تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

يۈز يىللىق ۋاڭسەن كوچىسىنىڭ ھەممىلا يېرى «بىر ئائىلە كىشىلىرى»دەك ئىناقلىققا تولغان

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى

10 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى، ئاقسۇ شەھىرى ۋاڭسەن كوچىسىغا جايلاشقان بىر ئائىلە كىشىلىرى ئەتىگەنلىك، كەچلىك بازىرىدىكى شېرىن تاتلىق تۇرۇم دۇكىنىنىڭ دۇكان ئىگىسى مەدىنەم تۇرغۇنغا قوش خۇشاللىق بولدى دېيىشكە بولىدۇ.

شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شېرىن تاتلىق تۇرۇم دۇكىنى رەسمىي تۈردە 2024 ـ يىلى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ «ئانار قىزاردى . ئاياللار ھۈنەرخانىسى» تۈرى قوللىغان پىشرۇقخانا بولۇپ قالدى، بۇ، ئەمدىلا ئىگىلىك تىكلەشكە باشلىغان مەدىنەمگە نىسبەتەن بىر زور خۇشاللىق ئىش بولدى.

ئىككىنچى خۇشاللىق ئىش بولسا، مەدىنەمنىڭ يېڭى «تۇغقىنى» بار بولدى. تۈرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كەلگەن ئەزىز مېھمانلار ئىچىدە، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئايال كارخانىچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى، ئاقسۇ شەھەرلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ ئىجرائىيە جەمئىيەت باشلىقى لى لىنشيا شۇ جايدىكى پىشۇرۇق ساھەسىدىكى باشلامچى كارخانىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ، مەدىنەم تەشەببۇسكار ھالدا ئۇنىڭ بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«ئاچا، 2018 ـ يىلى مەن تېخى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندىلا، ۋاڭسەن كوچىسىنى بىلەتتىم. ئەينى يىلى قۇرۇلغان ۋاڭسەن كوچىسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى پۈتۈن شىنجاڭدىكى تۇنجى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ» دېدى مەدىنەم.

«ئالتە يىل ئىلگىرى، مەن ۋاڭسەن كوچىسىدا كىيىم ـ كېچەك دۇكىنى ئاچىدىغان رۇقىيەم تۇنىياز بىلەن تۇغقانلاشقانىدىم، ھازىر بۇ كوچىدا يەنە بىر سىڭلىم كۆپەيدى. بۇنىڭدىن كېيىن ئاچا ـ سىڭىل ئىككىيلەن بىرلىكتە تىرىشىپ پىشۇرۇق سودىسىنى تېخىمۇ زورايتىمىز» دېدى لى لىنشيا مەدىنەمنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ.

بۇ كۈنى، ئاقسۇ شەھەرلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى جاۋ بىن مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى ياسىنجان ئىلىككە تېلېفون قىلىپ مۇنداق دېدى: «نەچچە كۈندىن كېيىن جەمئىيىتىمىز كۆيۈپ يارىلانغان، توشقانكالپۇك بالىلارنى شەكىل تۈزەش ئوپېراتسىيەسى قىلىدىغان مەخسۇس بىر مەيدان مېھىر ـ شەپقەت پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ، سىز نەق مەيدانغا بېرىپ مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئاغرىق بالىلارغا مەدەت بېرىڭ ـ ھە».

15 يىلدىن بۇيان شەخسىي ئاپتوموبىلىنى ئومۇم ئۈچۈن ئىشلىتىپ، مەملىكەت بويىچە 239 شەھەردە ئىز قالدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى 200 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ھەقسىز توشۇغان ياسىنجان 9 ـ ئاينىڭ ئاخىرى شەرەپ بىلەن «مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى شەخس» دېگەن نامغا ئېرىشكەن بولۇپ، ھازىر ھەرقايسى جايلاردا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى خىزمىتىدىكى تەجرىبە ۋە ئۇسۇللاردىن لېكسىيە سۆزلەۋاتاتتى.

ياسىنجان ۋاڭسەن كوچىسىدا چوڭ بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ھەمراھ بولغىنى ۋاڭسەن كوچىسىدىكى بارغانسېرى تەسىرلىك، ئۇزاققىچە داۋاملاشقان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىلىرى ئىدى.

ئېسىنى بىلگەندىن باشلاپ، ياسىنجان چوڭلاردىن «ۋاڭسەن كوچىسى»نىڭ كېلىپ چىقىش تارىخىنى دائىم ئاڭلاپ تۇراتتى:

چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدا، تيەنجىنلىك سودىگەر ۋاڭ فۇسەي ئاقسۇدا جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرىنى سېتىۋېلىۋاتقاندا ئاتتىن يىقىلىپ چۈشۈپ ئوڭ پۇتى سۇنۇپ كەتكەن، شۇ جايدىكى ئۇيغۇر يۇرتداش روزىنىڭ ئۆيىدە بىر يىلدىن كۆپرەك دەم ئېلىپ كۈتۈنگەن. ساقايغاندىن كېيىن، روزى ئۆزىنىڭ ھۈسەن دېگەن ئوغلىنى ۋاڭ فۇسەيگە بېقىۋېلىشقا بەرگەن ھەم ئىسمىنى «ۋاڭ سەن» دەپ ئۆزگەرتكەن. ۋاڭ سەن بېقىۋالغان ئاتىسى ۋاڭ فۇسەيگە ئەگىشىپ تيەنجىنگە بېرىپ، جۇڭيى تېبابىتى ۋە سودا قىلىشنى ئۆگەنگەن. كېيىن، ۋاڭ فۇسەي ۋاڭ سەننى ئېلىپ ئاقسۇغا كېلىپ تۇغقانلىرىنى ئىزدىگەن، لېكىن ئۇرۇش مالىمانچىلىقى تۈپەيلىدىن ئۇرۇق ـ تۇغقانلىرىنى تاپالماي، ۋاڭ سەننىڭ ئەينى يىللاردىكى كونا تۇرالغۇسى تۇرۇشلۇق جايدىن چوڭ بىر پارچە يەرنى سېتىۋېلىپ بازار قۇرغان. ۋاڭ فۇسەينىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاق كۆڭۈل ۋاڭ سەن يىراق ـ يېقىنغا داڭلىق جۇڭيى تېۋىپىغا ئايلانغان. ھالبۇكى، ۋاڭ سەن ئەينى يىلى تېۋىپلىق قىلغان كوچىنى شۇ جايدىكى كىشىلەر «ۋاڭسەن كوچىسى» دەپ ئاتىغان.

«جۇڭخۇا مىللىتى بىر چوڭ ئائىلە، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ھەممىسى ياخشى كۈن كەچۈرۈشى كېرەك. ئىلگىرى ۋاڭ سەن قىلالىغان ئىشنى بۈگۈنكى كۈندە مەنمۇ قىلىشىم كېرەك.» ياسىنجان دائىم مۇشۇنداق ئويلايتتى.

2016 ـ يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ئىگىلىك تىكلەپ ئاز ـ تولا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ياسىنجان ۋاڭسەن كوچىسىدىكى مەقسەت ـ نىشانى بىردەك بولغان جاۋ بىن، مەمەتجان قاسىم قاتارلىق بىر قىسىم سودىگەرلەر بىلەن تەشەببۇسكار ھالدا ئاقسۇ شەھىرى شىڭلۇڭ كوچىسىدىكى بىر قىسىم سودىگەرلەر بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدى. ئەينى چاغدا، ۋاڭسەن كوچىسىدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى سودىگەر ۋە كەسىپكار ئاز سانلىق مىللەتتىن ئىدى، شىڭلۇڭ كوچىسىدىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى سودىگەر ۋە كەسىپكار بولسا خەنزۇ مىللىتىدىن بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان مىللەتتىن بولغان سودىگەرلەر تۇغقانلاشقاندىن كېيىن، دائىم ئۆزئارا بېرىش ـ كېلىش قىلىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، سودىسى بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كەتتى.

ئاي ـ يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ شەھەر رايونى كۆلىمى كېڭەيدى، ۋاڭسەن كوچىسىدىكى «بىر ئائىلە كىشىلىرى»نىڭ تەسىرىمۇ بۇ شەھەردە بارغانسېرى كېڭەيدى.

جاۋ بىن مۇنداق تونۇشتۇردى: 2020 ـ يىلىغا بارغاندا، ۋاڭسەن كوچىسى بىلەن شىڭلۇڭ كوچىسىدىكى قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغان سودىگەرلەر ئەڭ دەسلەپكى 30 نەچچە جۈپتىن تەرەققىي قىلىپ 300 نەچچە جۈپكە يەتتى. «بىر ئائىلە كىشىلىرى ئاشخانىسى» «بىر ئائىلە كىشىلىرى سودا شەھەرچىسى» «بىر ئائىلە كىشىلىرى ئەتىگەنلىك ـ كەچلىك بازىرى» «بىر ئائىلە كىشىلىرى كۆكتات دۇكىنى» «قەلبداشلار دۇكىنى»... ۋاڭسەن كوچىسىدىكى نۇرغۇن كارخانا ۋە دۇكان «بىر ئائىلە كىشىلىرى» «قەلبداشلار» دېگەن نام بىلەن ئاتالدى.

«ئەسلىدىكى ۋاڭسەن كوچىسى شىنخۇا كىتابخانىسىدىن خەلق يولىغىچە بولغان بۇ بۆلەك كوچا بىلەنلا چەكلىنەتتى، ھازىر ئاقسۇلۇقلارنىڭ قەلبىدىكى يېڭى ۋاڭسەن كوچىسى بولسا قىزىل كۆۋرۈك كوچىسىدىن ئىبارەت بۇ بىر دائىرىدىكى سودا چەمبىرىكىنى كۆرسىتىدۇ، شىڭلۇڭ كوچىسىمۇ شۇنداق» دېدى جاۋ بىن.

ھالبۇكى، «بىر ئائىلە كىشىلىرى»دەك قويۇق كەيپىيات ۋاڭسەن كوچىسى، شىڭلۇڭ كوچىسى بىلەنلا چەكلەنمىدى، ئاقسۇ شەھىرىدىكى ھەرقايسى يېزا ـ بازار ۋە كوچا باشقارمىلىرىنىڭ ھەممىسىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ خىزمەت ئالاقە پونكىتى بار بولۇپ، جەمئىيەت ئەزالىرى 20 مىڭدىن كۆپرەككە يەتتى.

ۋاڭسەن كوچىسى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ نام كارتىسى بولۇپ قالدى، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھۆكۈمەت تارماقلىرى، ئورۇنلار ھەمدە جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى دائىم بۇ يەرگە كېلىپ ئېكسكۇرسىيە، ئۆگىنىشتە بولىدۇ، شىنجاڭ ئىچى ـ سىرتىدىكى ساياھەتچىلەر ئاقسۇ شەھىرىگە كەلسە چوقۇم بۇ يەرگە كېلىپ داكا قىلىدۇ. يۈز يىل داۋاملاشقان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىلىرى، دائىم ئۆتكۈزۈلىدىغان «ئانار كۈنى» «يۈز ئائىلە زىياپىتى» «قوشنىلار بايرىمى» قاتارلىق پائالىيەتلەر شۇنداقلا ئۆزگىچە مەززىلىك تائاملار ۋە دەريا بويىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى ۋاڭسەن كوچىسىنىڭ ئۆزگىچە جەلپكارلىقىدۇر.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.