يېقىندا، مەكىت ناھىيەسىنىڭ ھاڭغىتلىق يېزىسى ئاقبۆلمە كەنتىدىكى قوناق تېرىقچىلىق بازىسىدا، قىپقىزىل قوناق باشاقلىرى ئېتىزلىقنى رەڭدار تۈسكە كىرگۈزدى، چوڭ تىپتىكى كومبايىننىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازىغا ئەگىشىپ، تولۇق پىشقان قوناق بېشى يىغىلىپ، ئاپتوموبىلغا قاچىلىنىپ پىششىقلاش بازىسىغا توشۇلدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ھاڭغىتلىق يېزىسى ئۆز جايىنىڭ تۇپرىقى ۋە كىلىمات شارائىتىغا ماس كېلىدىغان ئەلا سۈپەتلىك قوناق سورتىنى كۆڭۈل قويۇپ تاللاپ تېرىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرى ئېتىز باشلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، دېھقانلارنى ھەر تەرەپلىمە تېخنىكا يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلەپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى. (ئىختىيارىي مۇخبىرلار ئاينۇر سەپەر، ئوسمان مەمەت، گۈلشات بارات)
يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرى قوناقلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.
تولۇپ ئۆسكەن قوناق باشاقلىرىدىن خۇش ھىد كېلىپ تۇرىدۇ.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى