ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر يې شياۋمىن خەۋەر قىلىدۇ) يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىلىرىنىڭ ئائىلىدە ئىشلىتىدىغان يېقىلغۇ گاز سائىتى تۈركۈم قېتىم بويىچە ھەقسىز يېڭى سائەتكە ئالماشتۇرۇلۇۋاتىدۇ، يېقىلغۇ گاز سائىتى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئاھالىلەر يان تېلېفون، ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى قاتارلىقلار ئارقىلىق گاز سېتىۋالالايدۇ.
نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە 190 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالە ئابۇنىچىنىڭ گاز سائىتىنى ئالماشتۇرۇش تاماملاندى.
10-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى خۇڭشىڭ تيەنچۆ ئولتۇراق رايونىدا، شىنجاڭ يېقىلغۇ گاز گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ شىنجاڭ يېقىلغۇ گاز گۇرۇھى دېيىلىدۇ)نىڭ خىزمەتچىسى ليۇ خەيلىن كىنىشكىسى بىلەن ئاھالە ۋاڭ شۇفاڭنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، 20 مىنۇتقا قالمايلا يېڭى يېقىلغۇ گاز سائىتىنى ئالماشتۇرۇپ بولدى.
ليۇ خەيلىن ئاھالىنىڭ يان تېلېفونىدا ۋىيشىنىنى ئېچىپ، شىنجاڭ يېقىلغۇ گاز گۇرۇھىنىڭ ئاممىۋى سۇپىسىنى قوشۇشىغا ياردەملەشتى، ئاممىۋى سۇپىدا ۋاڭ شۇفاڭ ناھايىتى تېزلا پۇل قاچىلاش كۆزنىكىنى تاپتى.
«يان تېلېفوندىلا تەبىئىي گاز سېتىۋالغىلى بولىدىكەن، يەنە كۈنىگە قانچە كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ئىشلەتكەنلىكىمىزنى كۆرگىلى بولىدىكەن، بەك قولايلىق ئىكەن» دېدى ۋاڭ شۇفاڭ.
«يېڭى گاز سائىتى بولغاچقا، پۇل قاچىلاپ بەش مىنۇت ساقلىسىلا، سېتىۋالغان يېقىلغۇ گاز مىقدارى يېقىلغۇ گاز سائىتىنىڭ ئېكرانىدا كۆرۈنىدۇ» دېدى ليۇ خەيلىن.
شىنجاڭ يېقىلغۇ گاز گۇرۇھى خېرىدارلار مۇلازىمەت بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى گاۋ مېي مۇنداق تونۇشتۇردى: شىركىتىمىز پىلانغا ئاساسەن تۈركۈم قېتىم بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىگە بېرىپ كونا سائەتنى ھەقسىز ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ، كونا ئولتۇراق رايونلاردىكى ئىشلىتىش مۇددىتى توشقان يېقىلغۇ گاز سائىتىنى ئالدى بىلەن ئالماشتۇرىدۇ، ئاندىن گاز سائىتىنىڭ ئىشلىتىلىش مۇددىتىگە ئاساسەن، يىراقتىن يېقىنغىچە تەرتىپ بىلەن ئالماشتۇرىدۇ.
«خىزمەتچى خادىملار يېقىلغۇ گاز سائىتىنى ئالماشتۇرۇشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن ئولتۇراق رايونغا يېقىلغۇ گاز سائىتىنى ئالماشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى چاپلايدۇ ۋە تارقىتىدۇ». گاۋ مېي مۇنداق دېدى: ئەقلىي ئىقتىدارلىق نەرسە تورىغا ئۇلانغان يېقىلغۇ گاز سائىتىدە IC كارتىسىنىڭ كارتا ئوقۇرى ئازايتىلىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق خەۋەرلىشىش بۆلىكى كۆپەيتىلدى، گاز مىقدارىنى كۈندە ئاپتوماتىك يەتكۈزۈش، كۈندە ئاپتوماتىك ھەق ھېسابلاش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ھازىرلىغان بولۇپ، ئاھالىلەر شىنجاڭ يېقىلغۇ گاز گۇرۇھى ھۆكۈمەت تەرەپ ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى ياكى يان تېلېفون APPسى ئارقىلىق ھەق تاپشۇرۇش، ھېسابات تالونىنى تەكشۈرۈش ۋە كۈندىلىك كەسىپلەرنى بېجىرىشنى تاماملىيالايدۇ.
شىنجاڭ يېقىلغۇ گاز گۇرۇھىنىڭ يىللىق گاز بىلەن تەمىنلەش مىقدارى 2 مىليارد كۇب مېتىردىن ئاشىدىغان بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەبىئىي گاز ئىشلىتىش مىقدارىنىڭ %72.61ىنى ئىگىلەيدۇ.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى