مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
خۇش خەۋەر! تەيشەن كوچىسى (ۋېيتەي شىمالىي يولىدىن خۇڭخۇ يولىغىچە) يول بۆلىكىدە 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى قاتناش قوش يۆنىلىشتە رەسمىي باشلىنىدۇ، قاتناش ساقچىلىرى شوپۇرلارنى يېڭى بەلگە - سىزىقلارغا دىققەت قىلىشقا ئەسكەرتىدۇ.
10 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، ئۈرۈمچى ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونى رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى جىنشى يولى ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ ساقچىسى ياڭ خۇينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، تەيشەن كوچىسى، خۇاڭشەن كوچىسى يول بۆلىكىدىكى قاتناش قىستاڭچىلىقىنى پەسەيتىپ، بۇ ئىككى يولدا يۈرۈش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بۇ چوڭ ئەترەت تەۋەلىكتىكى قۇرۇلۇش ئىدارىسى ۋە قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇنلار بىلەن خىزمەتلەرنى ماسلاشتۇرۇپ، بۇ يول بۆلىكىدىكى قۇرۇلۇشنى تېزلەتكەن، مۆلچەرلىنىشىچە، 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، تەيشەن كوچىسى (ۋېيتەي شىمالىي يولىدىن خۇڭخۇ يولىغىچە)دا قاتناش قوش يۆنىلىشتە رەسمىي باشلىنىدىكەن.
«ھازىر، بۇ يول بۆلىكىنىڭ بەلگە - سىزىقلىرى ۋە يورۇتۇش ئەسلىھەلىرى كەينى - كەينىدىن تولۇق يۈرۈشلەشتۈرۈلدى» دېدى ياڭ خۇي: كەڭ شوپۇرلارغا ئەسكەرتىپ قويۇشقا تېگىشلىكى شۇكى، بۇ يول ئېغىزىدا ۋاقىتلىق سىگنال چىرىغى ئىشلىتىلىدۇ، ئۆتۈۋاتقان ئاپتوموبىللار سىگنال چىرىغىنىڭ ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىشى كېرەك، شوپۇرلار بۇ يول بۆلىكىدىن ئۆتكەندە، سۈرئەت چەكلەش بەلگىلىرى ۋە يەر يۈزىدىكى سىزىقلارغا دىققەت قىلغان ئاساستا يۈرۈشى، قاتناش ھادىسىسى يۈزبېرىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.
ئۇنىڭدىن باشقا، يۇقىرىقى يول بۆلەكلىرىنىڭ ئىككى يېنىدا بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئاپتوموبىل توختىتىش مەنئى قىلىنىدۇ، نۆۋەتتە قاتناش بەلگىلىرى مۇكەممەللەشتى. يەنە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، يۇقىرىقى يول بۆلەكلىرىدە پەقەت موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى يولى بار، شوپۇرلار بۇ يەردە يول يۈرگەندە موتورسىز قاتناش ۋاسىتىلىرى ۋە پىيادىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك. (ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى مۇخبىرى راۋ جۈنخۇا)