تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

دورىنى توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ، بولۇپمۇ بۇ 10 خىل دورىنى توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ

  «دورىنىڭ ئۈچ ئۈلۈشى زەھەر»، بۇ نۇرغۇن كىشىلەرگە ئورتاق تونۇش. شۇڭا، دورا ئىچكەندە، بولۇپمۇ مەلۇم بىر خىل دورىنى ئۇزاق مۇددەت ئىچكەندە، نۇرغۇن كىشىلەر كۆڭلىدە: ئىزچىل دورا يېسە جىگەرگە، بۆرەككە زىيان قىلامدىغاندۇ؟ دەپ ئويلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانغاندا دورىنى ئۆز ئالدىغا ئازايتماقچى، توختاتماقچى بولىدۇ.

  بىراق، دورىشۇناسلار كۆپچىلىككە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، دورىنى مۇۋاپىق ئىشلىتىش ئىنتايىن مۇھىم، دورىنى توختىتىشتىن كېلىپ چىقىدىغان خەتەرگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بولۇپمۇ تۆۋەندىكى 10 خىل دورىنى ئۆزلۈكىدىن توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ، چوقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە مىقدارىنى تەدرىجىي ئازايتىش ياكى توختىتىش كېرەك.

  دىققەت

   دورىنى خالىغانچە توختىتىش كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن

  دورىشۇناس بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، دورىنى تۇيۇقسىز توختاتقاندا داۋالاش مەغلۇپ بولۇشى، كېسەللىك قايتا قوزغىلىشى ھەمدە دورىنى ئۈزۈپ قويۇش يىغىندى كېسەللىك ئالامەتلىرى ۋە دورىنى توختىتىش خەۋپى كېلىپ چىقىپ، كېسەللىكنىڭ ئورگانىزملارغا بولغان زىيىنىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.

  بولۇپمۇ ئۇزاق مۇددەت دورا ئىچىپ داۋالىنىۋاتقان سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار تېخىمۇ دىققەت قىلىشى كېرەك. دورىلارنىڭ بەدەندىكى قاننىڭ تەركىبىدىكى دورا قويۇقلۇقى ئۇزۇن مەزگىل مۇقىم ھالەتتە تۇرغاچقا، دورىنى تۇيۇقسىز توختاتقاندا قاندىكى دورا قويۇقلۇقىدا زور داۋالغۇش پەيدا بولىدۇ. دورا ئۈنۈمى تۇيۇقسىز تۆۋەنلەپ كەتسە، كېسەللىك ئەھۋالىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلغىلى بولمايدۇ، مۇناسىۋەتلىك نىشان ئەزالارنى زەخىملەندۈرىدۇ، ھەتتا ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ. كۆپچىلىك دورىنى توختاتقاندا چوقۇم دوختۇر ۋە دورىشۇناسنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئېلىپ بېرىشى كېرەك.

مەزمۇننى تەييارلىغۇچى \ خاۋ يەن (بېيجىڭ يۇۋئەن دوختۇرخانىسى)

«خەلق تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.