ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر زوۋ يى فوتوسى، خەۋىرى) 10-ئاينىڭ 27-كۈنى، جۇڭگو چەت ئەل تىل-يېزىقى نەشرىيات-تارقىتىش ئىدارىسى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان مەركىزىنىڭ ياپونىيەلىك مۇخبىرى جىيې يوۋخې مۇنداق دېدى: «مالنى مۇشۇنداق قولايلىق ئوبوروت قىلىشتا پەن-تېخنىكا، ئەقىل-پاراسەت سىڭدۈرۈلگەن ئەشيا ئوبوروتى كەسپىنىڭ تۆھپىسىگە كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ».
10-ئاينىڭ 27-كۈنى، شىنجاڭ (سانجى) ئاسىيا-ياۋروپا خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى باغچىسى جيۇجوۋ خېڭچاڭ ئەشيا ئوبوروتى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئاقىل ئەشيا ئوبوروتىغا ئىشلىتىلىدىغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ساپ توكلۇق يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ بوشلۇقتىن تارتىلغان سۈرىتى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت).
10-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئېكسكۇرسىيە-زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر شىنجاڭ (سانجى) ئاسىيا-ياۋروپا خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى باغچىسى جيۇجوۋ خېڭچاڭ ئەشيا ئوبوروتى پاي چەكلىك شىركىتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.
شۇ كۈنى، «پۇرسەتكە تولغان جۇڭگو . ئېچىۋېتىلگەن شىنجاڭ» مۇتەخەسسىسلەر، مۇخبىرلار، ۋاڭخۇڭلار شىنجاڭنى زىيارەت قىلىش بويىچە تارقىتىش پائالىيىتى ئېكسكۇرسىيە-زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر سانجى شەھىرىدىكى شىنجاڭ (سانجى) ئاسىيا-ياۋروپا خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى باغچىسىغا كېلىپ، نەق مەيداندا رەقەملەشتۈرۈلگەن، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇلغان ئەشيا ئوبوروتى كەسپىنىڭ تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشقانلىقىنى ھېس قىلدى.
10-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئېكسكۇرسىيە-زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر شىنجاڭ (سانجى) ئاسىيا-ياۋروپا خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى باغچىسى جيۇجوۋ خېڭچاڭ ئەشيا ئوبوروتى پاي چەكلىك شىركىتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.
10-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئېكسكۇرسىيە-زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر شىنجاڭ (سانجى) ئاسىيا-ياۋروپا خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى باغچىسى جيۇجوۋ خېڭچاڭ ئەشيا ئوبوروتى پاي چەكلىك شىركىتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.
10-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئېكسكۇرسىيە-زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر شىنجاڭ (سانجى) ئاسىيا-ياۋروپا خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى باغچىسى جيۇجوۋ خېڭچاڭ ئەشيا ئوبوروتى پاي چەكلىك شىركىتىدە ئاپتوموبىل، يول ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە بۇلۇت ھېسابلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش سۇپىسىنى چۈشەنمەكتە. بۇ سۇپا ئاقىل ئەشيا ئوبوروتىغا قاتنىشىدىغان تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئورنىنى ھەر ۋاقىت بېكىتەلەيدۇ ھەم توك قاچىلاش ئەسلىھەلىرى قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى ھەر ۋاقىت نازارەت قىلالايدۇ.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، سانجى شەھىرى ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى بىلەن ماس تەرەققىي قىلىشنى تېزلىتىش ئارقىلىق، دۇنيا تەمىنلەش زەنجىرىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىپ كىرىپ، ئاقىل ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنى ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلەنگەن زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى بازىسى بەرپا قىلدى. بۇ يىلنىڭ بېشىدىن ھازىرغىچە، شىنجاڭ (سانجى) ئاسىيا-ياۋروپا خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت باغچىسى جۇڭگو شىنجاڭ ئەشيا ئوبوروتى، جيۇجوۋ خېڭچاڭ، يۈەنتۇڭ، خۇاياڭ ئامباردا ساقلاش قاتارلىق 25 ئەشيا ئوبوروتى تېز يەتكۈزۈش كارخانىسىنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلىپ، تاشيول يۈك تىرانسپورت مىقدارىنى 15 مىليون توننىغا، يۈك ئوبوروت مىقدارىنى 1 مىليارد 690 مىليون توننا /كىلومېتىرغا يەتكۈزدى.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى