تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر تاڭ يۇڭ فوتوسى، خەۋىرى) 10-ئاينىڭ 28-كۈنى، مۇخبىر گۇما ناھىيەسىنىڭ زاڭگۇي يېزىسىغا جايلاشقان شىنجاڭ خۇييۆجى بىيو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ گۇالوۋ كەسپى تېرىقچىلىق بازىسىغا كىرگەندە، كۆز يەتكۈسىز گۇالوۋ ئېتىزى، قاتار-قاتار رەتلىك تىزىلغان گۇالوۋ جازىلىرىنىڭ يىراقلارغا سوزۇلغانلىقىنى، خىزمەتچىلەرنىڭ ئۇياقتىن-بۇياققا ئۆتۈشۈپ، پىشقان گۇالوۋلارنى ئۈزۈۋاتقانلىقىنى كۆردى.
10-ئاينىڭ 28-كۈنى، خىزمەتچىلەر تېرىقچىلىق بازىسىدا گۇالوۋلارنىڭ يىلتىزىنى قاچىلاپ توشۇماقتا.
بۇ تېرىقچىلىق بازىسى ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىشتىكى نۇقتىلىق تۈرى، نۆۋەتتە 1-قارارلىق قۇرۇلۇشقا 90 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنىپ، 12 مىڭ مو يۆشى گۇالوۋ تېرىقچىلىق بازىسى، گازىر-پۇرچاق ئىشلەپچىقىرىش رايونى، ھاراق ئېچىتىش، ئىشلەپچىقىرىش رايونى، جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى (چېچەك تالقىنى) ئىشلەپچىقىرىش رايونى، يانداشتۇرۇلغان ئورگانىك ئوغۇت ئىشلەپچىقىرىش رايونى قاتارلىقلار قۇرۇلۇپ، شۇ جايدىكى 1100دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى، 2024-يىلى يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 250 مىليون يۈەنگە يېتىپ، شۇ جايدىكى كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا، ئاممىنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولدى.