قارا لەيلەك (ئىلمىي نامى: Ciconia nigra) لەيلەكسىمان قۇشلار تۈرى لەيلەك ئائىلىسى لەيلەك ئۇرۇقدىشىدىكى قۇش تۈرى بولۇپ، ئادەتتە قارا لەيلەك، پولات لەيلەك، قېرى تۇرنا دەپ ئاتىلىدۇ (ماتېرىيال سۈرەت).
شىنجاڭ سۈرەتلەر توپلىمى
شىنجاڭ گېزىتى، خوتەن، 10-ئاينىڭ 27-كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ مېي خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا خوتەنلىك قۇش تاماشا قىلىش ھەۋەسكارلىرى خوتەن ناھىيەسى ئەتراپىدىكى سۇلۇق يەردە بىر توپ قارا لەيلەكنىڭ ئويناپ ئوزۇق ئىزدەۋاتقان، لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشكەن ئاز ئۇچرايدىغان كۆرۈنۈشىنى سۈرەتكە تارتىۋالدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ، خوتەن ۋىلايىتىدە تۇنجى قېتىم خاتىرىلەنگەن نەچچە ئون قارا لەيلەكنىڭ «ئۆمەك تەشكىللەپ» شۇ جايدا ماكانلاشقان كۆرۈنۈشى ئىكەن.
قارا لەيلەك بىر خىل چوڭ تىپتىكى لەيلەك بولۇپ، دۇنيادىكى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان قۇش تۈرى، دۆلەت 1-دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋانغا تەۋە. سانى ئىنتايىن ئاز بولغاچقا، قۇشلار ئىچىدىكى «مۈشۈكئېيىق» دەپ نام ئالغان.
خوتەندىكى قۇش تاماشا قىلىش ھەۋەسكارى چېن ۋېنجيېنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇ 10-ئاينىڭ 9-كۈنى خوتەن ناھىيەسىنىڭ يېڭىئېرىق سۇ ئامبىرى ئەتراپىدا قۇش سەيلىسى قىلىۋاتقاندا، بۇ قارا لەيلەكلەرنى تاسادىپىي ئۇچرىتىپ قالغان، بۇ قارا لەيلەكلەر بەزىدە ئېتىز بويىغا توپلىشىپ ئوزۇق ئىزدەپ ئارام ئالسا، بەزىدە سۇ ئامبىرىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا سەپ تۈزۈپ ئۇسسۇلغا چۈشكەن، كۆرۈنۈش ئىنتايىن ھەيۋەتلىك ئىكەن. «دەسلەپتە كۈل رەڭ تۇرنىمىكىن دەپتىمەن، تەپسىلىي قاراپ، ئاندىن قارا لەيلەك ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. شۇ چاغدا دۇربۇندا ساناپ باقسام، ئاز دېگەندە 30ى بار ئىكەن» دېدى ئۇ.
خوتەن ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى ئابلەت مەمەتنىڭ دېيىشىچە، يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئېكولوگىيە-مۇھىتىنىڭ ياخشىلىنىشقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، شۇ جايدا ياشايدىغان پەسىل قۇشلىرىنىڭ تۈرى 300 خىلدىن ئېشىپ، قارا لەيلەك قاتارلىق ئەتىۋارلىق قۇشلارمۇ پات-پات پەيدا بولۇشقا باشلىغان، «خىزمەتچى خادىملار خوتەن يۇرۇڭقاش دەرياسى، قاراقاش دەرياسى، چىرا ناھىيەسى دامكۇ دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى، خوتەن ناھىيەسى دۇڭفاڭخۇڭ سۇ ئامبىرى قاتارلىق سۇلۇق يەرلەرنىڭ ھەممىسىدە قارا لەيلەكنى خاتىرىلىدى».
جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى ما مىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: قارا لەيلەك ھەرىكىتى چاققان، مىجەزى ھوشيار ئىنچىكە ۋە ئۇزۇن پاچاقلىق قۇش بولۇپ، ياشاش ئورنى ۋە ئوزۇقلىنىدىغان سۇ رايونىنىڭ مۇھىتىغا بولغان تەلىپى بىرقەدەر يۇقىرى، يېمەكلىكى مول، سۇ سۈپىتى بىرقەدەر ياخشى بولغان سۈزۈك سۇ رايونىغا ماكانلىشىشنى، بېلىق، پاقا قاتارلىق كىچىك تىپتىكى ھايۋانلارنى تۇتۇپ ئوزۇقلىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ.
«بۇ قېتىم قارا لەيلەكلەر توپلىشىپ خوتەندە پەيدا بولدى، بۇنىڭدىن شۇ جايدىكى سۇ رايونىنىڭ ئېكولوگىيە-مۇھىتىنىڭ بىرقەدەر ياخشى، يېمەكلىكىنىڭمۇ بىرقەدەر مول ئىكەنلىكىنى، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ ئېكولوگىيە-مۇھىتنى قوغداش ئېڭىنىڭ ئۆسۈۋاتقانلىقىنى، قارا لەيلەكنىڭ كۆپىيىشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتىنىڭمۇ ئېشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.» ما مىڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا قارا لەيلەك ئاساسلىقى تارىم ئويمانلىقى ئەتراپىغا ماكانلاشقان. شىنجاڭ گەرچە ھەر يىلى قارا لەيلەكنى خاتىرىلەپ تۇرسىمۇ، لېكىن ھەر قېتىم خاتىرىلەيدىغان سانى ئاران بىر نەچچىدىن ئون نەچچىگىچە بولاتتى، نەچچە ئون قارا لەيلەكنىڭ توپلىنىش ئەھۋالى ھەقىقەتەن ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ.