تىيانشان تورى   ›   گۈزەل جۇڭگو   ›   تەبىئەت

سەنشى پىڭلۇ خۇاڭخې دەرياسى سۇلۇق يېرى تۇنجى تۈركۈمدىكى قىشلايدىغان چوڭ ئاققۇلارنى كۈتۈۋالدى

   يېقىندا، سەنشى ئۆلكىسى پىڭلۇ ناھىيەسىدىكى خۇاڭخې دەرياسى سەنۋەن سۇلۇق يېرى تۇنجى تۈركۈمدىكى قىشلايدىغان چوڭ ئاققۇلارنى كۈتۈۋالدى، يىراقتىن كەلگەن چوڭ ئاققۇلار سۇدا ئەركىن ئۈزۈپ، ئوزۇق ئىزدەپ، خۇاڭخې دەرياسى سۇلۇق يېرىگە ھاياتىي كۈچ قوشتى.

     دالدا ھەم كۈنگەي جۇغراپىيەلىك ئورۇن ۋە ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سەۋەبىدىن، پىڭلۇ ناھىيەسىدىكى خۇاڭخې دەرياسى سەنۋەن سۇلۇق يېرى دۆلىتىمىزدىكى چوڭ ئاققۇلار قىشتىن ئۆتىدىغان ماكاننىڭ بىرى بولۇپ قالدى. بۇ قىممەتلىك «مېھمان»نى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، شۇ جايدىكى ئالاقىدار تارماقلار ئالدىن پىلانلاپ، چوڭ ئاققۇ قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى.

     سەنشى ئۆلكىسى پىڭلۇ ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى ۋاڭ چاۋ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئورمانچىلىق تارماقلىرى چارلاش، يىراق مۇساپىلىك كۆرۈنمە چاستوتا ئارقىلىق كۆزىتىش، قىشتىن ئۆتىدىغان يېتەرلىك يېمەكلىكلەرنى تەشۋىق قىلىش ۋە تەييارلاش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، چوڭ ئاققۇلارنىڭ پىڭلۇدا بىخەتەر ماكانلىشىپ قىشتىن ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

    چوڭ ئاققۇدىن باشقا، پىڭلۇ ناھىيەسىدىكى خۇاڭخې دەرياسى سەنۋەن سۇلۇق يېرى ھەر يىلى كۈلرەڭ تۇرنا، ئاق ئۇقار، جۇڭخۇا تار تۇمشۇق ئۆردىكى قاتارلىق نەچچە ئون خىل قۇشنى بۇ يەرگە كېلىپ قىشلاشقا جەلپ قىلىدۇ.

«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.