تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تېز يەتكۈزۈش كەسپىدە ئالدىنقى توققۇز ئايدا ئورۇندالغان مىقدار بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %31.7 ئاشتى

   ئالدىنقى توققۇز ئايدا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ پوچتا كەسپىدە ئورۇندالغان تېز يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى جەمئىي 195 مىليون 317 مىڭ پارچە بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %31.7 ئاشقان، بۇ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تېز يەتكۈزۈش كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئېلاستىكلىقىنى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ «يەتكۈزۈش ھەققىنى كۆتۈرۈۋېتىش» رايونى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، توردا مال سېتىۋېلىش ئىستېمالىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، بازار كۆلىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئاشقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

   مۇخبىرنىڭ 10- ئاينىڭ 26- كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 1- ئايدىن 9- ئايغىچە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ پوچتا كەسپىدە ئورۇندالغان ئەۋەتىش- يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى 293 مىليون 50 مىڭغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.9 ئاشقان. پۈتۈن شەھەرنىڭ پوچتا كەسپىدىكى كەسىپ كىرىمى (پوچتا پۇل ئامانەت بانكىسىنىڭ بىۋاسىتە تىجارەت كىرىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) جەمئىي 3 مىليارد 420 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە تېز يەتكۈزۈش كەسپىدىن قىلىنغان كىرىم جەمئىي 2 مىليارد 790 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.9 ئاشقان.

   بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ پوچتا كەسپىدە توردا نەرسە- كېرەك سېتىۋېلىشتا «يەتكۈزۈش ھەققىنى كۆتۈرمەسلىك»، «مال سالماسلىق» مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، سۇپا ھالقىغان، رايون ھالقىغان يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەمكارلىشىش ئارقىلىق ئوتتۇرىدا ئالماشتۇرۇپ، يىغىپ گۇرۇپپىلاش، يىغىپ توشۇش ئەندىزىسىگە تۈرتكە بولۇپ، «يەتكۈزۈش ھەققىنى كۆتۈرۈۋېتىش» رايونلىرى قاتارىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك قوشۇلۇپ، تېز يەتكۈزۈش مىقدارىنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىشىغا تۈرتكە بولغان. ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرىدە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق تېز يوللانما مىقدارى 49.13 پارچىگە يەتكەن.

   سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، 9- ئايدىلا پۈتۈن ئۈرۈمچى شەھەرنىڭ پوچتا كەسپىدە ئورۇندالغان ئەۋەتىش- يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى 36 مىليون 427 مىڭ پارچىگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.7 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە تېز يەتكۈزۈش كەسپىدە ئورۇندالغان مىقدار 26 مىليون 445 مىڭ پارچىگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21.9 ئاشقان.

   بۇ يىل ئۈرۈمچى پوچتا كەسپى يەنە تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشۇش جەھەتتە، پوچتا كەسپىنىڭ ئەشيا ئوبوروتى ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۈسكۈنىلەرنى كەڭ كۆلەمدە يېڭىلاش ۋە تېخنىكا ئۆزگەرتىش سىياسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئەسلىھە- ئۈسكۈنىلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق بۇلۇت ئامبىرى، ئادەمسىز تەقسىملەپ يەتكۈزۈش، تۆۋەن بوشلۇق ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەدەت بېرىپ، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تېخنىكىلارنى كەسىپ ساھەسىدە ئەمەلىي قوللىنىش كۆرۈنۈشىنى بېيىتىپ، پۈتۈن زەنجىرلىك مۇساپىنىڭ يۈرۈشۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئەشيا ئوبوروت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشكە تۈرتكە بولىدۇ.

   سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1- ئايدىن 9- ئايغىچە ئورۇندالغان شەھەر ئىچىدە تېز يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى جەمئىي 41 مىليون 588 مىڭ پارچە بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %43.6 ئاشقان؛ ئورۇندالغان باشقا جايغا يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى جەمئىي 152 مىليون 568 مىڭ پارچە بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %28.1 ئاشقان؛ ئورۇندالغان خەلقئارا / شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنگە يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى جەمئىي 1 مىليون 161 مىڭ پارچە بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %647.4 ئاشقان. شەھەر ئىچىگە، باشقا جايغا، خەلقئارا / شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنگە تېز يەتكۈزۈشتىكى كەسىپ مىقدارى ئايرىم- ئايرىم ھالدا بارلىق تېز يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارىنىڭ %21.3، %78.1 ۋە %0.6ىنى ئىگىلىگەن.

(«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ شۈەن خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.