تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر زوۋ يى خەۋىرى، فوتوسى) «بۇ يەردە يۇرتۇمنىڭ مېۋە-چېۋىلىرىنى، نېلۇپەر ئۇرۇقىنى كۆرۈپ، ناھايىتى ئىللىقلىق ھېس قىلدىم، ھىندونېزىيەدىمۇ شىنجاڭنىڭ مېۋە-چېۋىلىرىنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى جۇڭگو چەت ئەل تىل-يېزىقى نەشرىيات-تارقىتىش ئىدارىسى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان مەركىزىنىڭ ھىندونېزىيەلىك مۇخبىرى لى فۇشياڭ.
10-ئاينىڭ 27-كۈنى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمە باغچىسىغا بوشلۇقتىن نەزەر(تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).
شۇ كۈنى، «پۇرسەتكە تولغان جۇڭگو. ئېچىۋېتىلگەن شىنجاڭ» مۇتەخەسسىسلەر، مۇخبىرلار، ۋاڭخۇڭلار شىنجاڭنى زىيارەت قىلىش بويىچە تارقىتىش پائالىيىتى ئېكسكۇرسىيە-زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمە باغچىسىغا كېلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىش بازىسى، كەلگۈسى يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا سارىيى، ئىسسىق بەلباغ ئۆسۈملۈكلىرى تەتقىقات-ئۆگىنىش سارىيى قاتارلىق جايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.
شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمە باغچىسى سانجى دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا باغچە رايونىنىڭ يادرولۇق رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، 2010-يىلى پىلانلاپ قۇرۇلغان، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 2300 مو، يىغىن-كۆرگەزمە يەرمەنكە رايونى، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا كۆرگەزمە رايونى ۋە ئىستىراھەت، سەيلە-ساياھەت رايونىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ فۇنكسىيەلىك رايوندىن تەركىب تاپقان، ھازىر شىنجاڭ، ھەتتا غەربىي شىمال رايونىنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى نامايان قىلىدىغان، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسى جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىققا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم سۇپىغا ئايلاندى.
«كەلگۈسى يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا سارىيىدىكى بارلىق ئۈسكۈنىلەر 5G تورى ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇلۇپتۇ، زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى، تۇپراق ئەھۋالى، ئاتموسفېرا مۇھىتى ئەھۋالى، سۇ مۇھىتى ئەھۋالى، جۈملىدىن كېسەللىك-ھاشارات زىيىنى ئەھۋالىنى ھەر ۋاقىت كۆزىتىپ تۇرغىلى بولىدىكەن، تېرىشتىن يىغىۋېلىشقىچە ھەممىسى ئاپتوماتلىشىپتۇ، كىشىنىڭ كۆزىنى چاقنىتىدىكەن» دېدى دوۋيىندا 350 مىڭ مەستانىسى بار پاكىستانلىق ۋاڭخۇڭ ئابباس بىر تەرەپتىن سىنغا ئالغاچ.
10-ئاينىڭ 27-كۈنى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمە باغچىسىدىكى كۈزلۈك جۇخارگۈل باغچىسىغا بوشلۇقتىن نەزەر(تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).
10-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئېكسكۇرسىيە-زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمە باغچىسى كەلگۈسى يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا سارىيىغا كېلىپ، ئېكسكۇرسىيە قىلىپ سۈرەتكە تارتماقتا.
10-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئېكسكۇرسىيە-زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمە باغچىسى ئىسسىق بەلباغ ئۆسۈملۈكلىرى تەتقىقات-ئۆگىنىش سارىيىدا ئېكسكۇرسىيە قىلىپ سۈرەتكە تارتماقتا.
10-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئېكسكۇرسىيە-زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمە باغچىسى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىش بازىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.
«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى