1. قىش پەسلىدە كىرىش بېلىتىدە ئېتىبار بېرىش سىياسىتى يولغا قويۇلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ «قاناس مەنزىرە رايونى كىرىش بېلىتى باھاسىنى تۆۋەنلىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» (ش ت ئى د باھاسى [2018] 787 - نومۇرلۇق)غا ئاساسەن، قاناس مەنزىرە رايونى قىش پەسلىدە كىرىش بېلىتىدە بىر بېلەت بىلەن ساياھەت قىلىش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىدۇ، بېلەت باھاسى بىر ئادەم قېتىم/100 يۈەن ئۈچ كۈن (قاناس، قۇمقاناس، ئاققابا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ساياھەتچىلەر ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى «قاناس مەنزىرە رايونى (喀纳斯景区)»، «ئەسلىدىكى سەپەر تورى (原行网)» ياكى ۋىيشىن كىچىك پىروگراممىسى «قاناس (大喀)» ئارقىلىق توردا ئالدىن كېلىشىپ بېلەت سېتىۋالسا بولىدۇ، قاناس قاتناش مۇلازىمەت پونكىتى (72 كىلومېتىرلىق جاي)، تېرەكتى ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزى، ئالتاي-قۇمقاناس تاشيولىدىكى ۋاقىتلىق بېلەت تەكشۈرۈش نۇقتىسى (قايىنبۇلاق) ئارقىلىق ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ مەنزىرە رايونىغا كىرسە بولىدۇ.
2. ئالتاي-قۇمقاناس تاشيولىدىن باغچىغا كىرىش سىياسىتى ئەلالاشتۇرۇلىدۇ. ئالتاي-قۇمقاناس تاشيولىدا نۆۋەتتە تاق يۆنىلىشتە يۈرۈش سىياسىتى يولغا قويۇلغاچقا، ئالتاي-قۇمقاناس تاشيولىدىن مەنزىرە رايونىغا كىرىدىغان، ئەمما قۇم كەنتى، قاناس كەنتى، ئاققابا كەنتىگە بارماي، بىۋاسىتە X852، S232 لىنىيەسى ئارقىلىق مەنزىرە رايونىدىن چىقىدىغان ساياھەتچىلەردىن بېلەت ئېلىنمايدۇ.
3. قاتناش بىخەتەرلىكى ۋە سوغۇقتىن ساقلىنىش خىزمىتىگە دىققەت قىلىش كېرەك. مۇساپىنى ئالدىن ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھاۋارايى ئۆزگىرىشى ۋە قاتناشتىن ئالدىن سىگنال بېرىش ئۇچۇرلىرىغا بالدۇر دىققەت قىلىپ، سوغۇققا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك؛ ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ كەلگەن ساياھەتچىلەر تۆت چاق تەڭ تارتىدىغان دالا ئاپتوموبىلىنى ھەيدىگەن بولسا ئاپتوموبىلغا قىشلىق چاق ئورناتقان بولۇشى، پىكاپ، سودا تىپىدىكى ئاپتوموبىللارنى ھەيدىگەن بولسا قىشلىق چاق ۋە تېيىلىشتىن ساقلىنىش زەنجىرى ئورناتقان بولۇشى كېرەك؛ قاتناش قائىدىسىگە رىئايە قىلىشى، بىخەتەرلىك تاسمىسىنى ياخشى تاقاپ، ئاپتوموبىل ئارىلىقىنى ساقلاپ، جىددىي تورمۇزلىماي، جىددىي بۇرۇلماي، سۈرئەتنى ئاشۇرماي يول يۈرۈشى، نورمىدىن ئارتۇق ئادەم سالماسلىقى ۋە چارچاپ ئاپتوموبىل ھەيدىمەسلىكى كېرەك؛ خەتەرلىك رايون ئاگاھلاندۇرۇشىغا دىققەت قىلىپ، يىغىندى قار قېلىن، يانتۇلۇقى چوڭ تاغ گەۋدىسىدىن يىراق مېڭىشى، يار ۋە سۇ بويىغا يېقىن رايونغا يېقىنلاشماسلىقى، قار كۆچۈش، چۈشۈپ كېتىش، يىقىلىپ چۈشۈش، سۇغا چۈشۈپ كېتىش قاتارلىق ھادىسىلەرنىڭ يۈزبېرىشىدىن ساقلىنىشى لازىم.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، قاناس مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى كەڭ ساياھەتچى دوستلارنىڭ قاناس مەنزىرە رايونىنىڭ خىزمىتىنى چۈشەنگەنلىكى، قوللىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا ماسلاشقانلىقىغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدۇ، شۇنداقلا ساياھەتچىلەرنىڭ قىممەتلىك پىكىر - تەكلىپلەرنى بېرىشىنى قارشى ئالىدۇ. ئەگەر ئالاقىدار ئەرز - تەكلىپلەر بولسا، ساياھەت مەسلىھەتچىلىكى، ئەرز - شىكايەت ۋە مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسىگە تېلېفون قىلسا بولىدۇ: 0906 - 111 - 400.
مەنبە: قاناس مەنزىرە رايونى ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى
«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى