ھاۋا سەل سوۋۇپ قالدى، بىر كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ تۇرپاننى ساياھەت قىلىش تولىمۇ كۆڭۈللۈك ئىش.
«غەربكە ساياھەت»تىكى يالقۇنتاغقا بېرىش، مۇزېيغا بېرىپ تارىخ بىلەن تونۇشۇش، قۇملۇققا كىرىپ قانغۇچە كۆڭۈل ئېچىش... ئۆزگىچە تەبىئىي مەنزىرە تۇرپاننى قىسقا مۇساپىلىك ساياھەت قىلىشنىڭ نۇرغۇن سەۋەبلىرىگە ئىگە قىلىدۇ.
بۇ بىر كۈنلۈك ئىككى ساياھەت لىنىيەسى بەك ياخشى ئىكەن، كۆرۈپ باقايلى.
بىر كۈنلۈك ساياھەت! [A پىلان]
يالقۇنتاغ مەنزىرە رايونى −يالقۇنتاغ كەينى تاغ − تۇيۇق كەنتى− قۇمتاغ قۇملۇقى داڭلىق مەنزىرە رايونى
تۇرپاننىڭ بەلگە خاراكتېرلىك مەنزىرە نۇقتىسىغا بارسىڭىز
تەقلىد قىلغىلى بولمايدىغان تەبىئىي مەنزىرە
سىزنى ئاجايىپ ھېسلارغا چۆمدۈرىدۇ
☐ يالقۇنتاغ مەنزىرە رايونى
يالقۇنتاغ مەنزىرە رايونى تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي چېتىگە جايلاشقان. تاغ گەۋدىسى ئوچۇق قىزىل رەڭلىك بولۇپ، خۇددى لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئوت يالقۇنىغا ئوخشىغاچقا شۇنداق ئاتالغان.
بۇ يەردىكى تاغ گەۋدىسىنىڭ شەكلى ئىنتايىن ئۆزگىچە بولۇپ، تومۇز كۈنلىرى قۇياش پارقىراپ چىققاندا، قىزغۇچ قوڭۇر رەڭلىك تاغ كۈچلۈك قۇياش نۇرىدا قۇم تاشلار چاقناپ، ھاۋانىڭ تونۇردەك تەپتى يېلىنجاپ يۇقىرىغا ئۆرلەپ، ئىنتايىن ھەيۋەتلىك كۆرۈنىدۇ!
☐ يالقۇنتاغ كەينى تاغ
يالقۇنتاغ كەينى تاغدا داكا قىلىدىغان جايلارمۇ ئاز ئەمەس، قۇملۇق يەرلىك سەنئەت سارىيى، بېزەكلىك مىڭئۆي شۇ ئەتراپتا، «تارىخقا قىزىقىدىغانلار» كەلسە ئالدىرىماي ئىزدەنسە بولىدۇ.
☐ تۇيۇق كەنتى
تۇيۇق كەنتى تۇرپان پىچان ناھىيەسىنىڭ تۇيۇق يېزىسىغا، يالقۇنتاغنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىدىكى تۇيۇق جىلغىسىنىڭ جەنۇبىي ئېغىزىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ يەردىكى قۇرۇلۇشلارنىڭ كۆپىنچىسى توپا-تاش قۇرۇلمىلىق سېرىق سېغىز توپىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، قارىماققا ئىنتايىن قەدىمىي كۆرۈنىدۇ.
كەنتىكى ھەر بىر ئائىلىنىڭ ھويلا-ئارانلىرى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، ئىشىك-دېرىزىلىرى رەڭگارەڭ، ئاسما گىلەم، بېزەك، ئەسۋاب-جابدۇقلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى نەپىس.
بۇ يەردە سەيلە قىلغاندا، ئىنچىكە نۇقتىلاردىن يەرلىك كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشقا بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.
☐ قۇمتاغ قۇملۇقى داڭلىق مەنزىرە رايونى
قۇمتاغ قۇملۇقى دۇنيادىكى شەھەرگە ئەڭ يېقىن قۇملۇق.
ئەگەر ۋاقىت يېتەرلىك بولسا، چوقۇم بۇ يەرگە كېلىپ كۈننىڭ پېتىشىنى كۆرۈش كېرەك، كەچكى شەپەق ۋە قۇملۇقتىن ئالتۇن رەڭلىك رەسىم ھاسىل بولۇپ، كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ. ئەلۋەتتە، يەنە قۇملۇقتا دالىدا مېڭىش ۋە قۇم تېيىلىشنى ھېس قىلالايسىز، ھەقىقەتەن كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ.
بىر كۈنلۈك ساياھەت! [B پىلان]
بۇيلۇق مەنزىرە رايونى − كارىز باغچىسى − تۇرپان مۇزېيى
بىر كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ
تارىخ دەرسلىكىدىكى مەزمۇنلارغا كۆز يۈگۈرتۈپ
قەدىمكى بىلەن ھازىرقىنى ساياھەت قىلىش جەريانىدا تۇرپاننى چۈشىنىسىز
☐ بۇيلۇق مەنزىرە رايونى
بۇيلۇق يالقۇنتاغنىڭ غەرب تەرىپىگە جايلاشقان، ئاساسلىق مەنزىرە رايونلىرى بۇيلۇق خەلق ئۆرپ-ئادەت كەنتى، نەسىردىن ئەپەندى ئۆرپ-ئادەت باغچىسى، دارۋازلىق خەلق ئۆرپ-ئادەت باغچىسى، ۋاڭ لوبىن مۇزىكا-سەنئەت سارىيى، بۇيلۇق سەيلە-تاماشا باغچىسى ۋە پاقا كوچىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
بۇيلۇق مەنزىرە رايونىنى سەيلە قىلغاندا، ۋاقىت خېلىلا ئاستىلاپ قالغاندەك بىلىنىدۇ، مەيىن شامال كىشىنى ھۇزۇرلاندۇرىدىغان سالقىنلىق ئېلىپ كېلىپ، ئادەمنى ئىختىيارسىز بۇ يەردە توختاشقا مەجبۇر قىلىدۇ.
☐ كارىز ئۆرپ-ئادەت باغچىسى
كارىز سەددىچىن سېپىلى، بېيجىڭ-خاڭجۇ چوڭ قانىلى بىلەن تەڭ نام چىقارغان جۇڭگونىڭ قەدىمكى دەۋردىكى ئۈچ چوڭ قۇرۇلۇشىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭغا سانسىزلىغان ئەمگەكچىلەرنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە قان-تەرى مۇجەسسەملەنگەن.
مەنزىرە رايونىغا كىرگەندە، كارىز ئىچىگە چوڭقۇرلاپ كىرىپ، تىك قۇدۇق ۋە يەر ئاستى ئېقىنىنى يېقىن ئارىلىقتىن كۆزەتكىلى بولىدۇ، دەرسلىكتىكى مەزمۇنلار رېئاللىققا ئايلىنىپ، ئاجايىپ سىرلىق بىلىنىدۇ.
☐ تۇرپان مۇزېيى
تۇرپان مۇزېيى ئىدىقۇت رايونى كوناشەھەر شەرقىي يولىغا جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى 20 مىڭ كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدۇ، قۇرۇلۇش كۆلىمى 17 مىڭ 570 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ.
ھازىر ساقلىنىۋاتقان مەدەنىيەت يادىكارلىقىدىن 20 مىڭ 637سى، قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقىدىن 707سى بار، ساقلانغان بۇيۇملارنىڭ تۈرىدىن تاش قوراللار، ساپال بۇيۇملار، پۈتۈك، قۇرۇق جەسەت قاتارلىق 35 خىلى بار. تاشقا ئايلانغان غايەت زور دىنوزاۋۇرلار، تۇرپان پۈتۈكلىرى، تۇرپان قۇرۇق جەسەتلىرى قاتارلىقلار مۇزېينىڭ گۆھەرلىرى بولۇپ، بىر كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ.
«شىنجاڭ ياخشى جاي شىنجاڭ» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى