تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

ھوسۇل %10 ئاشتى، چاقىلىقتا 233 مىڭ 800 مو يەردىكى چىلاندىن مول ھوسۇل ئېلىندى

    ئانار بۇلۇت

10-ئاينىڭ 23-كۈنى، چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ تىكەنلىك بازىرى غولئۆستەڭ كەنتىدىكى چىلانچى دېھقانلار چىلان قاقماقتا.

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چاقىلىق ناھىيەسى ئىلمىي تېرىقچىلىق ۋە پەرۋىش قىلىش ئارقىلىق، چىلاننىڭ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، بازارنى ئۈزلۈكسىز ھالدا ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلات بىلەن تەمىنلىدى. ھازىر چاقىلىقنىڭ چىلانلىق كۆلىمى 233 مىڭ 800 موغا يېتىپ، چىلاندىن قىلىنغان كىرىم شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ كىشى بېشى يىللىق كىرىمىنىڭ %50ىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى. بۇ يىل، ئۆلچەش ئارقىلىق پۈتۈن ناھىيەنىڭ چىلان ھوسۇلىنىڭ 82 مىڭ 100 توننىغا يېتىپ، 2023-يىلىدىكى چىلان ئومۇمىي ھوسۇلىدىن %10 ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. بۇنىڭدىن باشقا، چاقىلىق ناھىيەسى يەنە چىلاننى ئىنچىكە پىششىقلاش كارخانىلىرىنى زور كۈچ بىلەن كىرگۈزۈپ، چىلان كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، چىلان كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇردى.

(ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ)

تور دىكتورى بىۋاسىتە كۆرسىتىش شەكلى ئارقىلىق چىلان ساتماقتا.

چىلانچى دېھقانلار ماشىنا ئارقىلىق چىلانلارنى تازىلىماقتا.

چاقىلىق «چياڭشىن» يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئاقما لىنىيەدە چىلان ئاچچىقسۈيى ئىشلەپچىقارماقتا.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.