شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 28 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گاۋ فېڭ خەۋەر قىلىدۇ: رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى بىرتۇتاش ھېسابلاش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭ ئىشقا ئاشۇرغان رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1 تىرىليون 454 مىليارد 767 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.5 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يېرىم يىلدىكىدىن 0.1 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولغان. بۇ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى 10 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ئۆتكۈزگەن ئاپتونوم رايون خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسىللىك يۈرۈشۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇمات.
ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى خاۋ جۈنچىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىلدىن بۇيان، مۇرەككەپ، كەسكىن تاشقى مۇھىت ۋە ئىچكى ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىدىكى يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەر ئالدىدا، ئاپتونوم رايون يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولدى، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى، ئېھتىياج سىجىل ئەسلىگە كەلدى، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشى پۇختا قەدەم بىلەن ياخشىلاندى.
ئۈچ كەسىپتىن قارىغاندا، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا مۇقىم بولۇش ساقلىنىپ، خاس مېۋە - كۆكتاتلارنىڭ ھوسۇلى ئېشىپ، مول ھوسۇل ئېلىندى؛ سانائەت بىرقەدەر تېز ئېشىشنى ساقلاپ، نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ تىرىكى كۈچلۈك بولدى؛ مۇلازىمەت كەسپى پۇختا قەدەم بىلەن ئەسلىگە كەلدى، قاتناش تىرانسپورت كەسپىنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتى ياخشى بولدى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، 1 - كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 172 مىليارد 7 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.9 ئاشتى؛ 2 - كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 606 مىليارد 852 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.5 ئاشتى؛ 3 - كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 675 مىليارد 908 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.5 ئاشتى.
ئۈچ چوڭ ئېھتىياجدىن قارىغاندا، سېلىنما كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، ئىستېمال بازىرى مۇقىم ئۆرلىدى، ئىمپورت - ئېكسپورت تېز سۈرئەتتە ئاشتى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنما ئومۇمىي سوممىسى (دېھقان ئائىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.2 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 2.8 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى. جەمئىيەت ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 277 مىليارد 993 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.6 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يېرىم يىلدىكىدىن 0.4 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى. تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 322 مىليارد 390 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %29 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 23.7 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى.
تەرەققىيات قۇۋۋىتىدىن قارىغاندا، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر تېز تەرەققىي قىلىپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى سىجىل كۈچىيىپ، پاكىز ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش بىرقەدەر تېز ئاشتى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.5 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 11 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى؛ بۇنىڭ ئىچىدە يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى كەسپى، يۇقىرى تېخنىكىلىق جابدۇق ياسىمىچىلىقى، يېڭى ماتېرىيال كەسپى، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %29، %22.3، %25.6، %33.2 ئاشتى. كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت پۇقراۋى كارخانىلىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.1 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتىدىن 5.8 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى؛ خەلق ئىچى سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.2 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىدىن 11 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى. كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پاكىز ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %25.8 ئېشىپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 4.6 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى؛ بۇنىڭ ئىچىدە شامال كۈچى، قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %18.3، %74.4 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا مەملىكەت بويىچە 2 - ئورۇندا، 1 - ئورۇندا تۇردى.
خاۋ جۈنچىڭ مۇنداق دېدى: مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇپ، ساقلانما مىقدار سىياسىتى بىلەن ئاشۇرۇلما مىقدار سىياسىتىنىڭ ماس كۈچىشىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇش كېرەك.