تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

ساياھەت ئارقىلىق ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش | يۈز يىللىق كونا كوچا قازانچى داكا قىلىدىغان ۋاڭخۇڭ جايغا ئايلاندى

   تىيانشان تورى - شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ يۈ فوتوسى، خەۋىرى) غۇلجا شەھىرى قازانچى خەلق ئۆرپ-ئادىتى ساياھەت رايونىغا كىرسىڭىز، ئۆزىڭىزنى خۇددى بىر قۇرۇلۇش مۇزېيىغا كىرىپ قالغاندەك ھېس قىلىسىز. بۇ يەردە چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ دەۋرىدىن بۇيانقى 300دىن ئارتۇق قەدىمىي ئىمارەت بار بولۇپ، 20 مىڭدىن ئارتۇق قويۇق مىللەت خاسلىقىغا ئىگە تۇرالغۇ، ھويلا-ئارانلار يۇلتۇزلاردەك تارقالغان، خەنزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، تاتار قاتارلىق 13 مىللەت ئۇزاق مەزگىل بۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن.

9-ئاينىڭ 28-كۈنى، ساياھەتچىلەر غۇلجا شەھىرى قازانچى خەلق ئۆرپ-ئادىتى ساياھەت رايونىدا كەپتەرلەر بىلەن سۈرەتكە چۈشمەكتە.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۈ فوتوسى


    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتنىڭ «ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىش + ئامما ئۆزى مەبلەغ توپلاش + جەمئىيەت كاپىتالى مەبلەغ سېلىش» سىياسىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، مىللەتلەر مەدەنىيىتى بىلەن زامانىۋى ئۇسلۇب بىرلەشتۈرۈلگەن بىر تۈركۈم يېڭى مەنزىرە، يېڭى كەسىپ ھالىتى يېتىلدۈرۈلۈپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ساياھەتچىلەرنى بەس-بەستە كېلىشكە جەلپ قىلىپ، قازانچى خەلق ئۆرپ-ئادىتى ساياھەت رايونىنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

9-ئاينىڭ 28-كۈنى، ساياھەتچى غۇلجا شەھىرى قازانچى خەلق ئۆرپ-ئادىتى ساياھەت رايونىدا مىللىي قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرىنى تاللاپ سېتىۋالماقتا.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۈ فوتوسى


    بۈگۈنكى كۈندە، قازانچى خەلق ئۆرپ-ئادىتى ساياھەت رايونىدا 20 مىڭغا يېقىن ئاھالە يېقىن ئەتراپتا ياكى ئائىلىسىدە ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ئىگىلىك تىكلەپ، بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا ساياھەت مۇلازىمەت كەسپىگە كىرىشتى. قازانچى خەلق ئۆرپ-ئادىتى ساياھەت رايونىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئۆرنەك قىلىشقا بولىدىغان «قازانچى ئۈلگىسى» بىلەن تەمىنلىدى.

9-ئاينىڭ 28-كۈنى، غۇلجا شەھىرىنىڭ قازانچى خەلق ئۆرپ-ئادەىتى ساياھەت رايونىدا ساياھەتچىلەر سەيلە خادىكىغا ئولتۇرۇپ مەنزىرە رايونىنى ساياھەت قىلماقتا.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۈ فوتوسى

9-ئاينىڭ 28-كۈنى، ساياھەتچىلەر غۇلجا شەھىرىنىڭ قازانچى خەلق ئۆرپ-ئادىتى ساياھەت رايونىدا مىللەتلەر ئىلمە توقۇلما بۇيۇملىرىنى تاللاپ سېتىۋالماقتا.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۈ فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.