10-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، 10-ئايدىكى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھاۋارايى كىلىمات ئالاھىدىلىكى، 11-ئايدىكى كىلىمات يۈزلىنىشىنى ئالدىن مۆلچەرلەش ۋە مېتېئورولوگىيە مۇلازىمىتى ئەسكەرتمىسىنى ئېلان قىلدى. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل قىشتا، شىنجاڭنىڭ شىمالى قاتارلىق جايلاردا تېمپېراتۇرا قاتتىق تۆۋەنلەش، قار قېلىن يېغىشتەك باسقۇچ خاراكتېرلىك ھاۋارايى ئۆزگىرىشى كۆرۈلىدىكەن، شۇڭا مۇداپىئەنى كۈچەيتىش كېرەك ئىكەن.
10-ئايدىكى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھاۋارايى كىلىمات ئالاھىدىلىكىنى ئەسلىسەك: تېمپېراتۇرا سەل يۇقىرى، ھاۋانىڭ سوغۇق، ئىسسىقلىق داۋالغۇشى چوڭ بولدى؛ ھۆل-يېغىن كۆپرەك بولدى، سىچۇەن، چۇڭچىڭ ۋە چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنى بويىدىكى قۇرغاقچىلىق پەسەيدى؛ تەيفېڭ بورىنى «شەنتوئېر» ۋە «تەنمېي» بوران-چاپقۇن ئېلىپ كەلدى.
10-ئاينىڭ 21-كۈنى، قاردىن كېيىن ھاۋا ئېچىلىپ، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ياۋياگوۋ جىلغىسى مەنزىرە رايونىدا تۇمان سۆڭگىسى مەنزىرىسى كۆرۈلدى.
قايرات قابلىز فوتوسى
11-ئايدىكى كىلىمات يۈزلىنىشىنى ئالدىن مۆلچەرلەش: دۆلىتىمىزنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا تېمپېراتۇرا ئادەتتىكى يىللارنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن يۇقىرىراق بولىدۇ، ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئوتتۇرا قىسمى، شەرقى، شەرقىي شىمال، شىمالىي جۇڭگونىڭ شىمالى، شەرقىي جۇڭگونىڭ جەنۇبى، ئوتتۇرا جۇڭگونىڭ شەرقى قاتارلىق جايلاردا تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك سەل يۇقىرى بولىدۇ؛ يامغۇر كۆپ ياغىدىغان رايونلار ئاساسلىقى ئىچكى موڭغۇل، خېيلۇڭجياڭ، غەربىي شىمال رايونىنىڭ شىمالى، شىنجاڭنىڭ شىمالى، جياڭسۇنىڭ شەرقىي جەنۇبى، شاڭخەي، جېجياڭنىڭ شەرقىي شىمالى ۋە خەينەن قاتارلىق جايلارغا مەركەزلىشىدۇ.
11-ئايدا، شىنجاڭنىڭ شىمالىدا ھۆل-يېغىن كۆپرەك بولۇپ، تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق قار-يامغۇر ئاپىتىنىڭ قاتناش، ئېنېرگىيە، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، ساغلاملىققا كۆرسىتىدىغان تەسىرىدىن ساقلىنىشقا توغرا كېلىدۇ، شۇڭا ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تاشيول، تۆمۈريول، ئايرودۇرۇم ۋە شەھەر قاتنىشىنى راۋانلاشتۇرۇش ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش-باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق قار-يامغۇرلۇق ھاۋارايىنىڭ تەسىرىدە ئادەم بەدىنىدە نەپەسلىنىش سىستېمىسى ۋە قان ئايلىنىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرى كۆپ كۆرۈلۈشى ياكى شۇ خىل كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش خەۋپ-خەتىرى پەيدا قىلىشى مۇمكىن، بەدىنى ئاجىز كىشىلەر توپى بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، ئىسسىق ساقلاش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.
10-ئاينىڭ 20-كۈنى، قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىدا قار تېيىلماقتا.
دۇڭ شىجۈ فوتوسى
مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل قىش پەسلىدە (2024-يىلى 12-ئايدىن 2025--يىلى 2-ئايغىچە)، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا ئادەتتىكى يىللارنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن يۇقىرىراق بولىدىكەن، لېكىن پەسىل ئىچىدە تېمپېراتۇرىنىڭ ئىسسىق-سوغۇقلۇق داۋالغۇشى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، تېمپېراتۇرىنىڭ باسقۇچ خاراكتېرلىك قاتتىق تۆۋەنلەش ئېھتىماللىقى چوڭ بولىدىكەن. بۇ يىل قىشتا، شىنجاڭنىڭ شىمالىدا تېمپېراتۇرا قاتتىق تۆۋەنلەش، قار قېلىن يېغىشتەك باسقۇچ خاراكتېرلىك ھاۋارايى ئۆزگىرىشى كۆرۈلۈشى مۇمكىن، يېزا ئىگىلىك تارماقلىرىنىڭ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى ۋە چارۋىچىلىقتىكى ئۈششۈك ئاپىتى، قار ئاپىتى ۋە بوران ئاپىتىدىن مۇداپىئە كۆرۈشنى كۈچەيتىشى، قاتناش تارماقلىرىنىڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا، قېلىن قار، بوران ئاپىتىنىڭ خەۋپ-خەتەر لايىھەسىنى ياخشى ئىشلىشى، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئاپەتنى كۆزىتىش، ئالدىن سىگنال بېرىش ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن ئۈسكۈنىلەر بىلەن مۇز تازىلاش، يوللاردىكى قارلارنى تازىلاش قاتارلىق ئاسراش، رېمونت قىلىش خىزمىتىنى ۋاقتىدا ياخشى ئىشلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. قىسمەن رايونلارنىڭ پار بىلەن تەمىنلەش، ئېنېرگىيە سەرپ قىلىش ئېھتىياجى تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن يۇقىرى بولۇشى ھەمدە ئېنېرگىيە سەرپ قىلىشتا باسقۇچ خاراكتېرلىك يۇقىرى پەللە كۆرۈلۈشى مۇمكىن، شۇڭا قىش پەسلىدە سوغۇقتىن ساقلىنىپ ئىسسىق ساقلاشقا كېرەكلىك ئېنېرگىيەنى تەڭشەش ۋە ماددىي ئەشيالارنى زاپاس ساقلاش خىزمىتىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ياخشى ئىشلەش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
قىش پەسلىدىكى ناچار ھاۋارايىدا، ساغلام، ئىسسىق، بىخەتەر بولۇش ئەڭ مۇھىم، ھاۋارايىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن، كىيىم-كېچەكنى مۇۋاپىق كۆپەيتىپ، پار ئۈسكۈنىلىرىنى مۇۋاپىق ئىشلىتىپ، ئۆي ئىچى تېمپېراتۇرىسىنىڭ مۇۋاپىق بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ سۇ تۇرۇبىسى، سۇ پومپىسى قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ توڭلاپ قېلىشىدىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ياخشى ئىشلەپ، سۇ تۇرۇبىسىنىڭ توڭلاپ يېرىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ سىرتقا چىققاندا، ناچار ھاۋارايىدا ئۇزاق ۋاقىت سىرتتا يۈرۈشتىن ساقلىنىش، مېڭىش ۋاقتىنى ئازايتىش، تېيىلىپ كېتىشتىن ساقلىنىش ۋە ئېگىز بوشلۇقتىن مۇز چۈشۈپ كېتىشتىن ساقلىنىش، ئىمكانقەدەر بىخەتەر قاتناش قوراللىرىنى تاللاش كېرەك؛ ئاپتوموبىل ھەيدەپ سىرتقا چىققاندا، ئېھتىيات بىلەن ھەيدەپ، يول يۈرۈش بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، زۆرۈر بولغاندا تېيىلىشتىن ساقلىنىش زەنجىرى ئورنىتىش كېرەك؛ يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە ئىسسىقلىق قوبۇل قىلىشنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، مۇۋاپىق مىقداردا چېنىقىش، ۋىتامىن تولۇقلاپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخباراتى، ئانار بۇلۇت، جۇڭگو مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى