بوران ئاستا-ئاستا پەسىيىپ
ئۈرۈمچىدە ئاسمان كۆپكۆك تۈسكە كىردى
10-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى ھاۋا دەل كۆپچىلىكنىڭ ئارزۇسىدەكلا بولدى
گەرچە ھەپتە ئاخىرى ئاخىرلىشاي دەپ قالغان بولسىمۇ
قۇياش نۇرى يەنىلا سېخىيلىق بىلەن نۇر چېچىپ
بىر ھەپتىلىك چارچاشنى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە غايىب قىلدى
بىراق، 10-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن باشلاپ
ئۈرۈمچى يېڭى بىر نۆۋەتلىك
ھۆل-يېغىنلىق، تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايىنى كۈتۈۋالىدۇ
خۇش خەۋەر شۇكى:
ئاساسلىق شەھەر رايونىدا ئازراق يامغۇر ياغىدۇ
ھۆل-يېغىن كۆرۈلىدىغان ئاساسلىق ۋاقىت
10-ئاينىڭ 28-كۈنى كېچىگە مەركەزلىشىدۇ
شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ ئىشقا بېرىپ-كېلىشى ۋە سەپىرىگە قولايسىزلىق ئېلىپ كەلمەيدۇ
ئەمما،
ئۈرۈمچىنىڭ تېمپېراتۇرىسىمۇ
يەنە بىر قېتىم «سۇغا سەكرەش» تەنھەرىكىتىدەك تېز تۆۋەنلەپ
ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇر بىر خانىلىق سانغا قايتىدۇ
كۈزلۈك كىيىم، يۇڭ ئىشتان ۋە پەلتۇلىرىڭىزنى چىقىرىپ
تۆۋەن تېمپېراتۇرىغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى تەييارلىقىنى قىلىڭ
ئۈرۈمچىنىڭ كەلگۈسى 24 سائەتلىك ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇماتمۆلچەرلىنىشىچە، 10-ئاينىڭ 28-كۈنى كۈندۈزى
ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ، ئازراق يامغۇر ياغىدۇ
جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى ۋە تاغلىق رايونلاردا ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ كېيىن يامغۇر ئارىلاش قارغا ئۆزگىرىدۇ
4 ~ 3 بال غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ
داۋانچىڭدا ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ، 7 بالدىن 8 بالغىچە قىيپاش غەرب ئۆتكۈنچى بورىنى چىقىدۇ
ئۈرۈمچىنىڭ كەلگۈسى 48 سائەتلىك ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات
10-ئاينىڭ 28-كۈنى كېچىدىن 10-ئاينىڭ 29-كۈنى كۈندۈزگىچە
ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئازراق يامغۇر يېغىپ كېيىن بۇلۇتلۇق بولىدۇ
جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى ۋە تاغلىق رايونلاردا يامغۇر ئارىلاش قار ئوتتۇراھال قار ياكى قېلىن قارغا ئۆزگىرىدۇ
4 بالدىن 5 بالغىچە غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ
داۋانچىڭدا يامغۇر ئارىلاش قار يېغىپ كېيىن بۇلۇتلۇق ھاۋارايىغا ئۆزگىرىدۇ
9 ~ 8 بال قىيپاش غەرب ئۆتكۈنچى بورىنى چىقىدۇ
ھەرقايسى رايونلاردا تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدۇ
تۇرمۇش ئەسكەرتمىسى
ھازىر دەل قىرو مەزگىلى
ئەتىگەن ۋە كەچتە تېمپېراتۇرا بىرقەدەر تۆۋەن، ھاۋا سوغۇق
كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى كۆرۈنەرلىك چوڭ
كۆپچىلىككە شۇنى ئالاھىدە سەمىمىي ئەسكەرتىمىزكى
سىرتقا چىقىپ پائالىيەت قىلغاندا، چوقۇم قېلىنراق كىيىنىۋېلىڭ
ئىسسىق ساقلاش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىڭ
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى