تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

كۈندە بىر ئىستاكان ھەسەل سۈيى ئىچسە ھۆسننى گۈزەللەشتۈرۈپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرامدۇ؟ ھەرگىز قالايمىقان ئىچمەڭ!

   ھەسەلنىڭ «كارامىتى» يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كىشىلەر ئارىسىدا تارقىلىپ كەلمەكتە. نۇرغۇن كىشىلەر «ھەسەل چىراينى گۈزەللەشتۈرىدۇ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ، بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ» دەپ قاراپ، «كۈندە ئەتىگەندە بىر ئىستاكان ھەسەل سۈيى ئىچىش»نى تەۋسىيە قىلىدۇ، بۇنىڭ راستىنلا پايدىسى بارمۇ؟

ھەسەل سۈيى ئارقىلىق ھۆسننى گۈزەللەشتۈرۈش، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، كۈتۈنۈش

راستىنلا ئۇنچە ئىشەنچلىك ئەمەس

   ھەسەل تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار ئەمەلىيەتتە ناھايىتى ئاز. ھەسەل تەركىبىنىڭ %75تىن كۆپرەكى گلۇكوزا ۋە فرۇكتوزا، قالغان %20تىن كۆپرەكى سۇ بولۇپ، پەقەت %0.5 ئەتراپىدىكى تەركىبلا ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.

   «ھەسەل سۈيى ئىچسە تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ»، بۇ نۇرغۇن كىشىلەر ئىشىنىدىغان، خەلق ئىچىدە تارقىلىپ يۈرگەن رېتسېپ. لېكىن، ئەمەلىيەتتە، بۇ پەقەت ھەسەلنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا فرۇكتوزا بولغاچقا، بەزى كىشىلەر فرۇكتوزىغا بەرداشلىق بېرەلمەي، ھەسەلنى كۆپ مىقداردا قوبۇل قىلغاندىن كېيىن فرۇكتوزانى ھەزىم قىلالماي ئىچى سۈرىدىغانلىقىدىن كەلگەن گەپ.

   مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئەگەر سىز فرۇكتوزىنى ياخشى قوبۇل قىلسىڭىز، ھەسەلنىڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈنۈمى بولمايدۇ، ئۇنىڭدىن كۆرە بىۋاسىتە سۇ ئىچىپ، سۇ تولۇقلاپ، تەرەتنى يۇمشىتىش كېرەك.

رەسىم ئامبىرىدىكى نەشىر ھوقۇقىغا ئىگە رەسىم، كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش نەشىر ھوقۇقى ماجىراسى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن

   ھەسەل ئارقىلىق كۈتۈنۈش، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش ئىشەنچىلىك ئەمەس دېيىشمۇ يۇقىرىقىغا ئوخشاش داۋلى.

   پەقەت %0.5 ئەتراپىدىكى تەركىبلا سالامەتلىككە پايدىلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇشى مۇمكىن، مەسىلەن، ھەر خىل فېرمېنتلار، ئۇنداقتا تەبىئىي ھالدا ئۇنىڭ كۈتۈنۈش، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈنۈمىنى قانچىلىك جارى قىلدۇرۇشىدىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ. ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، تەركىبىدە ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل، ھەر خىل ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلار بولغان باشقا يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق تولۇقلاش كېرەك.

ھەر كۈنى بىر ئىستاكان ھەسەل سۈيى ئىچكەندە

بەدەندە قانداق ئۆزگىرىش بولىدۇ

   1. قان شېكىرى ئۆرلەپ كېتىشى مۇمكىن

   ھەسەلنىڭ تاتلىق تەمى ئۇنىڭ ئىچىدىكى گلۇكوزا ۋە فرۇكتوزىدىن كېلىدۇ. «سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ بىر ئىستاكان ھەسەل سۈيى ئىچىش» ئادىتىنىڭ قان شېكىرى سەۋىيەسى نورمال كىشىلەرگە بولغان تەسىرى ئانچە چوڭ ئەمەس، ئاچ قورساققا ئېنېرگىيە تولۇقلاشنىڭ مەنبەسى، دەپ قارىسا بولىدۇ.

   لېكىن، قان شېكىرى يۇقىرى ياكى دىيابېت كېسىلى بار دوستلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەسەل تەركىبىدىكى قەنت مىقدارى موما، بولكا قاتارلىق ئاساسلىق يېمەكلىكلەردىكى قەنت مىقدارىنىڭ سۈمۈرۈلۈش سۈرئىتىگە قارىغاندا تېخىمۇ تېز بولىدۇ، شۇڭا ئاسانلا قان شېكىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

   2. سەمىرىپ كېتىشى مۇمكىن

   ئەگەر ھەسەل سۈيى بەك قويۇق تەڭشەلسە ياكى كۆپ ئىچىلسە، قەنت تەركىبى كۆپ قوبۇل قىلىنىپ، ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى تېزلىشىپ، ياغنىڭ بېسىلىپ قېلىشىمۇ ئېشىپ كېتىدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى سېمىزلىك خەۋپى تەبىئىيلا ئېشىپ كېتىدۇ، ھەتتا جىگەرنى ماي قاپلاش نىسبىتى ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن.

رەسىم ئامبىرىدىكى نەشىر ھوقۇقىغا ئىگە رەسىم، كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش نەشىر ھوقۇقى ماجىراسى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن

   3. باشقا ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن

   ھەسەل تەركىبىدە شېكەردىن باشقا ھەر خىل ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ مىقدارى ئىنتايىن ئاز، ئەگەر سەھەر تۇرۇپ كۆپ مىقداردا ھەسەل سۈيى ئىچسە، ئاشقازاندىكى بوشلۇقنى ئىگىلەپ، باشقا ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ مىقدارى يۇقىرى، تۈرى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى قوبۇل قىلىشىمىزغا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن، مەسىلەن، سۈت، تۇخۇم، كۆكتات، مېۋە - چېۋە ۋە قارا گۆش قاتارلىقلار.

   قان شېكىرى نورمال دوستلار ئەگەر ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ سۇس تەڭشەلگەن ھەسەل سۈيىدىن ئازراق ئىچىپ ئېغىز بوشلۇقىنى نەمدەپ، ئىشتىھاسىنى ئاچسا بولىدۇ.

راستىنلا «سۇ» ئىچىپ ساغلاملىقنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە

مۇنداق قىلىش كېرەك

   ئەگەر بىز راستتىنلا «سۇ» ئىچىش ئارقىلىق ساغلاملىقنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈنۈمىگە يەتمەكچى بولساق، ئوزۇقلۇق قىممىتىنى يۇقىرى ـ تۆۋەن دەيدىغان، يەنە يۇقىرى قان شېكىرى خەۋپىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ھەسەل سۈيىگە ئېسىلىۋالماي، باشقا ساغلام ئىچىملىكلەرنى تاللىساق تامامەن بولىدۇ.

   1. ئىلمان قايناقسۇنى يېتەرلىك ئىچىش كېرەك

   ئەگەر ئادەتتە قەۋزىيەت ئازابىڭىز بولسا، كۆپرەك ئىلمان قايناقسۇ ئىچىپ بەرسىڭىز بولىدۇ. ئىلمان قايناقسۇ ھەم ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ھەم زىيادە ئىسسىق ياكى زىيادە سوغۇق سەۋەبىدىن ئاشقازان - ئۈچەي يوللىرىنى غىدىقلىمايدۇ، ئۇ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇشنىڭ ياخشى ياردەمچىسى.

   يېمەكلىك تالاسى (قارا ئاشلىق، يېڭى كۆكتات ۋە مېۋە-چېۋىلەر ئىچىدە يېمەكلىك تالاسى بىر قەدەر يۇقىرى، بولۇپمۇ خولوڭگو، شىمېي، ئاق نەشپۈت، مىخوۋتاۋ قاتارلىق مېۋىلەرنى يېتەرلىك يېيىش ئاساسىدا، يەنە يېتەرلىك سۇ ئىچىش مىقدارى قوشۇلىدۇ، مۇشۇنداق قىلغاندىلا يېمەكلىك تالالىرى ئۈچەيدىكى سۇنى سۈمۈرۈپ يوغىناپ ۋە يۇمشاپ، ئاسان چىقىرىۋېتىلىدۇ.

   2. سۇس دەملەنگەن چاي ياكى گۈل-مېۋە چېيىنى كۆپرەك ئىچىپ بېرىش كېرەك

   بىر تەرەپتىن، چاي قايناقسۇغا قارىغاندا تېخىمۇ تەملىك بولۇپ، بىزنىڭ كۆپرەك سۇ ئىچىشىمىزنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەدەن ۋە تېرىگە تېخىمۇ كۆپ سۇ تولۇقلايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، چاي تەركىبىدىكى چاي پولىفېنولى ۋە باشقا فلاۋون تۈرىدىكى ئۆسۈملۈك خىمىيەلىك ماددىلىرى راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمىگە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئادەم بەدىنىنىڭ ئوكسىدلىنىشقا، قېرىشقا قارشى تۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.

   شېكەر قوشۇلمىغان گۈل-مېۋە چېيى خۇشبۇي، يەنە گۈل-مېۋىدىكى قىسمەن ۋىتامىن C قاتارلىق ئوزۇقلۇق تەركىبلەر ساقلىنىپ قالىدۇ.

رەسىم ئامبىرىدىكى نەشىر ھوقۇقىغا ئىگە رەسىم، كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش نەشىر ھوقۇقى ماجىراسى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن

   3. كۈندە بىر ئىستاكان سۈت، پۇرچاق سۈتى ئىچسىڭىزمۇ بولىدۇ

   ئەگەر ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، تەبىئىي ھالدا ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل مىقدارى نىسبەتەن مول بولغان ئىچىملىكلەرنى ئويلىشىش كېرەك، شۇندىلا ئادەم بەدىنىنى ھەر خىل ئىممۇنىتېت ماددىلىرىنى بىرىكتۈرۈشنىڭ ئاساسى بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ. ساپ سۈت، قەنتسىز ياكى تۆۋەن قەنتلىك قېتىق ۋە قەنتسىز ياكى تۆۋەن قەنتلىك پۇرچاق سۈتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ياخشى تاللاشتۇر.

   ساپ سۈت تەركىبىدە گەرچە مەلۇم مىقداردا ياغ بولسىمۇ، لېكىن ئاقسىل مىقدارى (4g/100g ئەتراپىدا) ۋە كالتسىي مىقدارى (115mg/100g ئەتراپىدا) ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ. ئەگەر ياغ بار دېسىڭىز، يەنە تۆۋەن ياغلىق سۈت، ياغسىزلاندۇرۇلغان سۈتنى تاللىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

   پۇرچاق سۈتى تەركىبىدىكى ئاقسىل مىقدارى (3g/100g) سۈتكە يەتمەيدۇ، لېكىن ياغ مىقدارى (1.6g/100g) ناھايىتى تۆۋەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ تەركىبىدە دادۇر ئىزوفلاۋونى بار بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئانىلىق ھورمون سەۋىيەسىنى قوش يۆنىلىشلىك تەڭشەشكە ياردىمى بار.

   ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرماقچى بولغان دوستلار ھەسەل سۈيى، شېكەرلىك ئىچىملىك، كاربونىك كىسلاتالىق ئىچىملىك قاتارلىق ئىچىملىكلەرنى تۆۋەن ياغلىق/ياغسىزلاندۇرۇلغان سۈت، قەنتسىز/تۆۋەن قەنتلىك قېتىق ياكى پۇرچاق سۈتىگە ئالماشتۇرسا تامامەن بولىدۇ.

   بىز «كۈندە بىر ئىستاكان ھەسەل سۈيى ئىچىش»نى ھەقىقىي ماھىيىتىنى چۈشنىۋالغاندىن كېيىن، ساغلام ئىچىملىكلەرنى تاللاشنىڭ ناھايىتى مول ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. يۇقىرىقى تەكلىپلەردىكى بۇ بىر قانچە تۈرنى تاللاپلا قالماي، يەنە كاللىمىزنى ئىشلىتىپ، تەبىئىي، ساغلام يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ مەززىلىك ھەم ساغلام ئىچىملىكلەرنى تەييارلىساقمۇ بولىدۇ.

   ئاپتور: ۋاڭ لۇ، جۇڭگو رويخەتكە ئېلىنغان ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسى، بېيجىڭ داشۆسى ئاممىۋى سەھىيە ئىلمى ماگىستىرى

   تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: رۇەن گۇاڭفېڭ، كېشىن يېمەكلىك ۋە ساغلاملىق ئۇچۇرلىرىنى ئالماشتۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.