تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئاپتونوم رايونىمىزدا يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى كۆلىمى مەملىكەت بويىچە 1 ـ ئورۇندا تۇردى

يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى تۇنجى قېتىم يېرىمدىن ئاشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 10 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى، 110 كىلوۋولتلۇق داتاڭ كۇنيۈ يورۇقلۇق ۋولت 3 ـ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ تورلاشتۇرۇلۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى كۆلىمى 84 مىليون 525 مىڭ كىلوۋاتقا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە شامال ئېلېكتىر گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 39 مىليون 99 مىڭ كىلوۋات، يورۇقلۇق ۋولت گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 45 مىليون 426 مىڭ كىلوۋات بولغان. بۇنىڭ بىلەن، شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى كۆلىمىنىڭ شىنجاڭنىڭ پۈتكۈل ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى تۇنجى قېتىم يېرىمدىن ئاشقان.

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، شىنجاڭنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى كۆلىمى 19 مىليون 985 مىڭ كىلوۋات بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە شامال ئېلېكتىر گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 6 مىليون 423 مىڭ كىلوۋات، قۇياش ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 13 مىليون 562 مىڭ كىلوۋات بولۇپ، بۇ يىل يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى كۆلىمى مەملىكەت بويىچە 1 ـ ئورۇندا تۇرغان.

شىنجاڭ مەملىكىتىمىزنىڭ مۇھىم ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قۇياش ئېنېرگىيەسى ۋە شامال ئېنېرگىيەسى بايلىقى زاپاس مىقدارى بىردەك مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى سىجىل ئالغا سىلجىتتى. شىنجاڭ قۇملۇق، قاقاسلىق، چۆللۈك رايونلاردا چوڭ تىپتىكى شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت بازىسى تۈرى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، قومۇل، شەرقىي جۇڭغار، جەنۇبىي شىنجاڭ تارىم ئەتراپىدىن ئىبارەت 10 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك يېڭى ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇپ چىقتى، قۇرۇلۇۋاتقان يېڭى ئېنېرگىيە كۆلىمى 80 مىليون كىلوۋاتتىن ئاشتى. مۆلچەرلىنىشىچە، 2024 ـ يىلىنىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى كۆلىمى 100 مىليون كىلوۋاتتىن ئاشىدىكەن.

يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تىرەك بولۇش، مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى ئېلېكتىر تورىنىڭ يادرولۇق غول تور رامكىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «ئىچكى قىسىمنى تەمىنلەيدىغان بەش ھالقىسىمان تور، سىرتقا يەتكۈزىدىغان تۆت يول» ئاساسىي تور رامكا ئەندىزىسى بەرپا قىلدى. شىنجاڭ مەملىكىتىمىزدىكى 750 كىلوۋولتلۇق تىرانسفورموتور پونكىتى سانى ئەڭ كۆپ، لىنىيەسى ئەڭ ئۇزۇن، 220 كىلوۋولتلۇق تىرانسفورموتور پونكىتىنىڭ قاپلاش دائىرىسى ئەڭ كەڭ، ئېلېكتىر بېسىمى دەرىجە پەرقى ئەڭ چوڭ بولغان ئۆلكە دەرىجىلىك ئېلېكتىر تورى بولۇپ قالدى، شىنجاڭنىڭ شەرقىي قىسمى بىلەن غەربىي قىسمى، جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭدا كېچە ـ كۈندۈزدە، پەسىل ئالماشقاندا شامال ئېنېرگىيەسى بىلەن يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى ئۆزئارا تولۇقلىنىش، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە جەھەتتە ئۆزئارا ياردەم بېرىشنى، يېڭى ئېنېرگىيەدىن ئەڭ زور چەكتە پايدىلىنىش ۋە ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەشنى ئىشقا ئاشۇردى.

بۈگۈنكى كۈندە، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى دۆلەتنىڭ 2 ـ، 3 ـ تۈركۈمدىكى قۇملۇق، چۆللۈك، قاقاسلىق چوڭ تىپتىكى شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت بازىسىنى تورلاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلىمەكتە. ھەرقايسى يورۇقلۇق ۋولت، شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ئارقا ـ ئارقىدىن پۈتۈپ تورلاشتۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى كۆلىمى ۋە ئىگىلىگەن نىسبىتىدە يەنە يېڭى سەۋىيە يارىتىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : 麦麦提艾力

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.