ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر رەن خۇ خەۋەر قىلىدۇ): 10-ئاينىڭ 26-كۈنى، بەش كۈن داۋاملىشىدىغان 14-نۆۋەتلىك شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بېيجىڭ سودا يەرمەنكىسى مەملىكەتلىك يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمىخانىسىدا باشلاندى. ئاپتونوم رايوندىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ۋە بىڭتۇەندىن كەلگەن 200دىن ئارتۇق كارخانا 1000 خىلدىن ئارتۇق خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇپ، ئىستېمالچىلارغا «پىنۋېي شىنجاڭ»دىن «شىنجاڭنىڭ ياخشى جاي» ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇردى.
بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكىدە «شىنجاڭ ياخشى جاي . <پىنۋېي شىنجاڭ> ياخشى مەھسۇلات» باش تېما قىلىنىپ، ئالاھىدە بېزەلگەن كۆرگەزمە رايونىدىن بىرى، ئۆلچەملىك كۆرگەزمە ئورنىدىن 130ى تەسىس قىلىندى، شىنجاڭدىن كەلتۈرۈلگەن ئېسىل ئاشلىق-ياغ مەھسۇلاتلىرى، باغ-ئورمان مەھسۇلاتلىرى، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى، سۇ مەھسۇلاتلىرى، كۆكتات، جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى، ئۈزۈم ھارىقى قاتارلىق توققۇز چوڭ تۈردىكى 1000 خىلدىن ئارتۇق خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى مەركەزلىك كۆرگەزمە قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىن كەلگەن 200دىن ئارتۇق سېتىۋېلىش سودىگىرىنى جەلپ قىلدى.
شىنجاڭ شياۋچۇ يېمەكلىك چەكلىك شىركىتى كۆرگەزمە سۇپىسىنىڭ ئالدى ئىستېمالچىلار بىلەن لىق تولغان بولۇپ، بۇ شىركەت ئىشلەپچىقارغان شوخلا قىيامى بېيجىڭ شەھىرى ئاھالىلىرى مەسلىھەت سوراپ سېتىۋالىدىغان بازارلىق تاۋار بولۇپ قالدى.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رەن خۇ فوتوسى
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى سودا يەرمەنكىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى-يېزا نازارىتى، سودا نازارىتى، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش كومىتېتى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى، ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى، ئاشلىق ۋە ئەشيا زاپىسى ئىدارىسى، تەمىنات-سودا ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىرلەشمە كوپىراتىپى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ خوتەنگە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى ئۆتكۈزۈشكە ھەمكارلاشقان. يەرمەنكىدە كۆرگەزمە قىلىش-سېتىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، تور ۋە تور سىرتىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، تور سىرتىدىكى يەرمەنكىنى كۈچەپ ياخشى ئۆتكۈزۈش بىلەن بىللە، يەنە دۆلەت ئىچىدىكى تەسىر كۈچىگە ئىگە بىۋاسىتە كۆرسىتىش ۋە ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى بىلەن بولغان ھەمكارلىق كۈچەيتىلىپ، توردا تونۇشتۇرۇش يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرى پىلانلاپ قانات يايدۇرۇلۇپ، تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭ كارخانىلىرى ۋە ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىغا كىرىپ، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تەشۋىق قىلىش ۋە كۆرگەزمە قىلىپ سېتىشقا يېتەكلەنگەن.