تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۇلار نېمە ئۈچۈن قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە قېلىپ يېڭىلىق يارىتىپ ئىگىلىك تىكلەشنى تاللىدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل

قۇياش نۇرى «مىڭبىر كېچە لايىھەلەش ئۇستىسى»نىڭ دېرىزىسىدىن رەڭگارەڭ گىلەمگە چۈشتى، قەھۋە دەملىنىپ، خاس پىشۇرۇقلار تەييارلاندى... خۇ يۈپېڭ يېڭى بىر كۈنلۈك تۇرمۇشىنى باشلىدى.

«مىڭبىر كېچە لايىھەلەش ئۇستىسى» شىئەنلىك خۇ يۈپېڭ ئاچقان ئائىلىۋى مېھمانخانا بولۇپ، بۇ يىل 5 - ئايدا تىجارەت باشلىدى.

نېمە ئۈچۈن قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە ئائىلىۋى مېھمانخانا ئېچىشنى تاللىدى؟ ئىلگىرى ئىزچىل بېيجىڭدا مۇزىكا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان خۇ يۈپېڭ مۇنداق دېدى: «مېنى قەشقەرنىڭ ئادىمىيەت گۈزەللىكى چوڭقۇر مەپتۇن قىلىۋالدى» 2023 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، خۇ يۈپېڭ دوستلىرى بىلەن ئۆزلىرى ئاپتوموبىل ھەيدەپ قەشقەرگە كەلدى. دەسلەپتە قەشقەرگە كەلگەندە، ئۇ بۇ جايدىكى ئۆزگىچە ئاھالىلەر تۇرالغۇسى ۋە ئادىمىيەت ئۆرپ - ئادىتىگە مەپتۇن بولۇپ قالدى. شۇ جايدا 20 نەچچە كۈن ساياھەت قىلغاندىن كېيىن، خۇ يۈپېڭ قەشقەردە قېلىپ ئائىلىۋى مېھمانخانا ئېچىشنى قارار قىلدى.

دەسلەپتە ئائىلىۋى مېھمانخانىنى بېزىگەندە، خۇ يۈپېڭ قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئاھالىلەرنى زىيارەت قىلىپ، ئىشىك - دېرىزىلەرنىڭ رەڭگى، نەقىشلىرى، ئۆيگە قانداق سافا قويۇلغانلىقى، قانداق پەردە ئېسىلغانلىقى، ھەتتا مېھمانخانىدىكى ئۈستەلگە تىزىلغان قۇرۇق مېۋە، پىشۇرۇق سېلىنغان خىرۇستال قاچا - قۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى بىر - بىرلەپ تەقلىد قىلدى. «ئائىلىۋى مېھمانخانىدا تۇرغاندا كۆپچىلىكنى شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىدە تۇرغاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈشنى ئويلىدىم.» خۇ يۈپېڭ مۇنداق دېدى: «مىڭبىر كېچە لايىھەلەش ئۇستىسى»دا جەمئىي توققۇز ياتاق بار، ھەربىر ياتاقنىڭ بېزىلىش ئۇسلۇبى ئوخشىمايدۇ، ئوخشاشلىقى شۇكى ھەممىسىگە مەززىلىك، خاس پىشۇرۇقلار تىزىلغان.

«بەزىدە ئالدىراشچىلىقتا ھويلا - ئارانلارنى تازىلاشقا ۋاقتىم يەتمەيدۇ، مەن بىلەن قوشنا ئولتۇرىدىغان موماي ماڭا ياردەملىشىپ سۇ چېچىپ، تازىلىشىپ بېرىدۇ. بەزىدە ئۇيغۇر دوستلىرىم كاۋاپ، نان سېتىۋېلىپ، ئائىلىۋى مېھمانخانىغا كېلىپ يىغىلىش قىلىدۇ.» خۇ يۈپېڭ مۇنداق دېدى: ئۆزۈمنى قەشقەر قەدىمىي شەھىرى چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى دەپ ھېس قىلىمەن.

سىچۇەنلىك قىز جى لىڭشۈەنمۇ ساياھەتچىدىن يېڭىلىق يارىتىپ ئىگىلىك تىكلىگۈچىگە ئايلانغانلارنىڭ بىرى. 2022 - يىلى، 90 - يىللاردا تۇغۇلغان جى لىڭشۈەن تۇنجى قېتىم قەشقەر قەدىمىي شەھىرىگە كەلگەندە، بۇ جايدىكى ئاددىي - ساددا ئاھالىلەردىن، قويۇق خەلق ئۆرپ - ئادىتىدىن تەسىرلەندى. قەدىمىي شەھەردىكى ساياھەتچى ئېقىمىنى كۆرۈپ، جى لىڭشۈەن سودا پۇرسىتىنى تۇتۇۋالدى. «ئۇ چاغدا قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىكى ساياھەت سۈرىتى تارتىدىغان دۇكانلارمۇ كۆپ ئىدى، ئەمما نۇرغۇن دۇكانلاردىكى كىيىم - كېچەك، زىننەت بۇيۇملىرى، سۈرەتكە تارتىش ئۇسلۇبى ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيتتى، مېنىڭ ئۇلارغا ئوخشاش بولمىغان بىر دۇكاننى ئاچقۇم بار ئىدى.» جى لىڭشۈەن قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە دۇكان ئىجارە ئالغاندىن كېيىن، قىرغىزىستانغا بېرىش سەپىرىگە ئاتلاندى.

جى لىڭشۈەن ئون نەچچە قۇر مىللىي كىيىم - كېچەكنى ئېلىپ قايتىپ كەلدى ھەم پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن فوتوگراف، گىرىمچىك تەكلىپ قىلدى. 2023 - يىلى ئەتىيازدا، «كىگىز ئۆيدىكى قىز سۈرەتكە تارتىش سارىيى» تىجارەت باشلىدى.

«كوللېكتىپىمىزدىكى ھەمراھلىرىمىز پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن، بىز تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ بىزگە ئوخشاش بۇ جاينى ياخشى كۆرۈپ قېلىشىنى ئويلايمىز» دېدى جى لىڭشۈەن.

نېمە ئۈچۈن قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى تاللايدۇ؟ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلاردىن تارتىپ يېڭىلىق يارىتىپ ئىگىلىك تىكلىگەن ليۇ شاۋياڭغىچە بولغانلارنىڭ جاۋابى خۇ يۈپېڭ، جى لىڭشۈەننىڭكى بىلەن ئوخشاش بولدى.

2013 - يىلى، ليۇ شاۋياڭ گۇاڭدۇڭدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن بىر كادىر بولۇش سۈپىتى بىلەن قەشقەرگە كەلدى. دەسلەپتە، قەشقەرنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ليۇ شاۋياڭنى جەلپ قىلدى، قەشقەرنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى شىنجاڭدىن چىقىرىش ئۈچۈن، ئۇ شۇ جايدىكى ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە سېتىش ئىشلىرىغا ياردەملەشتى، دېھقانلارنىڭ ئۆز ئائىلىسىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ چىقارغان چاغدىكى چىن قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىققان تەبەسسۇمىنى كۆرۈپ، ليۇ شاۋياڭمۇ ئىنتايىن خۇشال بولدى. ئۈچ يىللىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، ليۇ شاۋياڭ قىيمىغان ھالدا بۇ جايدىن ئايرىلدى.

گۇاڭدۇڭغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن، ليۇ شاۋياڭ دائىم ھېيتگاھ مەيدانى ئالدىدىكى مېھرىبان ياشانغانلار ۋە شوخ بالىلارنى، خام بازار كەچلىك بازىرىدىكى كىشىنىڭ ئاغزىغا سېرىق سۇ كەلتۈرىدىغان مەززىلىك تائاملارنى ئەسلەپ قالاتتى، ئۇ خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ قەشقەر قەدىمىي شەھىرىگە بېرىپ تۇرمۇش كەچۈرۈشنى قارار قىلدى. 2019 - يىلى، «ئارزۇدىكىدەك جاي»غا بولغان تەلپۈنۈشى بىلەن ليۇ شاۋياڭ قەشقەر قەدىمىي شەھىرىگە كەلدى ۋە ياتاق، يېمەك - ئىچمەك، ساياھەت سۈرىتى تارتىش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن بەدىئىي سۈرەت تارتىش ئائىلىۋى مېھمانخانىسى «جيۇلۇڭچۇەن سارىيى»نى ئاچتى.

«جيۇلۇڭچۇەن سارىيى»غا كىرگەندە، توپا رەڭ پېشايۋان، قوڭۇر رەڭ نەقىشلەر، قەدىمىي تۈس، قەدىمىي پۇراققا ئىگە بېزەك چىراغلار، يېزا - قىشلاق پۇرىقىغا تولغان كىچىك ھويلا ساياھەتچىلەرنى ئىختىيارسىز مۇشۇ سارايدا تۇرۇشقا ئۈندەيتتى. «ئائىلىۋى مېھمانخانىنى ئاچقىنىمغا بەش يىلدىن ئاشتى، ساياھەتچىلەرنى راھەت - ئازادە تۇرۇش، ئۆيىگە قايتقاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈشنى ئويلاپ، ھەر يىلى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈردۈم» دېدى ليۇ شاۋياڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.