تىيانشان تورى − شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر زوۋ يى فوتوسى، خەۋىرى) «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرىكى بەك قالتىس بولدى، مەن دومبىرا چېلىش ۋە ساپال ياساشنى سىناپ باقتىم، جۇڭگودىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كىلاسسىك ئەدەبىياتىغىمۇ بىر قەدەر قىزىقىمەن»، دېدى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى جۇڭگو چەت ئەل تىل-يېزىقى نەشرىيات-تارقىتىش ئىدارىسى مەدەنىيەت تارقىتىش مەركىزىدىن مىسىرلىق مۇخبىر ليۇ جېڭشى.
10-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئېكسكۇرسىيە-زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى شىنجاڭ سىفەن داشۆسى (ۋېنچۈەن مەكتەپ رايونى)دە ئوقۇغۇچىلاردىن دومبىرا چېلىش ماھارىتىنى ئۆگەنمەكتە.
شۇ كۈنى، «پۇرسەتكە تولغان جۇڭگو . ئېچىۋېتىلگەن شىنجاڭ» مۇتەخەسسىسلەر، مۇخبىرلار، ۋاڭخۇڭلارنىڭ شىنجاڭنى زىيارەت قىلىش بويىچە تارقىتىش پائالىيىتىدىكىلەر شىنجاڭ سىفەن داشۆسى (ۋېنچۈەن مەكتەپ رايونى)گە كېلىپ، شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرىكىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى تۈرلىرىنى ئۆگەندى ۋە ھېس قىلدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى ھەمدە يەرلىك نىزام چىقىرىش ئارقىلىق ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلدى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى.
10-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئېكسكۇرسىيە-زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى شىنجاڭ سىفەن داشۆسى (ۋېنچۈەن مەكتەپ رايونى)دە «ماناس» ئېيتىشىشىنى ئاڭلىماقتا.
10-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئېكسكۇرسىيە-زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى شىنجاڭ سىفەن داشۆسى (ۋېنچۈەن مەكتەپ رايونى)دە ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئەتكەنچاي تەييارلاش ئۇسۇلى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرماقتا.
10-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئېكسكۇرسىيە-زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى شىنجاڭ سىفەن داشۆسى (ۋېنچۈەن مەكتەپ رايونى)دە خەلق سەنئەتكارلىرى بىلەن كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشمەكتە.
10-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئېكسكۇرسىيە-زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى شىنجاڭ سىفەن داشۆسى (ۋېنچۈەن مەكتەپ رايونى)دە ئوقۇغۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرماقتا.
10-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئېكسكۇرسىيە-زىيارەت ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى شىنجاڭ سىفەن داشۆسى (ۋېنچۈەن مەكتەپ رايونى) دەرسخانىسىدا چالغۇ چېلىشنى سۈرەتكە ئالماقتا.
«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى