10-ئاينىڭ 25-كۈنى، چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ تىكەنلىك بازىرى تىكەنلىك كەنتىگە جايلاشقان «يۈنچى خۇاشې» ئائىلىۋى مېھمانخاناسى خەلققە يېقىن باھاسى، ئازادە مۇھىتى بىلەن نۇرغۇن ساياھەتچىنىڭ كېلىپ داكا قىلىشىنى كۈتۈۋالدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تىكەنلىك بازىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، خاس ئائىلىۋى مېھمانخانا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆز جايىدا ئىگىلىك تىكلىشى، ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كەنت كوللېكتىپىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ
ساياھەتچىلەر چاقىلىق ناھىيەسى تىكەنلىك بازىرى تىكەنلىك كەنتى ئۈزۈم ئۆرپ-ئادەت باغچىسىدا نەشپۈت ئۈزۈپ، يېزا تۇرمۇشىنىڭ خۇشاللىقى ۋە گۈزەللىكىنى ھېس قىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چاقىلىق ناھىيەسى ئاممىنى «گۈزەل ھويلا-ئاران» بەرپا قىلىشقا يېتەكلەپ، «گۈزەل ئىقتىساد»قا تۈرتكە بولۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن يېڭى يول ئاچتى.
ساياھەتچى ئۈزۈم ئۆرپ-ئادەت باغچىسىدا توخۇلارغا دان بېرىشنى ھېس قىلماقتا.
ساياھەتچىلەر پارنىكتا گۈل سەيلىسى قىلماقتا.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى