ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
10-ئاينىڭ 26-كۈنى، كورلا 2024-يىللىق تۇنجى نۆۋەتلىك «جيېئەنتې لوڭقىسى» دالىدا دالا ۋېلىسىپىتى مىنىشكە جەڭ ئېلان قىلىش مۇسابىقىسىدە، مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار كەسكىن بەسلەشمەكتە.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ لىخۇا فوتوسى، خەۋىرى) ئالتۇن كۈز كۈنلىرىدە، كورلا شەھىرى لۇڭشەن باغچىسىنىڭ ھەممە يېرىنى قاپلىغان ئالتۇن رەڭلىك توغراق كىشىنى مەپتۇن قىلاتتى. 10-ئاينىڭ 26-كۈنى، كورلا 2024-يىللىق تۇنجى نۆۋەتلىك «جيېئەنتې لوڭقىسى» دالىدا دالا ۋېلىسىپىتى مىنىشكە جەڭ ئېلان قىلىش مۇسابىقىسى بۇ يەردە قىزغىن كەيپىياتتا باشلاندى، جياڭسۇ، شەندۇڭ، خېنەن قاتارلىق جايلار ھەم پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىرىدىن كەلگەن 200 ماھىر ھەم كورلا شەھىرىدىن كەلگەن 400دىن ئارتۇق ئامما مۇسابىقىگە قاتناشتى. مۇسابىقە ئەر-ئاياللار گۇرۇپپىسىنىڭ 20 كىلومېتىرغا دالا ۋېلىسىپىتى مىنىشكە جەڭ ئېلان قىلىش مۇسابىقىسى ۋە ئامما بەش كىلومېتىرلىق بەدەن چېنىقتۇرۇش مۇسابىقىسىگە بۆلۈندى.
10-ئاينىڭ 26-كۈنى، كورلا 2024-يىللىق تۇنجى نۆۋەتلىك «جيېئەنتې لوڭقىسى» دالىدا دالا ۋېلىسىپىتى مىنىشكە جەڭ ئېلان قىلىش مۇسابىقىسىدە، مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار مۇسابىقىدىن بۇرۇن مۇسابىقە لىنىيەسى بىلەن تونۇشماقتا.
10-ئاينىڭ 26-كۈنى، كورلا 2024-يىللىق تۇنجى نۆۋەتلىك «جيېئەنتې لوڭقىسى» دالىدا دالا ۋېلىسىپىتى مىنىشكە جەڭ ئېلان قىلىش مۇسابىقىسىدە، ماھىرلار تىك يانتۇلۇق يول بۆلىكىدە ۋېلىسىپىت مىنمەكتە.
كورلا شەھىرى لۇڭشەن باغچىسىنىڭ يولى ئەگرى-بۈگرى ھەم مۇرەككەپ بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە بىر بۆلىكى 40 نەچچە گىرادۇسلۇق تىك يانتۇلۇق. مۇسابىقىدە مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار جان تىكىپ ئېلىشىپ، نەق مەيداندىكى ساياھەتچىلەر ۋە تاماشىبىنلاردا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.
10-ئاينىڭ 26-كۈنى، كورلا 2024-يىللىق تۇنجى نۆۋەتلىك «جيېئەنتې لوڭقىسى» دالىدا دالا ۋېلىسىپىتى مىنىشكە جەڭ ئېلان قىلىش مۇسابىقىسىدە، مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار ئاخىرقى نۇقتىغا كۈچەپ ئاتلاندى.
10-ئاينىڭ 26-كۈنى، كورلا 2024-يىللىق تۇنجى نۆۋەتلىك «جيېئەنتې لوڭقىسى» دالىدا دالا ۋېلىسىپىتى مىنىشكە جەڭ ئېلان قىلىش مۇسابىقىسىدە، ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىگە كىرگەن ماھىرلار لۇڭشەن باغچىسىنىڭ كۈزلۈك كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشماقتا.
مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئالدىنقى ئون ماھىر لۇڭشەن باغچىسىنىڭ كۈزلۈك خالىسانە كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشتى. «كېلەر يىللىق مۇسابىقىگە يەنە قاتنىشىمەن، بۇ يەرگە كېلىپ مەن تىككەن چىنار دەرىخىنىڭ قانداق ئۆسكەنلىكىنى كۆرۈپ باقىمەن» دېدى بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدىكى ئاياللار گۇرۇپپىسىنىڭ چېمپىيونى، كۈيتۈن شەھىرىدىن كەلگەن ماھىر جاۋ لىپىڭ.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى