شىنجاڭ لوپنۇر ناھىيەسى لوپنۇرلۇقلار كەنتى مەنزىرە رايونىدا ئالتۇن رەڭگە كىرگەن ئورمانلار كۈز مەنزىرىسىنى سۈرەتتەك گۈزەل تۈسكە كىرگۈزگەنىدى (10 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). ئالتۇن كۈز مەزگىلىدە، شىنجاڭدىكى تارىم دەرياسى ۋادىسىنىڭ لوپنۇر بۆلىكىدىكى تەبىئىي توغراقلىق ئەڭ ياخشى تاماشا قىلىش مەزگىلىگە كىردى، ھاۋا بوشلۇقىدىن نەزەر سالغاندا، قۇملۇق، توغراق، دەريا، كۆل، كەنت ـ مەھەللىلەر ئىنتايىن گۈزەل تۈسكە كىرگەن بولۇپ، دۆلەت ئىچى ـ سىرتىدىكى نۇرغۇن ساياھەتچىنى بۇ يەرگە كېلىپ سەيلە ـ ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلدى. □ۋاڭ جىپېڭ فوتوسى






