شىنجاڭ گېزىتى، سانجى، 10 - ئاينىڭ 28 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، ئاپتوموبىل ۋە مالنىڭ ئومۇمىي ئېغىرلىقى 728 توننا كېلىدىغان تىرانسفورموتور مەھسۇلاتى ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى شىنجاڭ توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش پەن - تېخنىكا كەسىپلەر باغچە رايونىدىن يولغا سېلىندى، ئاپتوموبىل ليەنيۈنگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى، بېيجىڭ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنى بويلاپ باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. بۇ، ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ تىرانسفورموتور زاۋۇتىنىڭ «شىنجاڭنىڭ توكىنى چۇڭچىڭغا يەتكۈزۈش» يانداش ئېلېكتىر مەنبەسى قۇرۇلۇشى − شىنجاڭ خۇاديەن قومۇل 2 × 1 مىليون كىلوۋاتلىق كۆمۈر ئېلېكتىر تۈرىدە ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان تۇنجى 800/1140000 −SFP تىپلىق ئاساسلىق تىرانسفورموتورنىڭ ئوڭۇشلۇق توشۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
بۇ 800/1140000 −SFP ئاساسىي تىرانسفورموتور شىنجاڭ خۇاديەن قومۇل 2 × 1 مىليون كىلوۋاتلىق كۆمۈر ئېلېكتىر تۈرىگە مۇلازىمەت قىلىدىغان بولۇپ، گېنېراتورنىڭ توك چىقىرىش ئېغىزىنىڭ توك بېسىمىنى 27 كىلوۋولتتىن 800 كىلوۋولتقا ئۆرلىتىپ، 10 مىليون 200 مىڭ كىلوۋاتلىق يېڭى ئېنېرگىيە تۈرى قۇرۇشقا تىرەك بولۇپ، ھەر يىلى 24 مىليارد 900 مىليون كىلوۋات سائەت يېشىل توك كۆپەيتىپ، پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك كۆمۈر ئېلېكتىرنىڭ ئاساسىي يۇقىرى پەللىسىنى تەڭشەش رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرالايدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ مەھسۇلاتقا ئۈچ فازا بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن قۇرۇلما قوللىنىلغان بولۇپ، ياخشى بولغان قىسقا تۇتىشىشقا تاقابىل تۇرۇش، چاقماق سوقۇشقا تاقابىل تۇرۇش، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ئىقتىدارلار ھازىرلانغان؛ ئىزولياتسىيەلىك ئۇزىرىغان مىقدارى تەكشى، مۇكەممەل بولغان تېمپېراتۇرا قوغداش، زىيادە توكتىن قوغداش، قىسقا تۇتىشىشتىن قوغداش قاتارلىق قوغداش سىستېمىسىنى ھازىرلىغان، ئىقتىدارى ئىشەنچلىك، ئېنېرگىيە تېجەپ سەرپىياتنى تۆۋەنلىتىدىغان، ئىگىلەيدىغان يەر كۆلىمى كىچىك، ئاسراشقا قولايلىق بولۇپ، نۆۋەتتە شىنجاڭ رايونىدىكى ئوخشاش تۈردىكى سىغىمى ئەڭ چوڭ، توك بېسىمى دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى مەھسۇلات ھېسابلىنىدۇ.
شىنجاڭ خۇاديەن قومۇل 2 × 1 مىليون كىلوۋاتلىق كۆمۈر ئېلېكتىر تۈرى دۆلەتنىڭ «14 - بەش يىل»لىق تەرەققىيات يىرىك پىلانىدا بېكىتىلگەن نۇقتىلىق ئېنېرگىيە تۈرى. بۇ تۈردە دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن يۇقىرى ئۈنۈملۈك دەرىجىدىن تاشقىرى كىرىتىك ۋاسىتىلىك ھاۋا ئارقىلىق سوۋۇتۇلىدىغان مىليون كىلوۋاتلىق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى ئىشلىتىلگەن، ئېلېكتىر ئىستانسىسى پۈتكەندىن كېيىن، «شىنجاڭنىڭ توكىنى چۇڭچىڭغا يەتكۈزۈش» قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولغان قومۇل − چۇڭچىڭ 800 ± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى سىرتقا يەتكۈزۈش سىستېمىسىنىڭ بىخەتەر ئايلىنىشى ۋە يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ ئىشەنچلىك تورلاشتۇرۇلۇپ ئىشلىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈشنى كۈچلۈك توك مەنبەسى كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.