10-ئاينىڭ 27-كۈنى، قۇياش ئەمدىلا كۆتۈرۈلگەندە، كۈنەس ناھىيەسىنىڭ قارابۇرا بازىرى ساخا كەنتىدىكى تاغلىق رايوندىكى يايلاق قۇياش نۇرىدا ئويغاندى. تۇتاش كەتكەن ئېگىز-پەس تاغلار نۇر شولىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، خۇددى ماي بوياق رەسىمدەك ئىستېرېئولۇق تۈسكە كىردى. ئۆزگىرىۋاتقان ھەربىر نۇقتىنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بولمىغان مەنزىرە بولۇپ، ئادەم كۆرۈپ تويمايتتى. كەنت ئەتراپىدا ئۆسكەن تېرەك، قېيىن، ياۋا ئۆرۈك دەرىخى قاتارلىقلارمۇ كۈز رەڭگىگە كىرىپ، جىلغىنى رەڭگارەڭ تۈسكە كىرگۈزگەنىدى.
( كۈنەس ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرلىرى جاڭ ۋېنتىڭ، لى جىنۋېي، شياۋ يىخۇڭ )