئەقىللىق بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارايدۇ.

تەھلىل

ئۇنداق ئەمەس.

بېشى چوڭ دېگەن سۆزگە ماس كېلىدىغان ئىلمىي سۆزلۈك ئەمەلىيەتتە مېڭە سىغىمچانلىقى چوڭ. مېڭە سىغىمچانلىقى پەرقى ھەقىقەتەن ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى ئەقلىي قابىلىيەت پەرقىنى مەلۇم دەرىجىدە چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. لېكىن، بۇ خىل باغلىنىش مۇقەررەر ئەمەس.

ياشانغانلار بالىلارنى ماختىغاندا دائىم: «بۇ بالىنىڭ بېشى چوڭ، كېيىن چوقۇم ئەقىللىق بولىدۇ» دەيدۇ. ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتتە باش چوڭ بولۇشمۇ ئەقىل - پاراسەت، بەخت - سائادەت ۋە سەمىمىيلىككە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

بۇ بەلكىم كىشىلەرنىڭ ھەمىشە بەدەننىڭ مەلۇم قىسمى قانچە چوڭ بولسا، ئۇنىڭ ئىقتىدارى شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ، چوڭ مېڭىگە نىسبەتەن، باش چوڭ بولسا، بىۋاسىتە ھالدا چوڭ مېڭىنىڭ ھەجىمى چوڭ، مېڭە ھۈجەيرىلىرى كۆپ بولىدۇ، شۇڭا تېخىمۇ ئەقىللىق بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارىغانلىقىدىن بولسا كېرەك.

ئۇنداقتا، باش چوڭ بولۇشى چوقۇم چوڭ مېڭىنىڭ چوڭ ئىكەنلىكىگە ۋە ئەقىللىق بولىدىغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلامدۇ؟

مېڭە سىغىمچانلىقى ھەرگىزمۇ قانچە چوڭ بولسا شۇنچە ياخشى بولىۋەرمەيدۇ

باشنىڭ چوڭلۇقى ۋە ماس كېلىدىغان چوڭ مېڭە ھەجىمىنىڭ چوڭلۇقىنى تېخىمۇ ئىلمىي بولغان بىر سۆز بىلەن تەسۋىرلەشكە بولىدۇ، ئۇ بولسىمۇ ___ مېڭە سىغىمچانلىقى چوڭ.

سۈرەت ئامبىرىدىكى نەشر ھوقۇقىغا ئىگە رەسىم، كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ

مېڭە سىغىمچانلىقى پەرقى ھەقىقەتەن ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى ئەقلىي قابىلىيەت پەرقىنى مەلۇم دەرىجىدە چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. چۈنكى، چوڭراق چوڭ مېڭىدە تېخىمۇ كۆپ نېۋرون بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا تېخىمۇ مۇرەككەپ قۇرۇلما شەكىللىنىپ، ئەقلىي ئىقتىدارغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. لېكىن، بۇ خىل باغلىنىش مۇقەررەر ئەمەس.

بىز بۇ پەرەزنى پۈتكۈل تەبىئەت دۇنياسىغا كىرگۈزسەك، ئۇنىڭ پۈتۈنلەي پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىقىنى بايقايمىز. مەسىلەن، ئىپار كىتىنىڭ چوڭ مېڭىسى ئىنسانلار چوڭ مېڭىسىنىڭ بەش ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى ئىنسانلارنىڭكىدىن يۇقىرى ئەمەس، كالىنىڭ چوڭ مېڭىسى چاشقاننىڭ چوڭ مېڭىسىدىن 200 ھەسسە ئېغىر بولۇپ، شىمپەنزىنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى بىلەن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ. لېكىن ئېنىقكى، كالا شىمپەنزىدەك ئەقىللىق بولمايلا قالماستىن، ھەتتا كىچىككىنە چاشقاندىنمۇ ئەقىللىق ئەمەس.

چوڭ مېڭە سىغىمچانلىقى چوڭ بولۇشىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارغا تەڭ بولۇشى ناتايىن. تېنى چوڭراق ھايۋانلارنىڭ ئادەتتە مېڭە سىغىمچانلىقى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ، لېكىن بۇ كۆپ چىققان نېۋرونلار پۈتۈنلەي ئەقلىي ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئىشلىتىلمەيدۇ، بەلكى ئۇلارنىڭ تېخىمۇ چوڭ بەدىنىنى كونترول قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ. يېتەرلىك مىقداردىكى نېۋرون يۇقىرى ئەقلىي ئىقتىدارنى شەكىللەندۈرۈشنىڭ زۆرۈر شەرتى، لېكىن ئەكسىچە، يېتەرلىك مىقداردىكى نېۋروننىڭ يۇقىرى ئەقلىي ئىقتىدارنى شەكىللەندۈرەلىشى ناتايىن.

ئىنسانلارنىڭ مېڭە سىغىمچانلىقى بىلەن ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، ئالىملار CT ۋە ماگنىتلىق رېزونانس ئارقىلىق تەسۋىر ھاسىل قىلىش (MRI) قاتارلىق تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ، ئىنسانلارنىڭ مېڭە سىغىمچانلىقى بىلەن ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ مۇناسىۋىتىنى كۆپ قېتىم دەلىللىدى ھەمدە ئەڭ ئاخىرىدا: چوڭ مېڭە سىغىمچانلىقى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ مۇناسىۋىتى پەقەت ئوتتۇرا دەرىجىدە مۇناسىۋەتلىك، مۇناسىۋەتلىك بولۇش كوئېففىتسېنتى تەخمىنەن 0.40 ~ 0.30 بولىدۇ، دېگەن يەكۈننى چىقاردى.

مۇنداقچە ئېيتقاندا، مېڭە سىغىمچانلىقى ھەقىقەتەن ئەقلىي ئىقتىدارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، لېكىن بۇ خىل تەسىر بىز ئويلىغاندەك ئۇنچە يۇقىرى ئەمەس. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، چوڭ مېڭە قۇرۇلمىسىنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىغا بولغان تەسىرى ئەمەلىيەتتە تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.

تەپەككۇر سۈرئىتىنىڭ تېخىمۇ تېز بولۇشى پۈتۈنلەي قىسقا يولغا تايىنىدۇ

بولۇپمۇ، چوڭ مېڭىنىڭ ئۇلىنىش دەرىجىسى يۇقىرى ئەقلىي ئىقتىدارغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم.

   پەقەت نېۋروننىڭ ئۆزىگە تايىنىپلا ئەقلىي ئىقتىدار ھاسىل قىلغىلى بولمايدۇ. شۇنى بىلىش كېرەككى، ئىنسانلار بوۋىقى تۇغۇلغاندا چوڭ مېڭىسىدىكى نېۋرونلار شەكىللىنىپ بولغان بولىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ روشەن ئەقلىي ئىقتىدارى بولمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدىكى كەچۈرمىشى ۋە كەچۈرمىشىگە ئەگىشىپ، ئوخشاش بولمىغان ئارىلىقتىكى نېۋرونلار ئارىسىدىكى يولنى ئۈزلۈكسىز بەرپا قىلغاندىلا، ئەقلىي ئىقتىدارى تەدرىجىي تەرەققىي قىلىدۇ. ھالبۇكى، سىگنالنىڭ دەل مۇشۇ نېۋرونلار ئارىسىدىكى يولنى بويلاپ يەتكۈزۈلۈشى، ئالماشتۇرۇش جەريانى ئارقىلىق ئاتالمىش «تەپەككۇر»نى شەكىللەندۈرىدۇ.

   شۇڭا، سىگنالنىڭ چوڭ مېڭىنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرى ئارىسىدا تارقىلىش يولى قانچە راۋان، قانچە تېز بولسا، چوڭ مېڭىنىڭ ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش سۈرئىتى شۇنچە تېز بولىدۇ، شۇنداقلا تېخىمۇ يۇقىرى ئەقلىي ئىقتىدارغا ئىگە بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ خىل سىگنالنىڭ يەتكۈزۈلۈش يولى قانچە قىسقا بولسا، ئەقلىي ئىقتىدارمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسى كۆپ فۇنكسىيەلىك رايونغا بۆلۈنىدۇ، تەپەككۇر جەريانى كۆپ ھاللاردا كۆپ رايوننىڭ ماسلىشىشىغا موھتاج بولىدۇ. ئالىملار ئەقىللىق كىشىلەرنىڭ چوڭ مېڭىسىدىكى ئوخشاش بولمىغان رايونلار ئارىسىدىكى سىگنال يەتكۈزۈش يولىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئىخچام بولىدىغانلىقىنى، شۇڭا سىگنال يەتكۈزۈش ئۈنۈمىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بايقىدى. ئەقىللىق ئادەمنىڭ تەپەككۇر قىلىش سۈرئىتىنىڭ تېز بولغانلىقىدا ھەقىقەتەن سەۋەب بار.

سۈرەت ئامبىرىدىكى نەشر ھوقۇقىغا ئىگە رەسىم، كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ

چوڭ مېڭىدىكى ھەر خىل نېرۋىلار قانچە كۆپ ئۇلانسا، ئادەم شۇنچە ئەقىللىق بولامدۇ؟

بىز ئىنسانلار شەھىرىنى ئاددىي قىلىپ سېلىشتۇرۇش تۈرى قىلىپ كۆرسەك بولىدۇ، چۇڭچىڭنىڭ قاتناش مۇرەككەپلىكىنى پۈتۈن مەملىكەت ئېتىراپ قىلىدۇ، گىرەلىشىپ كەتكەن ئۆتۈشمە كۆۋرۈكلەر ھەتتا يول باشلاش سىستېمىسىنىمۇ «گاڭگىرىتىپ» قويىدىغان بۇنداق شەھەردە دەرىجىدىن تاشقىرى كونا شوپۇرلاردىن باشقا ئادەتتىكى شوپۇرلار دائىم يولدىن ئېزىپ قالىدۇ، قاتناش ئۈنۈمى روشەنكى يۇقىرى كۆتۈرۈلمىدى. چوڭ مېڭىمۇ ئوخشاشلا شۇنداق، بەك كۆپ، بەك قالايمىقان يول ئەكسىچە بىزنىڭ سىگنال يەتكۈزۈش ئۈنۈمىمىزنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، ئىنسانلارنىڭ چوڭ مېڭىسىمۇ يېتىلىش جەريانىدا ئازايتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ. مەسىلەن، بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، شۇنداقلا مۇھىت بىلەن ئۇچرىشىش ۋە ئۆگىنىشنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇنىڭ سىناپتىك ئۇلانغان سىگنال يولى كۆپىيىدۇ. لېكىن سىناپتىك ئۇلاشنىڭ ھەممىسى پايدىلىق ئەمەس. يېتىلىش جەريانىدا سىناپتىك ئۇلاشلار ئۈزلۈكسىز رەتلىنىپ، پىكىر قىلىش ئۈنۈمىمىز يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.

چوڭ مېڭىمۇ ئازايتىش ئۇسۇلىنى قوللانغاندىلا، ئاندىن يۇقىرى ئۈنۈمگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

بالىلىق دەۋرىدىكى باش سۆڭىكىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىگە

ھەقىقەتەن دىققەت قىلىش زۆرۈر

گەرچە باشنىڭ چوڭ بولۇشى ئەقلىي قابىلىيەتنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمىسىمۇ، لېكىن بوۋاقلىق مەزگىلىدىكى باش سۆڭىكىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ھەقىقەتەن بىزنىڭ دىققەت قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.

سۈرەت ئامبىرىدىكى نەشر ھوقۇقىغا ئىگە رەسىم، كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ

بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن، باش ئايلانمىسى ئىنتايىن مۇھىم ئۆسۈش كۆرسەتكۈچى بولىدۇ. ئەگەر باش ئايلانمىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بەك ئاستا بولسا، چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشى تولۇق بولماسلىق ياكى كىچىك باش غەيرىيلىكى بولۇشى مۇمكىن، مېڭە سىغىمچانلىقى بەك كىچىك بولسا، بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ شەكىللىنىشىنى چەكلەپ قويىدۇ.

باش ئايلانمىسى بەك تېز ئېشىپ كەتسە، ئوخشاشلا مەسىلە بولۇشى مۇمكىن. بالىنىڭ باش ئارقا قىسمى بىنورمال چوڭىيىپ كەتسە، چوڭ مېڭە غەيرىيلىكى، مېڭىگە سۇ يىغىلىش، كۆمۈرچەككە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ خەۋپى مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن. بولۇپمۇ مېڭىگە سۇ يىغىلىش ۋاقتىدا داۋالانمىسا، بالىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى، كۆرۈش قۇۋۋىتى، ئاڭلاش ئىقتىدارى، تىل ئىقتىدارى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمىلىك ئىقتىدارىغا تەسىر يېتىدۇ.

ئەپقاچتى گەپلەر ئەينىكى

————————————

خەلق ئارىسىدا بۇنداق ئەپقاچتى گەپلەر ناھايىتى كۆپ، نۇرغۇن كېسەللىكلەر توغرىسىدىكى ئەپقاچتى گەپلەر مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، مەسىلەن، «بوغۇملار قاراس-قاراس قىلغان ئاۋاز چىقارسا بۇ چوقۇم بوغۇم ياللۇغى» دېگەندەك. بەدىنىمىزدىكى ھەر بىر ئەزانىڭ قۇرۇلمىسى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، بىر ھادىسىنى ئاددىي ھالدا بىر سەۋەبكە يىغىنچاقلاشقا بولمايدۇ. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەپقاچتى گەپلەرگە يولۇققاندا، بىز كەسپىي خادىملاردىن كۆپرەك سوراپ، ماتېرىيال كۆرسەك، بىر - بىرلەپ ماھىيىتىدىن چۈشىنەلەيمىز.

ئاپتور: خەي دېلا، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئاپتورى

تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: جەن لىشۈەن، گۇاڭجۇ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 2 - دوختۇرخانا نېرۋا ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ پىروفېسسورى، جاۋ ۋېي، تيەنجىن تەيدا دوختۇرخانىسى نېرۋا ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.