تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى مەملىكەت بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇردى!

بۇ يىل 1-ئايدىن 9-ئايغىچە 

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھاۋا سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىش دەرىجىسى، 

PM2.5 قويۇقلۇقىنىڭ ئۆزگىرىش دەرىجىسى 

مەملىكەت بويىچە 168 نۇقتىلىق شەھەر ئىچىدە 2 ـ ئورۇندا تۇردى 

 مۇخبىر بۇنى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى 

ئېكولوگىيە-مۇھىت مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان 

1- ئايدىن 9- ئايغىچە بولغان مەملىكەت بويىچە مۇھىت ھاۋا سۈپىتى ئەھۋالىدىن 

ئىگىلىگەن 

ئۈرۈمچىنىڭ كۆك ئاسمىنى  (ماتېرىيال سۈرەت) 

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان 

ئۈرۈمچى شەھىرى 

مۇھىت، ھاۋا سۈپىتىنى سىجىل ياخشىلاش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ 

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ 

«ئۈرۈمچى ـ سانجى ـ شىخەنزە» رايونىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەش ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ 

ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ 

پۈتۈن كۈچ بىلەن

كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسى 

قاتناش ـ ترانسپورت قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ سەرخىللاشتۇرۇپ 

شەھەر دائىرىسىنى مەنبەدىن ئىنچىكە باشقۇرۇش-تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ 

دائىملىق تەدبىر ئارقىلىق ئۇزاق ئۈنۈملۈك تۈزەشكە كاپالەتلىك قىلىپ 

يۇقىرى سۈپەتلىك ئېكولوگىيە-مۇھىت ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولدى 

ئۈرۈمچى خۇڭسەن باغچىسىدا، بۇلۇتلار ئارىسىدىن كۆپكۆك ئاسمان كۆرۈنۈپ تۇرماقتا (ماتېرىيال سۈرەت). ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي داۋشېڭ فوتوسى 

كېيىنكى قەدەمدە 

ئۈرۈمچى شەھىرى يەنە نىشاننى داۋاملىق چىڭ كۆزلەپ

دىققەتنى ئاچقۇچلۇق نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ 

تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي تەدبىرلەر، قاتتىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ 

كۆمۈر مەنبەسى، سانائەت مەنبەسى، كۆچمە مەنبە 

چاڭ توزان مەنبەسى بۇلغىنىشنى تۈزەشكە ئومۇميۈزلۈك كۈچەپ 

ئىنچىكە باشقۇرۇش - تىزگىنلەش سەۋىيەسىنى مۇستەھكەملەپ ۋە ئۆستۈرۈپ 

ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «كۆك ئاسمان بەخت تۇيغۇسى»نى 

ھەر بىر تۈزەش تەدبىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ 

ئاتموسفېرا مۇھىت سۈپىتىنىڭ سىجىل، مۇقىم ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ 

«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.