يېقىندا، بېيجىڭدىن شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن 11 دوختۇر شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 14-شى 225-تۇەن 1-ليەنىدىكى «ياشانغانلار ئائىلىسى»گە كېلىپ، 225-تۇەن دوختۇرخانىسىدىكى دوختۇرلار بىلەن بىرلىكتە ھەقسىز كېسەل كۆرۈش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزدى. بۇ قېتىم 225-تۇەنگە كەلگەن بېيجىڭدىن شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن 11 دوختۇر ئايرىم-ئايرىم ھالدا پايتەخت تېببىي داشۆسى قارمىقىدىكى بېيجىڭ تيەنتەن دوختۇرخانىسى، پايتەخت تېببىي داشۆسى قارمىقىدىكى بېيجىڭ كۆكرەك كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى، بېيجىڭ خۈەيروۋ دوختۇرخانىسى، بېيجىڭ جىشۈيتەن دوختۇرخانىسى قاتارلىق داڭلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىن بولۇپ، 225-تۇەنگە قاراشلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە ئاممىنى «ئىشىكى ئالدىدىلا» پايتەختتىن كەلگەن ئەلا داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. (ئىختىيارىي مۇخبىرلار لى جياڭجياڭ، جاڭ خەيبو)
بېيجىڭدىن شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن دوختۇرلار ئاغرىقلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكتە.
بېيجىڭدىن شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن دوختۇرلار ئاغرىقلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا دىياگنوز قويماقتا.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى